جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

خىزمەت ۋاقتىدا چاشكا نامىزى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

    رەسمى خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتنى كېچىكتۈرمەي ياكى ئاقساتماي چاشكا نامىزى ئادا قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    چاشكا نامىزى ئادا قىلىش سۈننەتتۇر ۋە ئارتۇقچىلىق باردۇر، ئەگەر سىز خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، نامازنى ئادا قىلىش سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەتكە تەسىر كۆرسەتمىسە، چاشكا نامىزىنى ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما نامازنى ئادا قىلىش، سىزنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا  چاشكا نامىزى ئادا قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ناماز سىزنى ۋاجىپ بولغان خىزمىتىڭىزدىن مەشغۇل قىلىپ قويدى. ["شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 2-توم 167-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى