پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

باھانى كونترول قىلىش ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان ماللارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا

سۇئال

    بىزنىڭ يېنىمىزدا تىجارەت قىلىدىغان بەزى كىشىلەر بازاردا مەلۇم بىر مالنىڭ باھاسى ياخشىلانسا، بازاردىكى شۇ خىلدىكى ماللارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالىدۇ، شۇ ئارقىلىق باھانى كونترول قىلىپ باھاسىنى ئاشۇرۇپ ساتىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟بۇ شەكىلدە كەسىپ قىلىش ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەقىقەتەن مۇسلمانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان زۈرۈر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن سېتىۋېلىپ بازارنى كونترول قىلىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ مۇسۇلمانلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شەرىئەت چەكلىگەن بېسىمدارلىقدۇر. بۇنداق قىلىدىغانلارنى توسۇش ۋە چەكلىمە قويۇش كېرەك. ئەگەر ئىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بازار باھاسىنى كونترول قىلىش نامى بىلەن كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ. شەھەر باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئەمما بۇ نەرسىلەر ئومۇمى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولمايدىغان پەقەت ئېھتىياجدىن تاشقىرى نەرسە بولسا ياكى بۇ باشقا بازاردا ۋە باشقا دۇكانلاردا قىينالماستىن تېپىلىدىغان نەرسىلەردىن بولسا، بۇ چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ھەرقانداق ھالەتتە كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىش توغرا بولمايدۇ".

["شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 3-توم 60-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى