جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پۇل ئالماشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ياساش زاۋۇتىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

97327

تارقاتقان ۋاقىت : 04-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 336

سۇئال

   پۇل ئالماشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ياساش زاۋۇتىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بۇنى جازانە بانكىسى سېتىۋالامدۇ ياكى باشقا جازانە ئورۇنلىرى سېتىۋالامدۇ بۇنى بىلمەيمىز، بۇنداق ئۈسكىنىنى ئاساسەن شەھەردىكى جازانە بانكا ئورۇنلىرى سېتىۋالىدۇ، مەن بۇنداق ئۈسكىنىنى ياسىمايمەن، لېكىن شۇ زاۋۇتتا ئىشلەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر بۇ ئۈسكۈنىلەر جازانە شەكىلدە قەرز بېرىش ۋە قەرز قايتۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان بولسا، بۇنى ياساش توغرا بولمايدۇ ۋە ئۇنى جازانىغا ئىشلىتىدىغان كىشىگە سېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    جازانە بانكىلىرىغا بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ بېرىش ۋە سېتىپ بېرىش بولسا، جازانىدىن ئىبارەت مۇشۇ چوڭ گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. باشقا گۇناھلار توغرىسىدا كەلمىگەن ئازاب ۋە تەھدىد جازانە توغرىسىدا كەلگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ  تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر» [سۈرە بەقەرە 278-279-ئايەت].

    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جازانە ئالغۇچى، بەرگۈچى، يېزىپ بەرگۈچى، شاھىت بولغۇچىلارغا لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش دېگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى1598-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئىنساننىڭ بىلىپ تۇرۇپ بىر دىرھەم جازانە يېگىنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە گۇناھ جەھەتتە ئوتتۇز ئالتە قېتىم زىنا قىلغاندىنمۇ ئېغىردۇر» [تەبرانىي رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3375-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىسلام بانكىسىغا ياساپ بەرسە ياكى جازانە بانكىسى بولسىمۇ ئۇ ئۈسكىنىنى جازانە ئىشلىرغا ئىشلەتمەيدىغان بەلكى توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بانكىلار پۇل تارتىش، پاتۇرا ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بولسا ئۇلارغا ياساپ بېرىش ۋە سېتىش توغرا بولىدۇ. شۇنداقلا جازانە بانكىسى بولسىمۇ بولىدۇ. جازانە بانكىلىرى بىلەن جازانىگە ئالاقىسى بولمىغان توغرا بولغان ئېلىم-سېتىم مۇئامىلىلىرىنى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلار بىلەن گەرچە ئۇلار جازانە يەيدىغان بولسىمۇ ئېلىم-سېتىم مۇئامىلىلىرى قىلاتتى. 39881- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۇ ئۈسكىنىنى سېتىۋالىدىغان بانكىنىڭ ئەھۋالىدا ئىككىلىنىپ قىلىش بولسا، كۈچلۈك قاراشتا؛ ئۇنى ھارامغا ئىشلىتىدۇ دەپ قارالسا، ئۇلارغا ياساپ بېرىش ۋە سېتىپ بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ. ئەمما كۈچلۈك قاراشتا ئۇلار توغرا ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ دەپ قارالسا، ئۇلارغا ياساپ بېرىش ۋە سېتىپ بېرىش توغرا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى