پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئىلمى ئۇنۋان ماقالىلىرىنى يېزىپ ئوقۇغۇچىلارغا سېتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئېنتىرنېتتىن بەزى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئىزدەپ چىقىرىپ، ئۇنى ئېنتىرنېتتىن پايدىلىنىشنى ياخشى بىلمەيدىغان ياكى بۇنداق شارائىتى بولمىغان، ئۇنىۋېرسىتېتىلارغا تەقدىم قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ساتسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

   ئەگەر ئوقۇغۇچى مۇشۇ سېتىۋالغان ئىلمى ماقالە بىلەن دىپلوم ئالسا ياكى دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە ياكى شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ئىش ھارام بولىدۇ، ئالدامچىلىق بولىدۇ، خىيانەت بولىدۇ، بۇنى مەيلى ئېنتىرنېتتىن ئالسۇن ياكى باشقا جايدىن ئالسۇن ياكى ئۆزى يېزىپ بەرسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئىلمى ماقالە يېزىش دېگەن ئوقۇغۇچىنى ئۇنىڭغا كۆندۈرۈش، ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىق نىشانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمى ماقالىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى يېزىشى كېرەك، ئۇنداق قىلماي باشقىلاردىن سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ نامىدىن تەقدىم قىلسا، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىق بولىدۇ.

    باشقىلارغا ئىلمى ماقالە يېزىپ بەرگۈچىلەر خاتالاشقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار بۇ ماقالىنى پۇلغا يېزىپ بەرسۇن ياكى بىكارغا يېزىپ بەرسۇن ئوخشاشلا ئالدامچىلىق، يالغانچىلىققا ياردەم بەرگەن، لايىق بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ دىپلوم ئېلىشى ۋە يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشىشىگە ھەسسە قوشقان بولىدۇ، بۇ ئومۇمى بۇزۇقچىلىق ۋە ئۈممەتنى ئالداشتۇر، بۇنىڭ بىلەن لاياقىتى بولمىغان كىشىنى ۋەزىپىگە قويۇش ۋە لاياقىتى بولمىغان كىشىنى ئۈممەتكە رەھبەر قىلىش كېلىپ چىقىدۇ.

    ئىلمى ماقالە يېزىپ ساتقان پۇل ئوچۇق ھارامدۇر، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھارامدىن غىزالانغان بەدەنگە دوزاخ ئوتى بەك لايىقتۇر». [تەبەرانى ۋە ئەبۇ نۇئەيىم رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا 4519-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى كىشىلەر باشقىلارغا پۇل بېرىپ تەتقىقات ماقالىسى، ئۇنۋان ماقالىسى يازدۇرىدۇ ياكى كىتابلارنى تەھقىق قىلدۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ : "سوئالدا بايان قىلىنغاندەك ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بەزى ئوقۇغۇچىلار باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئىلمى تەتقىقات ۋە ئۇنۋان ماقالىلىرى يازدۇرۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىلمى دىپلومغا ئېرىشىدۇ ياكى كىتابلارنى تەھقىق قىلدۇرىدۇ. ماقالە يازىدىغان كىشىگە: ماڭا پالانچىنىڭ تەتقىقات ماقالىسىنى مۇراجىئەت قىلىپ بىرىڭ ياكى ماڭا ئاۋۇ كىشىلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تەييار قىلىپ بېرىڭ دەپ ھەق بېرىدۇ، ئاندىن  باشقىلار تەييارلىغان ماقالىنى تەقدىم قىلىپ ئىمتىيازغا ئېرىشىپ ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئىلمى تەتقىقاتچىلارنىڭ سېپىگە كىرىۋالىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەقسىتىگە زىت ۋە ئەمەلىيەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. مېنىڭ قارىشىمچە بۇ خىيانەتنىڭ بىر تۈرى، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ياكى شەخسنىڭ مەقسىتى پەقەت دىپلومغا ئېرىشىش،  مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ كىشىدىن دىپلومغا ئېرىشكەن تىيما توغرىسىدا بىر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا ھەرگىز جاۋاپ بېرەلمەيدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارغا كىتاپ تەھقىق قېلىپ بېرىدىغان ياكى ئىلمى ماقالە يېزىپ بېرىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇنىڭ كېلىپ چېقىدىغان يامان ئاقىۋەتتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك، مەن دەيمەنكى، باشقىلارغا ياردەم بەرسە بولىدۇ، لېكىن بىر پۈتۈن ماقالىنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ بېرىدىغان شەكىلدە بولسا توغرا بولمايدۇ.   

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى مەنپەئەتلىك ئىلىم، ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن، ھەقىقەتەن ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىجابەت قىلغۇچىدۇر". "كىتابۇل ئىلىمدىن" ئېلىندى.    

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى