جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەددۇئا قىلىشى توغرىسىدا

90178

تارقاتقان ۋاقىت : 01-06-2014

كۆرگۈچىلەر : 3894

سۇئال

ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەددۇئا قىلىشى، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا سەۋەبسىزلا شۇنداق دۇئالارنى قىلىشى توغرا بولامدۇ؟، شۇنىڭ ئوخشىغان دۇئالار ئىجابەت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەرزەنت بولسا ھاياتى دۇنيانىڭ زىننەتلىرىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا تەرجىمىسى: مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقا دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. [سۈرە كەھف 46-ئايەت].

پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز قارچۇغۇسى، يۈرەك-باغرى تۇرسا، ئاتا-ئانا قانداقمۇ ئۇلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىدۇ؟!!!.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ. ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنت، مال-مۈلۈك ۋە ئۆز نەپسىلىرىگە بەددۇئا قىلىشتىن چەكلىگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ، ئەۋلادلىرىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلماڭلار، ئەگەر دۇئالىرىڭلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسا، دۇئالىرىڭلار ئىجابەت بولۇپ كېتىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 3014-ھەدىس].

ئاتىنىڭ بالىسىنىڭ پايدىسى ياكى زېيىنى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك دۇئا چوقۇمئىجابەت قىلىنىدۇ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتىنىڭ بالىسىغا قىلغان دۇئاسى. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3862-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 596-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ 7197-ھەدىستە: ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بەددۇئا قىلىشى دېگەن ئىبارەت بىلەن كەلتۈرگەن.

ئاتا-ئانىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقنىڭ كۆپ قىسمى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان بەزى قىلمىشلار سادىر بولسا دەرھال ئۇلارنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلىشتۇر. توغرىسى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ توغرا يول تېپىشىنى،ئۇنىڭدىن تىلەپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

جانابى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان چەكسىز مەرھىمىتى سەۋەبلىك، ئاتا-ئانىلار غەزەبلەنگەن ۋە ئاچچىقلانغان پەيتلەردە پەرزەنتلىرىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّـهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُم بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ ۖ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ تەرجىمىسى: ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز. [سۈرە يۈنۈس 11-ئايەت].

ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا (2554) توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھرىبانلىقى، كۆيۈمچانلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىپ، غەزەبلىنىپ ئۆزىنىڭ، مال-مۈلكىنىڭ ياكى ئەۋلادلىرىنىڭ زىيىنىغا قىلغان بەددۇئاسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يەنى ئىجابەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەقىقى يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ دۇئا قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇنداق شارائىتتا قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىندۇر. شۇنىڭدەك ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ، ئەۋلادلىرىنىڭ ۋە مال-مۈلكىنىڭ پايدىسى، بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىكەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دۇئاسىنى ھەرقانداق ھالەتتە ئىجابەت قىلىدۇ" تۈگىدى.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى