پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى قاچان باشلايدۇ؟

سۇئال

ھازىر بىزنىڭ يىللىق دەم ئىلىش ۋاقتىمىز بار، مەن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى قاچان باشلىسام بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەۋۋال ئېيىنىڭ روزىسىنى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى روزا ھېيت كۈنى (شەۋۋالنىڭ بىرىنچى كۈنى) روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا قايسى ۋاقىتتا تۇتسىڭىز بولىدۇ، ياخشى ئىشنى تىزدىن ئادا قىلىش ياخشىدۇر.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى رامىزان روزىسىغا ئەگەشتۈرۈپ ھېيت كۈنىدىن كېيىنلا تۇتۇش كېرەكمۇ ياكى ھېيتتىن بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزۈپ شەۋۋال ئېيى ئاخىرلاشقىچە تۇتساق بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:

    شەۋۋالنىڭ روزىسىنى ھېيتتىن كېيىنلا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ھېيتتىن بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ تۇتسىمۇ، ئالتە كۈنلۈك روزىنى ئارقىمۇ-ئارقا تۇتسىمۇ ياكى شەۋۋال ئېيىدا قانداق تۇتۇش مۇۋاپىق بولسا شۇ بويىچە تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ پەرز روزا ئەمەس بەلكى نەپلە روزا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار.

    ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10-توم 391-بەت