پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئۇ ۋاجىبمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

پەرز قىلىنغان رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى ياخشى كۆرۈلگەن سۈننەت ئەمەللەردىندۇر. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان، بۇ روزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كۆپ بولىدۇ. بۇ ئالتە كۈندە روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن يىل بويى تولۇق روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ ئۇنىڭغا شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇتقان كىشى ئۈچۈن يىل بويى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ روزىنى چۈشەندۈرۈپ: روزا ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئالتە كۈن روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر يىل روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، (بىر ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ئۇنىڭ ئون باراۋېرىدە ساۋاپ بېرىلىدۇ) دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى ئۇنىڭ ئون باراۋېرىدە قىلدى، رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى ئون ئاي روزا تۇتقانغا باراۋەر، شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا بىر يىل تولۇق روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ،» دېيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. "ئەتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب" ناملىق سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 421-بەتتە بايان قىلىنغان.

بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى خۇزەيمە رەھىمەھۇللاھ: رامىزان ئېيىنىڭ روزىسى ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە بولىدۇ، شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى ئىككى ئايغا باراۋەر بولىدۇ،شۇنىڭبىلەنھەممىسى بىر يىل روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ، دېگەن مەزمۇندا رىۋايەت قىلغان.

ھەنەپىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىكى پىقھى ئالىملىرى ئوچۇق بايان قىلىپ: رامىزان روزىسىدىن كېيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، تولۇق بىر يىل پەرز روزا تۇتقانغا باراۋەر بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ، ئەجىر-ساۋابنىڭ زىيادە بولىشى ئومۇم بولۇپ نەپلە روزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق بىر ياخشىلىق ئەجىر-ساۋاپتا ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە بولىدۇ، دەپ ئېزاھلايدۇ.

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ مۇھىم پايدىلىرىدىن: رامىزان روزىسى جەريانىدا يۈزبەرگەن بەزى كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاش، چۈنكى رامزاندا روزا تۇتقۇچى تۇتقان روزىغا سەلبى تەسىرى بولىدىغان كەمچىللىك-خاتالىقلاردىن خالى بولالمايدۇ، شۇنىڭدەك قىيامەت كۈنىدە پەرز ئەمەللەرنىڭ كەمچىلىكى نەپلە ئەمەللەر بىلەن تولۇقلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى ئىنساننىڭقىلغان ئەمەللىرىدىن تۇنجى بولۇپ نامازنىڭ ھېسابى ئېلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچى زات، پەرىشتىلەرگە: بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار، تولۇق ئادا قىلدىمۇ ياكى تولۇق بولمىدىمۇ؟ ئەگەر تولۇق بولسا، تولۇق دەپ يېزىڭلار، ئەگەر تولۇق بولمىسا، قاراپ بېقىڭلار! بەندەمنىڭ نەپلە ئەمەللىرى بارمۇ؟ئەگەر نەپلە ئەمەللىرى بولسا، شۇنىڭ بىلەن پەرز ئەمەللىرىنى تولۇقلاڭلار دەيدۇ، باشقا ئەمەللەرمۇ شۇ بويىچە ھېساب قىلىنىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد