پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانى كىم ياراتتى دەپ سورىغان كاپىرلارغا جاۋاپ بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن كاپىرلارغا: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەرنى ياراتتى دېگىنىمدە، ئۇلار مەندىن: ئاللاھ تائالانى كىم ياراتتى؟ ئاللاھ تائالا ئەزەلدىن قانداق بار بولغان؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ سوئاللىرىغا قانداق جاۋاپ بېرىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: كاپىرلار تەرىپىدىن سىزگە قويۇلغان بۇ سۇئال ئەسلىدىن توغرا بولمىغان باتىل ۋە ئۆزىگە زىت بولغان سوئالدۇر.

مەسىلەن: بىز ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلدۇق دەپ پەرەز قىلساق، ئاللاھ تائالانى بىرسى ياراتتى دېسەك (ئاللاھ ئۇنىڭدىن پاكتۇر)، ئۇلار يەنە: ئاللاھ تائالانى ياراتقان بىرسىنى كىم ياراتتى؟ ئۇنىڭدىن كىيىنكىسىنى كىم ياراتتى دەپ سورايدۇ، بۇ ئاخىرى يوق ۋە تۈگىمەيدىغان بولغان سوئالدۇر. بۇ سوئال ئەقلى تەرەپتىنمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ.بارلىق يارىتىلغۇچى نەرسىلەرھەممە نەرسىنى ياراتقانبىر ياراتقۇچىغا يىتىپ بارىدۇ، ئۇ ياراتقۇچىنى ھېچ بىر نەرسە ياراتمىغان بەلكى ئۇ زات ھەممە نەرسىنى ياراتقان-پەيدا قىلغان ياراتقۇچىدۇر. مانا بۇ ئەقىل ۋە مەنتىقگە ئۇيغۇندۇر. ئۇ ياراتقۇچى بولسا يەككە يېگانە ئاللاھ تائالادۇر.

ئىككىنچى: بىزنىڭ شەرىئەت ۋە دىنى تەرەپتىن بېرىدىغان جاۋابىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بۇ سوئال توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ، بۇ سوئالنىڭ كېلىش مەنبىيى، بۇنىڭ چارىسى ۋە بۇنىڭغا رەت قايتۇرۇشنى ئۈگەتتى. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىشىلەر دائىم بىر-بىرىدىن سوئال سورىشىدۇ، ھەتتا ئۇلار بۇنى ئاللاھ ياراتتى، ئۇنى ئاللاھياراتتى، ئاللاھ تائالانى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، كىمكى شۇنداق ئىشنى ئۇچراتسا، "ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتتىم" دېسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەيتان سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاسماننى كىم ياراتتى؟ زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ ئاندىن ئاللاھ ياراتتى دەيدۇ،ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، كىمكى شۇنداق ئىشنى ئۇچراتسا "ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىمان ئېيتتىم" دېسۇن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەيتان سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاللاھ ئۇنى ياراتتى، ئاللاھ بۇنى ياراتتى دەپ كېلىپ پەرۋەردىگارىڭ بولغان ئاللاھ تائالانى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، زىھنىدىن شۇنداق پىكىر كەچكەندە، دەرھال توختاپ، ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلىسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: شەيتان سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ دەپ ھەدىسنى ئاخىرغىچە بايان قىلغان. [يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان(134)].

بۇ ھەدىسلەردە، مەزكۇر سوئالنىڭ مەيدانغا كېلىش مەنبىيى بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئىبارەتتۇر.

بۇنىڭ ئىلاجى ۋە بۇنىڭغا رەت قايتۇرۇشنىڭ چارىسى بولسا:

1 - شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھەزەر ئەيلەپ، ئاخىرى خەتەرلىك بولغان سوئاللاردىن دەرھال توختاش كېرەك.

2 - ئۇنىڭغا ئوخشاش خەتەرلىك سوئال زېھنىدىن كەچكەندە: "ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىمان ئېيتتىم" دېيىش كېرەك.

3- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەش كېرەك.

يەنە بەزى ھەدىسلەردە، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم سۇپلىۋېتىپ، ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. [تور بىكىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان: "شىكايەت ۋە ئۇنى ھەل قىلىش" دېگەن كىتابقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئۈچىنچى: بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەر بار، ئۇ ھەدىسلەردىن:

1- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئادا: ئى ئاللاھ! سەن ھەممىدىن ئەۋۋەلسەن، سەندىن ئىلگىرى ھېچنەرسە بولمىغان، سەن ھەممىنىڭ ئاخىرىسەن، سەندىن كىيىن ھېچنەرسە بولمايدۇ دېگەن سۆزى. [مۇسلىم رىۋايىتى2713-ھەدىس].

2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ ئەزەلدىن بولغان، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچنەرسە بولمىغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ تائالادىن ئىلگىرى ھېچنەرسە بولمىغان دېگەن سۆزى. [بۇ ئىككى ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان. بىرىنچىسى3020-نومۇرلۇق ھەدىس، ئىككىنچىسى6982-ھەدىس].

بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەرىمدە بۇ توغرىدا نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان. مۆمىن ھېچ شەك قىلماستىن ئىشىنىدۇ، كاپىر بولسا تانىدۇ-ئىنكار قىلىدۇ، مۇناپىق بولسا ئىككىلىنىدۇ، شەك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن سەمىمى ئىمان، ئىشەنچ ئاتا قىلىشنى سورايمىز. ھەقىقەتەنمۇ ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد