پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت نامىزىغا چىققان كىشى ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەندە ئىككى رەكەت تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇشى توغرىمۇ؟

سۇئال

سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن ئەرلەر-ئاياللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلارنىڭ ھەممىسى چققان، ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشىنىڭ ئۇ جايدا ئىككى رەكەت تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشىنىڭ ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدا تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ قىلغان ئەمىلىگە زىت بولىدۇ. (ئەگەر ھېيت نامىزى مەيداندا ئوقۇلماستىن مەسجىدتە ئوقۇلىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ).

    ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى"7-توم 274-بەت