جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا(ئاتالمىش تۈنەك كۈنىدە) ئاللاھ تائالا بىرىنچى ئاسمانغا چۈشەمدۇ؟

سۇئال

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا(ئون بەشىنچى كېچىسى) ئاللاھ تائالا بىرىنچى ئاسمانغا چۈشۈپ كافىر ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىغۇچىدىن باشقا بارلىق ئىنسانلارنى كەچۈرۈم قىلامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر سۆزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىلىم ئىگىلىرى شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھىچ قاندىغىنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.
ئەبى مۇسا ئەل ئەشئەرىي( ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىدا(ئون بەشىنچى كېچىسى) مۇسۇلمانلارغا رەھمەت قىلىپ كافىر ۋە ئاداۋەت ساقلىغۇچىدىن باشقا بارلىق ئىنسانلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ(ئىبنى ماجە 1390- نومۇرلۇق ھەدىس).
"زاۋائىد" دېگەن كىتابتا: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، چۈنكى بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچىلار قاتارىدا ئىسنادى زەئىپ ھېسابلىنىدىغان ئابدۇللا ئىبنى لۇھەيئە بىلەن تەدلىيس ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار دېگەن.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇستەھكەم ئەمەس بولۇپ بۇ ھەدىسنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى دارى قۇتنىي" ئەل ئىلەل"دېگەن كىتابىنىڭ 6-توم 51،52-بەتلىرىدە بايان قىلغان.
بۇ ھەدىسنى: مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئەبى سەئلەبەتە ئەلخەشەنىي (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقىلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسپاتلىغۇچىلىرى بىر بىرىدىن زەئىپ بولغان راۋىلاردىن خالى ئەمەس.
ئىبنى رەجەب ھەنبەلىي مۇنداق دېگەن: شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)نىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر سۆزلەنگەن، بۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىكىدە ئىختىلاپ بولۇپ، ئالىملار بۇ ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنى زەئىپ دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئىبنى ھىببان بەزىسىنى سەھىھ دېگەن.(لەتائىپىل مەئارىپ126).
ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىشى شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى) گە خاس ئەمەس، بەلكى بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا ئىسپاتلانغان سەھىھ ھەدىسلەردە، ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىشى ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە بولىدۇ، شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)مۇ شۇ كېچىلەرنىڭ ئىچىدە دەپ بايان قىلىنغان.
ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك، ئاللاھ تائالانىڭ شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىشى ھەققىدە سورالغاندا، سۇئال سورىغۇچىغا: ئى زەئىپ! شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)دىلا ئەمەس، بەلكى ھەر كېچىدە چۈشىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنى ئەبۇ ئوسمان سابۇنىي" ئەھلى سۈننەتنىڭ ئېتىقادى" دېگەن كىتابنىڭ 92- نومۇرلۇق ئابزاستا بايان قىلغان.
ئۇقەيلىي(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالانىڭ شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشىشى ھەققىدە سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى زەئىپ ۋە ئاجىز، ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە چۈشىشى ھەققىدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر كۈچلۈك ۋە سەھىھ. ئاللاھ خالىسا شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرى(ئون بەشىنچى كېچىسى)مۇ، شۇ ئومۇمى كېچىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.(ئەززۇئەپائە 3-توم 29-بەت).
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى