پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر كىشىنىڭ بىلىنىڭ ئاستى تەرىپىدە قاتتىق ئاغرىق بار بولۇپ، بۇ، ئۇ كىشىنى توي قىلىشتىن چەكلەپ قويامدۇ؟

سۇئال

   مەن يىگىرمە سەككىز ياشقا كىرگەن ياش، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، ئايلىق كىرىمىم ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىم ياخشى، بىر يىلدىن بىرى بىلىمنىڭ ئاستى قاتتىق ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، ئاتا-ئانام توي قىلىشىمنى خالايدۇ، لېكىن مەن تېڭىرقاپ قالدىم، مۇشۇ ھالەتتە توي قىلسام توغرا بولامدۇ؟ تۇرمۇش ئىشىمنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلەمەنمۇ؟ يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   سىز ئالدى بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىزنىڭ كېسىلىڭىز پەرزەنتلىك بولىشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتسە ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان دەرىجىدە بولسا، كېسەللىك سەۋەبىدىن قىلىۋاتقان ھۈنەر-كەسىپ، خىزمىتىڭىزنى ئىلگىركىدەك ياخشى قىلالمىسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە توي قىلماقچى بولغان قىز تەرەپكە ھەممە ئەھۋالىڭىزنى تولۇق بايان قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلسا توي قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئەھۋالىڭىزنى ئوچۇق بايان قىلماي توي قىلىشىڭىز ئۇلارنى ئالدىغانلىق بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئالدامچىلىق-ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس». [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس].

   بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان قاراش كۈچلۈك قاراشتۇر، چۈنكى نىكاھ-توي قىل ىشتىن ئىبارەت مەخسەت-غايىنى يوق قىلىۋېتىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا، بۇنى ئوچۇق بايان قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر بۇنى دەسلەپتە يوشۇرۇپ كىيىن ئاشكارا بولۇپ قالسا، بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىسپاتلايدىغان ئىxi ش ھېسابلىنىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر-ئايالنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان، نىكاھ-توي قىلىشتىن مەقسەت قىلىنغان كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، ياخشى كۆرۈش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولمىسا ئىككەيلەننىڭ ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ". ["زادىل مىئاد"5-توم 166-بەت].

   ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ساھابىلار ۋە ئىلگىركى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسىنى ئويلانغاندا، تەپەككۈر قىلغاندا، ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئايرىلىشنى پەقەت بىر ئەيىپكىلا خاس قىلمىغانلىقىنى بىلىدۇ".

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساتقۇچىنىڭ مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ سېتىشىنى چەكلىدى، شۇنىڭدەك بۇنى بىلگەن كىشىنىڭمۇ سېتىۋالغۇچىدىن يوشۇرىشىنڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ نىكاھ ئىشلىرىدا ئەيىب يوشۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ؟!. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا پاتىمە بىنت قەيس كېلىپ ئۆزىگە مۇئاۋىيە بىلەن ئەبۇ جەھىم ئىسىملىك ئىككى ساھابىنىڭ توي قىلىش تەكلىۋى قويغانلىقىنى، قايسىسى بىلەن توي قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇئاۋىيە كەمبەغەل ئۇنىڭ ھېچ نېمىسى يوق، ئەبۇ جەھىم كۆپ سەپەر قىلىدىغان ياكى ئاياللارغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم، سىز ئۇسامە بىلەن توي قىلىڭ دېگەن». بۇ ھەدىستىن نىكاھ-توي ئىشلىرىدا ئەيىبنى بايان قىلىپ بېرىشنىڭ بەك مۇھىملىقى، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ئالدامچىلىق ۋە ھارام ئىكەنلىكى، ئالدامچىلىقنىڭ بەك نەپرەتلىنىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ بوينىغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدىغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ". ["زادىل مىئاد"5-توم 168-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا بولغىنى، نىكاھتىن بولغان مەقسەتنى يوق قىلىۋېتىدىغان ھەر قانداق ئىش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، ھەقىقەتەن نىكاھتىن بولغان مۇھىم مەقسەتلەر: ھۇزۇرلىنىش، بىر-بىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنى چەكلەپ قويىدىغان ھەر قانداق ئىش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ قايسى بىرى تۇغماس بولسا بۇمۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"5-توم 274-بەت].

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى