پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

چاچ قىسقارتىش ۋە تاراشنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن سۈنئى چاچ سېتىۋېلىشنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ چاچلىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

397206

تارقاتقان ۋاقىت : 18-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 435

سۇئال

    يېڭىدىن چاچ تاراش ۋە قىسقارتىشنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن سۈنئى چاچ سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۇنى بېشىمغا كىيمەيمەن، پەقەت مەشىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن، بۇ چاچنى سۈرەت قىلىپ ئۆزۈمنىڭ چاچ قىسقارتىش ۋە چاچ تاراش كەسپىنى قىلىدىغانلىقىمنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئىلان قىلسام بولامدۇ؟. مەن ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى چىقارمايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  سۈنئى چاچ كىيىشنىڭ ھاراملىقى ئىلگىرى "ئاياللارنىڭ سۈنئى چاچ كىيىشى ۋە چېچى يوق ئايال سۈنئى چاچ كەيگەن بولسا، تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: چاچ قىسقارتىش ۋە تاراشنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن ئادەمنىڭ چېچىدىن باشقا سۈنئى چاچلارنى سېتىۋالسا بولىدۇ، ئۇنى سۈرەت قىلىپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قويسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىر شەرتى چاچنى قىسقارتىش ۋە تاراش پوسۇنلىرى كاپىر ۋە پاسىق ئاياللارنىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.

    ئەمما ئادەمنىڭ چېچى بولسا، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھاراملىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى سېتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

   "ھىدايە شەرھىل بىدايە" 3 -توم 46 -بەتتە مۇنداق دېگەن: ئىنساننىڭ چاچلىرىنى سېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئادەم دېگەن ئىكرام قىلىنغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە خار كۆرۈش توغرا بولمايدۇ".

    بەھوتىي" كەشاپۇل قىنا" 1 -توم57 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئادەم ھۆرمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چېچى پاك بولسىمۇ ئۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ تەرجىمىسى: « ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق». [سۈرە ئىسرا70 -ئايەت.]

   "پىقھى توپلاملىرى" 26 -توم 102 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى ئادەمنىڭ چېچىنى سېتىش ئىشلىتىشنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن، چۈنكى ئادەم دېگەن ھۆرمەتلىكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق». ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە خار كۆرۈش توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى