پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

تاھارەتتە سۈنئى قولغا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

396849

تارقاتقان ۋاقىت : 13-06-2023

كۆرگۈچىلەر : 543

سۇئال

    بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ئوڭ قولۇمنىڭ بېغىشىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئالقىنىم ئۈزۈلۈپ كەتتى، قولۇمنىڭ بېغىشىنىڭ بىر قىسمى جەينەككىچە قالدى(ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن) ھازىرغىچە قولۇمنىڭ بېغىشىدىن جەينىكىمگىچە سەپلىمە ئۈسكىنىسى بار، ئۆينىڭ سىرتىدا تاھارەت ئالغاندا بۇ ئۈسكىنىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسام بولامدۇ؟ چۈنكى ئۆينىڭ سىرتىدا بۇ ئۈسكىنىنى ئىلىپ يەنە بىر قېتىم قايتا كېيىش بەك تەس ھەتتا كىيىملىرىمنى سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلىش ماڭا بەك قىيىن بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  ئاللاھ تائالادىن سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

  ئىككىنچى:  ئەگەر سىزگە ئۈسكىنىنى ئېلىۋېتىپ قولىڭىزدىن قالغان قىسمىنى يۇيۇش بەك قىيىن بولمىسا بۇنى قىلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما بەك قىيىن بولسا ياكى زەرەر يېتىشتىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئۈسكىنە تېڭىقنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، قولىڭىزدىن يېپىق يېرىگە مەسىھ قىلىش، ئوچۇق يېرىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

   بىر كىشى دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن:  ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھادىسىگە ئۇچراپ سول قولۇمدىن جەينىكىمنىڭ بىر قىسمى ۋە ئالقىنىم ئۈزۈلۈپ كەتتى، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن-جەينىكىمدىن سول بېلىكىمنىڭ بىر قىسمى قالدى، ھۆرمەتلىك ئۇستاز!  مېنىڭ قىيىنچىلىقىم:  قولۇمنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەن قىسمىدىن باشلاپ جەينەكنىڭ ئۈستۈن تەرىپىگىچە ئوراپ تۇرىدىغان سۈنئى قول كېيدىم، مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم دوختۇرغا ئوخشاش كۈندە ئون سائەتتىن ئارتۇق سېرتتا بولىدۇ، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى دوختۇرخانىدا ئادا قىلىمەن، تاھارەت ئىلىش جەريانىدا سۈنئى قولنى چىقىرىشتا بەك قىينىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە كىيىمىم بار، قولۇم كىيىمنىڭ ئاستىدىن باغلىنىپ بەدىنىمنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ياردەم سوراۋاتىمەن، مەن قولۇمنىڭ جەينەك بىلەن قالغان قىسمىنى يۇغاننىڭ ئورنىغا سۈنئى قولغا مەسىھ قىلسام توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى قولۇمنىڭ قالغان قىسمى سۈنئى قولنىڭ ئاستىدا، ئۇنى يۇيۇش ئۈچۈن سۈنئى قولنى چىقىرىپ يەنە قايتىدىن كىرگۈزۈش بەك قىيىن بولىدۇ ياكى مەسىھ قىلسام توغرا بولمامدۇ؟. دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۈزۈلگەن ئورۇندىن تاھارەتتە يۇيۇش پەرز بولغان جاي بولسا ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە سۈنئى ئەزانىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سۈنئى ئۈسكىنە قولنىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق ئورىغان بولسا، تاھارەت ئالىدىغان ياكى يۇيۇنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنى تولۇق ئېلىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن تاھارەت ئالىدىغان ۋاقىتتا بۇنى ئېلىۋېتىش قىيىن بولسا تېڭىققا ئوخشاش ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. سىز بۇ ئىشتا سەۋرچان بولۇڭ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىڭ. ئاللاھ سىزنىڭ مۇسىبەتلىرىڭىزنى يەڭگىل قىلسۇن، ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.  ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   پەتىۋادا: شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد، شەيخ سالىھ پەۋزان، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال شەيخ، شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  4 -توم 86-87 -بەت.]

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 120850   نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى