پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

مىيقاتقا كېلىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ قىلىپ، (جىددىغا بىرىپ) پاكلانغاندىن كېيىن ئۆمرە قىلماقچى بولسا، قايسى جايدىن ئېھرامغا كېرىدۇ؟

سۇئال

    بىر ئايال ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن يەمەندىن كەلگەن بولۇپ، مىيقاتقا يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ قىلىپ، جىددىغا كېتىپ بىر ھەپتە تۇردى، ئەمدى ئۆمرىگە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئايال جىددىدىن ئېھرامغا كىرەمدۇ ياكى يەلەميەمگە بېرىپ ئېھرامغا كىرىپ كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارن ىسورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، ئېھرامغا كېرىش ۋە نىيەت قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، ئادەت كۆرۈپ قالغان قىز-خانىملار ئۆمرىگە ياكى ھەجگە ئېھرامغا كېرسە بولاۋىرىدۇ، ھاجىلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، پەقەت ھەرەمگە كېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «ئەسما بىنتى ئۇمەيس زۇلھۇلەيپىدە ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى مۇھەممەدنى تۇغۇپ نىپاسدار بولۇپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ئەسمانى يۇيۇنۇپ ئېھرام كىيىشكە بۇيرۇغىن دېدى». [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

    ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بىلەن نىپاسدار ئايالنىڭ ھۆكمى ئوخشاشتۇر، ئىلگىرىكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام « ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئادەت كۆرۈپ قالغاندا ئۇنى ئېھرامغا كېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلماستىن ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىلار قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بۇيرىغان» [بۇخارى رىۋايىتى 1516-ھەدىس].

    ئەگەر بۇ ئايال ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتا ئۆمرە قىلىش نىيىتىدىن يىنىپ مىيقاتتىن ھېچ نەرسىنى نىيەت قىلماستىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، جىددىغا كەلگەندە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىن يەنى جىددىدىن ئېھرامغا كېرىپ ئۆمرىنى نىيەت قىلسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىيقاتنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تۇرىۋاتقان ئورۇندىن ئېھرامنى نىيەت قىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1524-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1181-ھەدىس].

    ئەمما مىيقاتقا يېقىنلاشقان ياكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆمرە قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئېھرامغا كېرمەي ماڭغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مىيقاتقا قايتىپ ئېھرامغا كېرىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلماستىن جىددىدىن ئېھرامغا كىرسە ئۇ ئايالغا بىر قوي جازا كېلىدۇ، ئۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ ھەرەمنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشى مەيلى ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى  بىلىپ ئۆتۈپ كەتسۇن ياكى بىلمەي ئۆتۈپ كەتسۇن مۇمكىن بولسا مىيقاتقا قايتىپ ئېھرامغا كىرىشى كېرەك، ئۇنداق قىلسا ئۇ كىشىگە ھېچ قانداق كاپارەت كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، بۇ سۆزنى ئېيتقۇچىلار: جابىر ئىبنى زەيد، ھەسەن بەسەرىي، سەئىيد ئىبنى جۇبەير، سۇپيان سەۋرىي، ئىمام شاپىئىي ۋە باشقا ئالىملار. چۈنكى ئۇ كىشى ئەسلىدە ئېھرام كىيىشكە بۇيرۇلغان مىيقاتقا قايتىپ ئېھرام كىيگەنلىكى ئۈچۈن خۇددى ئەسلىدە مىيقاتتىن ئۆتۈپ كەتمىگەندەك بولىدۇ ئۇ كىشىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەمما مىيقاتنىڭ ئىچىدىن ئېھرامغا كىرسە ئۇ ۋاقىتتا جازا كېلىدۇ". ["ئەلمۇغنى" 3-توم 115-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى