شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

384755

تارقاتقان ۋاقىت : 05-09-2023

كۆرگۈچىلەر : 446

سۇئال

بەزى ئىشلار ئۈچۈن ئايالىم بىلەن سىرتقا چىققان ۋاقىتتا يول يۈرگەندە ئىككى قولۇمنى كەينىمگە تۇتۇپ يول يۈرسەم، ئايالىم: يول يۈرگەندە ئىككى قولىڭىزنى كەينىگە تۇتۇپ يۈرمەڭ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ شەكىلدە يول يۈرۈشتىن چەكلىگەن دېدى، مەن بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، لېكىن مەن بۇنداق يۈرۈشتە بىرسىگە تەقلىد قىلىپ يۈرمەيمەن، ئەمما بۇنداق يۈرسەم بىر خىل ئاراملىق ھېس قىلىمەن، مېنىڭ سوئالىم: شەرىئەتتە يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە، ئوڭ قول سول قولنى تۇتىدۇ، بېلىگە قويىدۇ؟،  بۇ ئىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يول ماڭغاندا ئىككى قولىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تۇتۇپ كەينىگە دۈمبىسىنىڭ ئاستىغا تۇتۇپ مېڭىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسكە توختالمايمىز.

    زامانىمىزدىكى بەزى ئالىملاردىن بۇ توغرىدا سورالغاندا، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ كېلىپ چېقىشى كاپىرلارنىڭ ھەيئىتى دېگەننى ئاساس قىلىپ چەكلىدى، چۈنكى بۇ كاپىرلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلاردىن تارقالغان، ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان.   سوئال سورىغۇچىنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلى ۋە ئۇنىڭ يولىنىمۇ بىلمەيمىز، بۇ شەكىلدە يول يۈرۈش كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، بۇ بىر مىللەت ياكى بىر قەۋىمگە خاس ئادەت ھېسابلانمايدۇ.

    بىرەر ئادەتنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە كەسكىن دەلىل بولمايدىكەن، ئۇ ئادەت ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە قالىدۇ، ئۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە ئادەت چەكلەنمىگەن بولسىلا ئۇنىڭدىن توسالمايدۇ ۋە ئەپۇ قىلىنىدۇ، لېكىن بىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا: قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ لَكُمْ مِنْ رِزْقٍ فَجَعَلْتُمْ مِنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا تەرجىمىسى: « ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟». [سۈرە يۈنۈس 59-ئايەت].

   شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغان، دىندا ئاللاھ يولغا قويمىغان ئىشلارنى يولغا قويغان مۇشرىكلارنى ئەيىبلىگەن، مانا بۇ ئەڭ پايدىلىق بولغان كاتتا قائىدىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 16-18-بەتلەر].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مەن، ھاراملىققا دەلىل كەلمىگەن  نەرسە مۇتلەق ھالىتىدە قالىدۇ، چەكلەنمەيدۇ دېگەن مەسىلىدە ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇسۇل پىقھى ۋەشاخچى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر دەلىل بايان قىلدى، بەزى ئالىملارنى ئۇ توغرىدا"ئىجمائ، ئىشەنچ ياكى ئىشەنچكە ئوخشاش چۈشەنچىلەرنى بايان قىلدى دەپ ئويلايمەن". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 538-بەت].

    ئەسلىدە يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىش بولسا ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە سەھىھ دەلىل بايان قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۇرۇس بولغان ھەيئەت ھېسابلىنىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى