جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايالى روزا تۇتۇشنى خالىمايدۇ

سۇئال

رىندىشىم دىندار بولسىمۇ لېكىن ئايالى دىنى چۈشەنچىسى يوق ئايال، رامىزان ۋە روزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىرەر تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق، قېرىندىشىم ئايالىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتە بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىغا ھىدايەت تىلەپ، ئۆزگىرىشىنى تىلەپ، بۇ ئىشتا ئۆزىگە سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئايالى ھېچ ئۆزگىرىدىغاندەك ياكى مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئىش قىلىدىغاندەك ئەمەس، قېرىندىشىمنىڭ ئايالىنىڭ دىندار بولىشى ۋە ئىسلامغا كۆپرەك يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

قېرىندىشىڭىز ئايالىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن تىرىشچانلىق قىلىشى زۆرۈر، ئايالىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەسلىتىشى، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ نەسىھەت ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى، گەرچە تۇغقانلاردىن بولمىسىمۇ باشقا ياخشى ئاياللارغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇنى دىندار ياخشى ئاياللارغا ھەمراھ قىلىشى، پايدىلىق بولغان ئۈن-ئالغۇ، سىن-ئالغۇ لىنتىلىرى، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا بوي سۇنسا بۇ ياخشى، ئەگەر بوي سۇنمىسا، ئۈنۈم بېرىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالسا يالغۇز قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، چۈنكى ئەر كىشىنىڭ ئۆز ھەققى ئۈچۈن ئايالىنى يالغۇز قالدۇرۇشى دۇرۇس بولغان يەردە، ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى ئۈچۈن يالغۇز قالدۇرۇش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.

ئەبۇ ئۇمامە ئەل باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: مەن ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز ئىككى كىشى يېنىمغا كېلىپ مېنىڭ بىلىكىمدىن تۇتۇپ تىك تاغنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ، تاغقا چىققىن دېدى، مەن چىقالمايمەن دېدىم، ئۇلار: چىققىن بۇ ساڭا ئاسان دېدى، مەن تاغقا ئۆرلەپ ئۈستىگە چىققاندا تۇيۇقسىز قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ، مەن: نېمە ئاۋاز دەپ سورىدىم، ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ نالە-پەرياتلىرى دېدى، ئاندىن ئۇلار مېنى ئىلىپ ماڭدى، مەن تۇيۇقسىز جاۋغايلىرى ئىلمەك بىلەن ئىككى تەرەپكە تارتىلىپ قان ئېقىۋاتقان بىر بۆلۈم كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدىم، مەن ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: بۇ كىشىلەر رامزاندا ئىپتارۋاقتىدىن بۇرۇن ئىپتار قىلىغان كىشىلەر دېدى.[بەيھەقى رىۋايىتى 7796-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ھەدىستە بايان قىلىنغان جازا، روزا تۇتۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىپتار قىلغان كىشىلەرنىڭ جازاسى بولسا، پەقەت روزا تۇتمىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!.

قېرىندىشىڭىزنىڭ ئايالى روزا تۇتماسلىق بىلەن بىرگە پەقەت نامازمۇ ئوقۇمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايال ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا قېرىندىشىڭىز ئۇ ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 12828-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى