جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەرلەرگە نىسبەتەن كىيىم-كىچەك ئەھكامىنىڭ قىسقارتىلمىسى

سۇئال

قۇرئان كەرىمدە ئاياللار قايسى شەھەردە، قايسى جەمئىيەتتە مەيلى ئىسلام دۆلىتى ياكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن ئۇلارنىڭ قانداق كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ئوچۇق بايان قىلىندى، مەن ئەرلەرگە نىسبەتەن  ئۇلارنىڭ قايسى شەھەردە، قايسى جەمئىيەتتە، ئىسلام دۆلىتى ياكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن قانداق كىيىم كىيىشى كېرەكلىكىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
تۆۋەندە ئەرلەرگە نىسبەتەن كىيىم كىچەكنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنى بايان قىلىمىز، ئاللاھ تائالادىن سۆزىمىزنىڭ كۇپايە قىلىشى ۋە مەنپەئەت بېرىشىنى سورايمىز.
1-ئەسلىدە كىيىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھالال ۋە دۇرۇس بولۇپ، پەقەت شەرىئەتتە ئەرلەر ئۈچۈن چەكلەنگەن يىپەككە ئوخشاش نەرسىلەرنى كىيىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن يىپەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: بۇ ئىككى نەرسە ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى، ئاياللىرى ئۈچۈن ھالال قىلىندى. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى3640-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. 
    شۇنىڭدەك ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ئاشلانمىغان تېرىسىدە تەييارلانغان كىيىملەرنى كىيىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەمما تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭى ۋە ئۆچكە چۈپۈرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تەييار كىيىملەرمۇ ھالال ۋە پاكىزە ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تېرىسىنى ئاشلاپ ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن 1695- ۋە 9022- نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن. 
2-ئەۋرىتىنى تولۇق ياپالمايدىغان نىپىز كىيىملەرنى كىيىشى توغرا بولمايدۇ. 
3-كىيىم-كىچىكتە كاپىر-مۇشرىكلارغا ئوخشىۋېلىش چەكلىنىدۇ، شۇنىڭدەك كاپىرلارغا خاس بولغان كىيىملەرنى كىيىشمۇ توغرا بولمايدۇ.
    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۈستۈمدە سېرىق بويالغان بىر تو كىيىمنى كۆرۈپ: بۇ كاپىرلارنىڭ كىيىمى، بۇنداق كىيىمنى كەيمىگىن دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2077-ھەدىس]. 
4-كىيىم-كىچىكتە ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەرلەردىن ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ۋە ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلارغا لەنەت قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 5546-ھەدىس]. 
5-سۈننەت بويىچە مۇسۇلمان كىشى كىيىمنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ، بىسمىللاھ دەپ كېيىشى، سالغان ۋاقتىدا سول تەرەپتىن باشلاپ سېلىشى كېرەك بولىدۇ. 
    ئەبۇ ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىيىم كەيگەندە ۋە تەرەت ئالغاندا ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4141-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"787-بەتتە كەلتۈرگەن].
6-يېڭى كىيىم كەيگەن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىپ، دۇئا قىلىشى يولغا قويۇلغان. 
   بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى كىيىم كەيگەندە، كىيىمنى سەللە ياكى كۆينەك ياكى چاپان دەپ  ئىسمى بىلەن ئاتايتتى، ئاندىن: ئى ئاللاھ سىلىگە ھەمدۇ سانالەر بولسۇن، بۇ كىيىمنى سىلە كەيدۇردىلە، سىلىدىن بۇ كىيىمنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇ كىيىم  تۇقۇلغان نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، بۇ كىيىمنىڭ ۋە بۇ كىيىم توقۇلغان نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دەپ دۇئا قىلاتتى.» [تىرمىزى رىۋايىتى 1767-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4020-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"4664- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 
7-چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەستىن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماستىن كىيىم-كىچەكنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشمۇ سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قەلبىدە زەررە مىقدارى كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ دېگەندە، بىر كىشى: بىر ئادەم كىيىمىنىڭ ۋە ئايىغىنىڭ چېرايلىق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ، تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقنى قوبۇل قىلماستىن كىشىلەرگە چوڭچىللىق قىلىشتۇر، دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى91-ھەدىس]. 
8-ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. 
    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كىيىمىڭلار، ئاق رەڭلىك رەخت بىلەن مەيىتلەرنى كىپەنلەڭلار. [تىرمىزى رىۋايىتى994)-ھەدىس. بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى ياخشى كۆرىدىغان سەھىھ ھەسەن ھەدىستۇر. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4061-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1472-ھەدىس]. 
9-مۇسۇلماننىڭ كىيىم-كىچەكلەرنى سۆرەلتىپ ئۇزۇن كىيىشى چەكلىنىدۇ، كىيىمنىڭ ئۆلچىمى: ئىككى ھوشۇققىچە بولىدۇ. 
    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىيىم-كىچەكتىن ھوشۇقنىڭ ئاستىدا سۆرەلگىنى دوزاختا بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى5450-ھەدىس]. 
    ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دەرتلىك ئازاب بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار خار بولغۇچى ۋە زىيان تارتقۇچىلاردۇر، ئۇلار كىم؟ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلار كىيىمىنى ھوشۇقۇدىن چۈشۈرۈپ سۆرەلتىۋالغان، كىشىلەرگە بىر نەرسە بېرىپ بولۇپ مىننەت قىلغان ۋە يالغان قەسەم قىلىپ مېلىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ ساتقانلار دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى106-ھەدىس]. 
10-نام-شۆھرەت تىپىش ئۈچۈن كىيىم كىيىش چەكلىنىدۇ، باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىش، ئۇ كىيىملىرى بىلەن تونۇلۇش ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە تارتىش ۋە نام-شۆھرەت قازىنىشنى مەقسەت قىلىپ كىيىشتىن ئىبارەت. 
    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇنيادا نام-شۆھرەت ئۈچۈن كىيىم كەيگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كىيىم كەيگۈزىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاندىن ئۇ كىيىم بىلەن دوزاختا كۆيدۈرىلىدۇ دېگەننى، يەنە بىر رىۋايەتتە: خارلىق كىيىمىنى كەيگۈزىدۇ دېگەننى زىيادە قىلغان. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4029-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3606)- ۋە3607-ھەدىسلەر. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ، "تەرغىپنىڭ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا2089- نومۇرلۇق ھەدىسىدە كەلتۈرگەن]. 
   مۇمكىن بولسا سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز تور بىتىمىزنىڭ: "كىيىم-كىچەك"دېگەن قىسمىغا نەزەر سالسا يەنىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئېرىشىدۇ. 
    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى