سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە سېزىمچانلىقنى سىناش ئۈچۈن تېرە ئاستىغا ئېرىتىلگەن تۇزلۇق ئوكۇل سالدۇرۇش روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال

مەن سېستىرالىق پاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىز بۈگۈن سېزىمچانلىقنى سىناش ئەمەلىيىتى ئىلىپ بېرىشنى ئۆگەنگەن ئىدۇق، ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ سىناقنى قانداق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر-بىرىگە ئېرىتىلگەن تۇزلۇق ئوكۇل سىلىشتا پاراكتىكا ئىلىپ بارماقچى، رامىزاندا بۇ تۈردىكى تەجرىبە قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ تېرە ئاستىغا ئۇرۇلىدىغان ئىنتىرادەرمال(ئىنترادەرمال)تۈرىدىكى ئوكۇلدىن ئىبارەت.

قىسقىچە جاۋاپ

سېزىمچانلىقنى سىناش ئەمەلىيىتى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن تېرە ئاستىغا ئېرىتىلگەن تۇزلۇق ئوكۇل سالدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىش ھاسىل بولمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ۋېتامىنلىق ۋە قاننى جانلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئوكۇلى بولمىسىلا، ئادەتتىكى داۋالىنىش ئوكۇلى روزىنى بۇزمايدۇ.

    " ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى ژۇرنىلى 1-بۆلۈم ئونىنچى ساندا" مۇنداق بايان قىلىنغان: تۆۋەندىكى ئىشلار روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ھېسابلانمايدۇ: كاسىسىغا ياكى موسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللار، ئوزۇقلۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللار بۇنىڭ سىرتىدا.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: كاسىغا ياكى موسكۇلغا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرىدىغان ئوكۇللارنىڭ ھۆكمى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئوزۇقلۇق خاراكتېرىنى ئالمىغان ۋە ئۇنىڭ تۈرىدىن بولمىغان بارلىق ئوكۇللار تېرە ئاستىغا ئۇرۇلسۇن مەيلى كاسىدىن ياكى يوتىسىدىن ياكى قايسى ئورۇندىن ئۇرۇلسۇن روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى بۇ يېمەك-ئىچمەك ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ. بىز بۇنى ئىلگىرىمۇ بايان قىلغان ئىدۇق، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن روزىغا تەسىر قىلىدىغىنى ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى ئىنساننى يېمەك-ئىچمەكتىن بىھاجەت قىلىدىغان ئوكۇلدۇر. ["روزا پەتىۋالىرى" 220-بەت].

    بۇنىڭغا ئاساسەن: سېزىمچانلىقنى سىناش ئەمەلىيىتى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن تېرە ئاستىغا ئېرىتىلگەن تۇزلۇق ئوكۇل سالدۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىش ھاسىل بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى