چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

سالۋانا دايمۇن شېركىتىگە بازار ئېچىش ۋە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا

سۇئال

   بۇ يەردە سالۋانا دايمۇن نامىدىكى مەبلەغ سېلىش شېركىتى بولۇپ، ئۇ شىركەت دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئالتۇن تازىلاش، ئىسلامى ئەشيالارنى ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىقلار، شىركەت يېڭىدىن يەنە كوكىل كويىن شېپىرلىق پۇل ۋە پايچىكى قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش ئېشىكىنى ئاچتى.

   مەبلەغ سېلىشنىڭ يولى: پاي سېتىۋېلىش ئۈچۈن شىركەتكە ئەڭ ئاز بولغاندا بەش يۈز يورۇ پۇل تاپشۇرىدۇ، 2027-يىلغىچە كۈتۈپ ئاندىن قولىدىكى پاينى ساتالايدۇ، بۇ سىز بىلەن شېركەتنىڭ ئارىسىدىكى توختام، پايچىكى بازار ئەھۋالىغا كۆرە، ئەسلىدىكى مەبلەغدىن زىيادە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق مەبلەغ جەلىپ قىلىشى مۇمكىن، بازاردا مۇنداق پرىنسىپ بار: توقسان كۈن ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۈچ خىرىدار جەلىپ قىلسام، ماڭا يەتتە يىلغىچە سابىت ھالەتتە ئايلىق ئىش ھەققى بېرىدۇ، ئايلىق بېرىدىغان پۇل مەن  سالغان مەبلەغنىڭ يۈزدە يەتتىدىن ئون پىرسەنتىگىچە بولغان نىسبىتىگە تايىنىدۇ، مەن جەلىپ قىلغان خىرىدارغا سالغان مەبلەغنىڭ يۈزدە بەش پىرسەنتىنى بېرىدۇ، ئۇ خىرىدار جەلىپ قىلغان كىشىگە بولسا يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت بېرىدۇ، سېستىم مۇشۇنداق داۋام قېلىدۇ.  ئەگەر توقسان كۈن مۇددەت ئاخىرلاشقىچە ئۈچ خىرىدارنى جەلىپ قىلالمىسام، مېنىڭ ھېسابىم 2027-يىلغىچە پەقەت مەبلەغ سالغۇچى بولىدۇ، بازاردىن ھېچ قانداق ئىش ھەققىگە ئېرىشەلمەيمەن، بۇ شەكىلدە مەبلەغ سېلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ بازارنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بازاردىن بېرىدىغان ئىش ھەققى بىلەن سالغان مەبلەغنىڭ ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارمۇ؟بۇ جازانە قاتارىغا كېرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى.

  1-مەبلەغ سالىدىغان ئورۇنلار دۇرۇس بولىشى كېرەك، شېركەتنىڭ ئىلان قىلغىنى بويۇنچە ئۇنىڭ دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا، دۇرۇس بولغان ئالتۇن تىجارىتىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى چوقۇم تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، چۈنكى ئالتۇن سودىسىدا سودا قىلغان سورۇندا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالتۇن سودىسى قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ جازانە بولىدۇ.

   2-سالغان ئەسلى مەبلەغگە كاپالەت بەرمەسلىكى كېرەك، بىز ئېلاندا شېركەتنىڭ ئەسلى سالغان مەبلەغگە كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى كۆردۇق، بۇ شېرىكچىلىكنى بۇزىدۇ، بۇنىڭغا كېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى لازىم قىلىدۇ، چۈنكى ئەسلى مەبلەغ كاپالەتلىك بولسا ئۇ قەرز بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پايدا شەرت قىلىنسا، بۇ قەرز جازابە شەكىلدە ھارام بولغان قەرز بولىدۇ.

    3-پايدا ئەسلى مەبلەغنىڭ نىسبىتىگە ئەمەس، پايدىنىڭ نىسبىتىگە ئىتتىپاق كېلىش زۆرۈر بولىدۇ، مەبلەغ كىلىشىمىدە پايدىدىن شېركەتنىڭ ئالىدىغان نىسبىتى ۋە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئالىدىغان نىسبىتىگە قارايدۇ.

   4-شىركەت جازانە شەكىلدىكى قەرزدىن ياكى جازانە شەكىلدىكى ھېسابقا پۇل ياتقۇزىشتىن يىراق بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلسا پايچېكى ئارىلىشىپ كېتىدۇ، "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" ئارىلىشىپ كەتكەن پايچېكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 112445- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    شىركەتنىڭ جازانە شەكىلدىكى قەرزگە ياكى جازانە شەكىلدىكى ھېسابقا پۇل ياتقۇزغان ياكى ياتقۇزمىغانلىقىنى شېركەتنىڭ يىللىق قارارىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق بىلشىڭىز مۇمكىن بولىدۇ.

مۇشۇنىڭ ھەممىسى: ئەگەر شىركەت كەسكىن ئىش قىلىدىغان بولسا ئۇنىڭ يىللىق قارارى بولىدۇ، شىركەت ئۆزىنىڭ رەسمى توربىتىگە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە قويمىسا؟!.

   بىز شىركەتكە مەبلەغ سالىدىغان ھەر بىر كىشىگە سەمىيمىلىك بىلەن شۇنى نەسىھەت قىلىمىزكى: ئۇلار شېركەتنىڭ ئۆتكەن يىللىق مالىيە دوكلاتىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، دۆلەتمۇ بارلىق شېركەتلەردىن شۇنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، قارار، دوكىلاتى ئېنىق بولىشى لازىم، ئۇنىڭدىن شېركەتنىڭ ئۆزى ئىلان قىلغان تۈرلەر بويۇنچە مەبلەغ سالغانلىقىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى، ھارام بولغان جازانە مۇئامىلىلەرگە ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ.

    ئەگەر مۇشۇ شەرتلەر تولۇق بولمايدىكەن، بۇ شىركەتكە مەبلەغ سېلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى:

تور سودىسىنىڭ ھۆكمى.

   يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان تور سودىسى سېستىمىسىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھارام بولغان قىمار شەكلىگە قۇرۇلغان، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بازارغا كىرگۈچىنىڭ ھەر قاندىغىغا ئىشتىراك ھەققى ئۆتەش، ياكى بىر نەرسە سېتىۋېلىش ياكى پايچېكى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش شەرت قىلىنىدىكەن ئۇ قىمار بولىدۇ، ھەق تۆلىشى ئېنىق بولغان، پايدىغا ئېرىشىش ئىھتىماللىق بولغان ھەر قانداق مۇئامىلە قىماردۇر.

رەقەملىك پۇل مۇئامىلە ياكى ئۇنى قەرز بېرىش بازىرى ھارامدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئىنسان پۇل تۆلىمىسە ياكى ئەزالىق بەدەل تۆلىمىسە ياكى ئىشلەپ چېقىرىلغان نەرسىنىڭ پۇلىنى تۆلىمىسە ياكى پايچېكىنىڭ قىممىتىنى ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ھەقلەرنى ئۆتىمىسە بازارغا كىرەلمەيدۇ، ئۇنىڭغا تۆلەنگەن مال بىلەن باشقا كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئەزالىققا چاقىرىش ئارقىلىق ئېرىشىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ، بۇ بەزىدە ھاسىل بولىدۇ بەزىدە ھاسىل بولمايدۇ، بۇ قىمارنىڭ ئۆزىدۇر، ئىشلەپ چېقىرىلغان دېگەن بىر ھېلە ياكى قىممەت باھادا سېتىش، پۇلنى بەرگۈچى بازارنىڭ پۇللىرىدىن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىنىڭ بەدىلىگە زىيادە پۇل بېرىشكە رازى بولىدۇ، بۇ پۇللارنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنىدۇ ياكى ئاساسى مەقسەت مەبلەغ سالغۇچى ئۈچۈن بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى