شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

نورمال قوللىنىۋاتقان قەغەز پۇلنىڭ زاكىتىنى باشقا قەغەز پۇل بىلەن ئادا قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   تىجارەت قىلىۋاتقان مالنى دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، يەرلىك پۇلغا نىسبەتەن دوللارنىڭ باھاسى مۇقىم ئەمەس، ھۆكۈمەت مۇقىم باھا بېكىتكەن بولۇپ، بەزى خىزمەتلەر ۋە سېتىۋالىدىغان نەرسىلەرنى مۇقىم باھادىكى دوللارغا سېتىۋالىمىز، ئومۇمى جەھەتتە باشقا پۇل ئىشلىتىمىز، بازاردا پۇل ئالماشتۇرىدىغان سەرراپلار بولۇپ، ئۇلاردا دوللار بار، باشقا جايلاردىن تاپماق تەس، ئۇلار دوللارنى ئىلگىرىكى باھادىن قىممەت ساتىدۇ، بىز مالنىڭ زاكىتىنى ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك خەلق پۇلى بىلەن چىقارساق بولامدۇ؟ دوللار ئالماشتۇرماقچى بولساق سەرراپ باھاسى بويىچە قىلىمىزمۇ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىپ بەرگەن باھاسى بويىچە قىلىمىزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     قەغەز پۇللار ئۆلچەمگە يەتسە زاكات بېرىش پەرىز بولىدۇ، قەغەز پۇللارنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمى كۈمۈش بويىچە 595 گىرامغا باراۋەر كېلىدۇ.

زاكاتنىڭ مىقدارىنى كۈمۈش بىلەن ھېسابلاشقا نۇرغۇن ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.

مەككە مۇكەررىمىدىكى "پىقھى مەجمۇئەسى" مۇنداق قارار قىلغان: " قەغەز پۇللارغا زاكات بېرىش ئۆلچىمى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئۆلچەمنىڭ ئەڭ تۆۋىنى بىلەن ھېسابلىنىدۇ، ياكى زاكات ئۆلچىمى تىجارەتكە تەييارلانغان باشقا ماللارنى قېتىش بىلەن ھېسابلىنىدۇ". ["مەككە مۇكەررىمە ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى قارارلىرى" 103-بەت].

    زاكاتنى مالنى سېتىۋالغان پۇل بىلەن ئادا قىلسىمۇ ياكى پېقىر-مىسكىنلەرگە مەنپەئەتلىك ۋە پايدىلىق بولسا ئۇلارغا زىيان يەتمىسە، شۇ پۇلنىڭ باراۋىرىدىكى يەرلىكتە ئىشلىتىلىۋاتقان پۇللار بىلەن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پۇللارنىڭ تۈرى مەقسەتتە ۋە زاكاتتا بىرلىشىدۇ، بۇ خۇددى پىقھى ئالىملار ئېيتقاندەك بىر نەرسىنىڭ ئىككى تۈرىدۇر.

    بەھۇتىي"رەۋزۇل مۇربى" ناملىق ئەسەرنىڭ 208 -بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: " زاكات ئۆلچىمىنى تولۇقلاشتا ئالتۇن ۋە كۈمۈش پارچىلىرى بىر-بىرىگە قېتىلىپ ئۆلچەمنى تولۇقلايدۇ، بىر كىشى ئون مىسقال ئالتۇن ۋە يۈز دىرھەم كۈمۈشگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرى يېرىم ئۆلچەمدىن بولۇپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە بىر پۈتۈن ئۆلچەم تولۇق بولىدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرى ئۈچۈن يەنە بىرى بىلەن زاكاتنى ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ مەقسىتى ۋە زاكىتى بىردۇر، بۇ ئىككىسى بىر نەرسىنىڭ ئىككى تۈرىگە ئوخشايدۇ".

    بىر كىشىدە دوللار بولسا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىماقچى بولسا، ئۇ كىشى زاكاتنى دوللارنىڭ ئۆزىدىن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ ياكى شۇ ئايرىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىنى باشقا پۇلدىن ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.

    بازاردا دوللار باھاسى ئوخشاش بولمىسا، يوقسۇللارنىڭ ھەققىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ يۇقىرى باھا بويىچە ھېسابلاپ ئادا قىلسا بولىدۇ، ئەمما ھىيلە ئىشلىتىپ باشقا پۇللار بىلەن بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئاز ئادا قىلسا توغرا بولمايدۇ.

بىر كىشىنىڭ دوللىرى بولسا، مىڭ دوللارغا يىگىرمە بەش دوللار ھېسابىدا زاكات كېلىدۇ. بۇنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يولى بار:

1-كەمبەغەلگە دوللار بېرىدۇ.

2- زاكاتقا دوللارنى ئايرىپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى باھادا تېگىشىپ، كەمبەغەلگە باشقا پۇلدىن بېرىدۇ.

3-زاكاتقا دوللار ئايرىمايدۇ، لېكىن بۇ باشقا پۇللاردىن قانچىلىككە باراۋەر كېلىدۇ شۇنىڭغا قاراپ، ئۇنىڭدىن زاكاتنى چىقىرىدۇ، ئەگەر دوللارنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى باھا بويىچە ئالماشتۇرۇشقا تېرىشىدۇ.

    ئەگەر ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ كەمبەغەلگە زۇلۇم قىلىشتىن ئەنسىرىسە، ئۇ ۋاقىتتا زاكاتغا دوللارنى ياكى ئۇنى ئەڭ يۇقىرى باھادا تېگىشىپ بەرسە بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى