شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تەلەيگە تايىنىپ ئوينايدىغان ئويۇنلارنى ئويناشقا بولامدۇ؟

سۇئال

بالىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان:" تاشنى كېسىش، يۇمشىتىش"، "جاللات"، "جىنايەتچىلەر"، پولاتتەك جەڭچى" دېگەندەك تاسادىپىيلىققا تايىنىدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ھۆكمى شاھمات ئويناشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشامدۇ؟.

قىسقىچە جاۋاپ

تەلەيگە، گۇمانغا ۋە پەرەزگە ئاساسەن ئويۇن ئويناشنى كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرى شىشخالغا سېلىشتۇرۇپ ھارام دېگەن، شىشخالدىمۇ ئاخىرىدا ئەخمەقلىق ۋە دۆتلۈككە ئىلىپ بارىدىغان پەرەز ۋە ئۆزى چاغلاشقا ئاساسلىنىدۇ، مۇتلەق تەلەيگىلا ئاساسلىنىپ ئوينايدىغان ئويۇنلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئەقىل سىنايدىغان ۋە ھەرىكەت تىزلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن ئويۇنلار يېتەرلىكتۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    تەلەيگە، گۇمانغا ۋە پەرەزگە ئاساسەن ئويۇن ئويناشنى كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرى شىشخالغا سېلىشتۇرۇپ ھارام دېگەن.

    شىشخال "خەلقئارالىق ئەرەب ئىنىسكىلوپىدىيسىدە" مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: شىشخال دېگەن: كەرابىسقا ئوخشاش (ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن)بەزى تەلەي سىناش ئويۇنلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئۇششاق ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، كەرابىس ئوينى شىشخال تېشى بىلەن ئوينىلىدىغان قىمارنىڭ تۈرىدۇر، شىشخال يەنە ئۈستەل(تىكتاك توپ) ئويۇنى،  بېسىمدارلىق ئويۇنى باسما تەختىدە ئوينايدىغان ئويۇندىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ، شىشخال ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەر بىرى ئالتە بۈرجەكلىك بولۇپ، ھەر تەرەپتە بىردىن ئالتىگىچە نۇقتا بولىدۇ". شىشخال ئويناش دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان ھەدىستە، بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شىشخال ئوينىغان كىشى قولىنى چوشقىنىڭ قېنى بىلەن بويىغانغا ئوخشاش بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2260].

   ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شىشخال ئوينىغان كىشى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4938-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3762-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "شەرھى مۇسلىم"دا مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار: نەردىشىر دېگەن شىشخال بولۇپ، نەرد دېگەن ئەرەب تىلىغا كىرىپ قالغان يات سۆز، شىير دېگەن تاتلىق دېگەن بولىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن.

   بۇ ھەدىسنى ئىمام شافىئى ۋە كۆپچىلىك ئالىملار شىشخال ئويناشنىڭ چەكلىنىدىغان ھارام ئىش ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرگەن.

    شىشخال ئوينىغان كىشى قولىنى چوشقىنىڭ گۆشىنى قېنى بىلەن يېگەن ۋاقتىدا، قولىنى ئۇنىڭ قېنى بىلەن بويىغانغا ئوخشاش بولدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: قولىنى قېنىغا بوياشنى ئۇنى يېگەنگە ئوخشاش ھارام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر".

    بەزى پىقھى ئۆلىمالىرى پەرەز ۋە تەخمىنگە ئاساسەن ئوينايدىغان ھەر قانداق ئويۇننى شىشخالنىڭ قاتارىغا قېتىۋەتتى.

    ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى "تۆھپەتۇل مۇھتاج شەرھىل مىنھاج" ناملىق ئەسىرى 10-توم 215-بەتتە مۇنداق دېگەن:"  توغرا قاراشتا شىشخال ئويىنىنى ئويناش چەكلىنىدۇ. مۇسلىمدا نەردىشىر ئوينىغان كىشى قولىنى چوشقىنىڭ گۆشى ۋە قېنى بىلەن بويىغانغا ئوخشاش دەپ بايان قىلىنغان. ئەبۇ داۋۇدتا بولسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئاسىي بولدى دەپ بايان قىلىنغان.

شىشخال ئوينىغاندا: ئاخىرىدا ئەخمەقلىق ۋە دۆتلۈككە ئىلىپ بارىدىغان پەرەز، تەخمىن ۋە ئۆزى چاغلاشقا ئاساسلىنىدۇ.

    راپىئىي مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار بۇ ئويۇندا ئۆزى ئېرىشىدىغان نەرسىگە ئەگىشىدۇ، بۇ دامكا ۋە شاھماتقا ۋە بۇ ئىككىسىگە ئوخشاش ئوينىلىدىغان ھەممە ئويۇنلاردا قىياس قىلىنىدۇ، ئەمما ھېسابلاش ۋە پىكىر قىلىش بىلەن ئۇرۇقلارنى يۆتكەپ ئوينايدىغان ئويۇن چەكلەنمەيدۇ.

    پەرەز، تەخمىنگە ئاساسەن ئوينىلىدىغان ھەر قانداق ئويۇن چەكلىنىدۇ.  ۋاراقلىرىدا سۈرەت بولغان قارت ئويناشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. "نىھايەتۇل مۇھتاج"8-توم 295-بەتكە قارالسۇن.

    "ھاشىيەتىل رۇشەيدى ئەلا نىھايەتىل مۇھتاج" 8-توم 295-بەتتە ئەزرەئىي ئېيتقاندەك : قارت دېگەن تۈرلۈك نەقىشلەر بىلەن بويالغان ۋاراقلار دىن ئىبارەت، "تۆھپەتۇل مىنھاجدا" سۈرەت بولغان ۋاراقلار دېيىلگەن".

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 15-توم 231-بەتتە: بىكارغا بولسىمۇ قارت ئويناش چەكلىنىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دەپ پەتىۋا بەرگەن. [مەدۇ رەشىدنىڭ" كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن-تاماشا مەسىلىسى" ناملىق ئەسىرى 186-بەت].

    شۇنىڭدەك كۆپچىلىك ئۆلىمالار شاھمات ئويناشنىمۇ ھارام دەپ چەكلىگەن.

ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ شاھمات ئويناۋاتقان بىر توپ كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» [سۈنەن بەيھەقى 10-توم 212-بەت].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 14095 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    قارت ئويناشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا 12567 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: مۇتلەق پەرەز، تەلەي، تەخمىنگە ئاساسەن ئوينايدىغان ئويۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقىل سىنايدىغان ۋە ھەرىكەت تېزلىتىدىغان نۇرغۇن ئويۇنلار بار.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى