يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇكاپاتنى كۆپچىلىكنىڭ بېرىشى بىلەن ئىككى كىشى ئۆزئارا رىقابەتكە چۈشسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

تۆۋەندىكى مۇئامىلىلەرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ شەرىئەتتە  چەكلەنگەن قىمارنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ؟، ئىككى ئادەم تىلىپۇندا بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسى ئىشلەپ ئۆزئارا رىقابەت ئېلان قىلىدۇ، بۇ رىقابەتنىڭ شەكلى:

   1-رىقابەتنىڭ ۋاقتى بېكىتىلىدۇ، رىقابەتنىڭ ۋاقتى بۇ ئىككى كىشى ئارىسىدا ۋە بۇ مۇسابىقىگە ھازىر بولغان ھەر قانداق كىشىگە مەلۇملۇق بولىدۇ.

   2- بۇ رىقابەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھەر بىرىنىڭ نومۇرى نۆل بولىدۇ.

   3-رىقابەتلەشكۈچى ھەر ئىككىيلەننىڭ نومۇرى رىقابەت باشلانغاندىن باشلاپ ئاخىرلاشقۇچە رىقابەتكە ھازىر بولغانلارغا ئېنىق بولىدۇ.

   4-رىقابەت باشلانغاندا بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار رىقابەتچىلەردىن ئىككىسىنىڭ بىرىغا ئالماس تۆلەيدۇ، بۇ رىقابەتكە قاتناشقۇچىنىڭ رىقابەتتە يېڭىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نومۇر قېتىلىدۇ.

   5-ئىككى رىقابەتچىدىن ئۇتۇق قازانغۇچى رىقابەت ئاخىرلاشقاندا نومۇرى ئەڭ كۆپ بولغىنى بولىدۇ.

   6-ئىككى رىقابەتچىنىڭ ھەر بىرى ئالماس بەرمەيدۇ، ئۇنى پەقەت رىقابەت سورۇنىغا ھازىر بولغانلارلا بېرىدۇ.

    بۇ يەردە ئالماس دېگەن: پۇلغا سېتىۋالىدىغان خىيالى نەرسە بولىدۇ ياكى پروگرامما ئىچىدىن باشقا بىر يول بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىدۇر. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇش ۋە تۆگە يۈگۈرتۈش قاتارلىق مۇسابىقىلەردىن باشقا مۇسابىقىلەرگە مۇكاپات بېرىش ۋە تارتۇقلاش توغرا بولمايدۇ، بەزى ئۆلىمالار دۇرۇس بولىدىغان مۇسابىقىگە، قۇرئان كەرىمنى ياد ئوقۇش مۇسابىقىسى، ھەدىس يادلاش، پىقھى بىلىملىرى ۋە دىننى تارقىتىشقا ياردىمى بولىدىغان مۇسابىقىلارغىمۇ مۇكاپات بەرسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسابىقە قىلىش پەقەت ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش ۋە تۆگە يۈگۈرتۈش قاتارلىق ئىشلاردا بولىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2574-ھەدىس. تىرمىزىي رىۋايىتى 1700-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2878-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر" توپلىمى ۋە باشقا كىتابلاردا كەلتۈرگەن].

    سىندىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خەتتابىي مۇنداق دېگەن: "مۇسابىقە قىلىشىپ مۇكاپات-مال ئېلىش پەقەت ئات چاپتۇرۇش ۋە تۆگە يۈگۈرتۈشتە بولىدۇ، بەزىلەر بۇ ئىككىسىگە ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ مەنىسىدە بولغان ئويۇنلارنىمۇ قېتىۋەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭغا مۇكاپات بېكىتىش بولسا جىھادقا قىزىقتۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر". ["ھاشىيەتۇ سىندىي ئەلا سۈنەن ئىبنى ماجە" 2-توم 206-بەت].

    بۇ يەردە مۇكاپاتنىڭ مۇسابىقە قىلغۇچىلار تەرىپىدىن بولسۇن ياكى سىرتقى تەرەپلەردىن بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، بۇنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، لېكىن ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ۋە ئۇنىڭغا قېتىلغان دىنى ئىشلارغا ياردەم بولىدىغان مۇسابىقە-ئويۇنلار بۇنىڭدىن ئايرىمدۇر. مۇكاپات بېرىلىدىغان مال مۇسابىقە قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپتىن بولسا بۇ قىمار بولۇپ، ھارام بولىدۇ، ئەگەر مال ئۈچىنچى تەرەپتىن يەنى باشقىلارنىڭ تەرىپىدىن قىلىنغان بولسا، قىمار بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ، چەكلەنگەن نەرسىگە بېرىلگەن مالدۇر.

   بۇ مۇسابىقىلەر كۆپ ۋاقىتلاردا پايدىسىز ئىشلار بىلەن بولىدۇ، بەزى ھارام ئىشلاردىمۇ بولىدۇ، ناخشا ۋە ئۇسۇل مۇسابىقىسى دېگەندەك، بۇنداق ھارام مۇسابىقىلەرگە مال سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەقىللىق كىشى مېلىنى پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلمايدۇ بەلكى دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ، بۇ، ئۇ شەكىلدىكى مۇسابىقىلارنىڭ ھارام بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپتۇر.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىككى مۇسابىقە قىلغۇچىنىڭ بىرى ياكى باشقا بىر كىشى مال سەرپ قىلسا، بۇ مۇكاپاتنىڭ شەكلىدە بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭدىن چەكلەنگەن، پەقەت ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك: «مۇسابىقە پەقەت ئات چاپتۇرۇش، ئوقيا ئېتىش ۋە تۆگە يۈگۈرتۈش قاتارلىق ئىشلاردا بولىدۇ»، پايدىلىق ۋە مەنپەئەتلىك ئىشلاردا بولسا بولىدۇ، چۈنكى دىن ۋە دۇنيالىق تەرەپكە پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا مال سەرپ قىلىشتىن چەكلىنىدۇ، گەرچە ئۇ قىمار بولمىسىمۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 223/32].

    ئۇ كىشىگە: ئىككى كىشى ئارىسىدىكى رىقابەتكە مۇكاپات بېرىش ھارام بولىدۇ، گەرچە ئۇ مۇكاپاتنى باشقا كۆپچىلىك كىشىلەر بەرسىمۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى