پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رەجەپ ئېيى ئۇرۇق سىلىش ئىيى دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

سەلەپلەرنىڭ سۆزىدە: رەجەپ ئېيى ئۇرۇق سالىدىغان ياكى كۆچەت تىكىدىغان ئاي دەپ كەلگەن، مېنىڭ سوئالىم: مۇسۇلمان نېمە تېرىيدۇ؟.

قىسقىچە جاۋاپ

مۇھىم ئىشلاردىن: رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئىنسان ياخشى ئەمەلنى قىلىش بىلەن تەييارلىق قىلىشى كېرەك، ئۆلىمالار رەجەپ ئېيىنى رامىزان ئېيىغا خاس تەييارلىق قىلىش ئېيى قىلغان، گوياكى يىل دەرەخ بولسا، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى رەجەپ ئېيىدا ئاشكارا بولىدۇ، مېۋىسى شەبان ئېيىدا پىشقىلى تۇرىدۇ، كىشىلەر مېۋىنى رامىزان ئېيىدا ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان رەجەپ ئېيىدا ياخشى ئەمەل بىلەن تەييارلىق قىلىشى، ئۇنى رامىزان ئېيىدا مۇكەممەل شەكىلدە ئىلىپ كىيىشى ئۈچۈن شەبان ئېيىدا ناھايىتى ئېسىل ۋە پۇختا قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رەجەپ ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر.

رەجەپ ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْراً فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ ‏ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار.» [سۈرە تەۋبە 36-ئايەت].

    ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار: رەجەپ، زۇل قەئەدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەمدۇر.

    ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر يىل ئون ئىككى ئاي، ئۇنىڭدىن تۆت ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان، ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، زۇلقەئەدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم، ۋە شەبان بىلەن جەمادۇل ئاخىرنىڭ ئارىسىدىكى مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيى». [بۇخارى رىۋايىتى 4662-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1679-ھەدىس].

    بۇ ئايلار ئىككى جەھەتتىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي دەپ ئاتالدى:

  1-بۇ ئايلاردا دۈشمەن ھۇجۇم قىلمىسىلا، ئىختىيارى ئۇرۇش قىلىش چەكلىنىدۇ.

   2-بۇ ئايلاردا ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشنىڭ جىنايتى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزلەرنى مۇشۇ ئايلاردا خاتالىق سادىر قىلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايلاردا ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار». گۇناھ ئىشلارنى قىلىش ھەممە ئايلاردا چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايلاردا سادىر قىلغاننىڭ جىنايىتى باشقا ئايلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ.

    سەئدى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە 373-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "«بۇ ئايلاردا ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار» دېگەن ئايەتتىكى ئالماشنىڭ ئون ئىككى ئايغا قايتىش ئېھتىماللىقى بار، ئاللاھ تائالا ئۇ ئايلارنى بەندىلەر ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ مىقدارى قىلغانلىقىنى، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنى، كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ۋە چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلماسلىقى ئۈچۈن بايان قىلىپ بەردى.

    ئالماشنىڭ ئۈرۈش چەكلەنگەن تۆت ئايغا قايتىش ئېھتىماللىقى بار، بۇ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەش بىلەن بىرگە بولۇپمۇ مۇشۇ ئايلاردا گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىشقا، بۇ ئايلاردا قىلىنغان جىنايەتنىڭ باشقا ئايلاردا قىلىنغان جىنايەتتىن ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر". بۇ ھەقتە 75394 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: رەجەپ ئېيى رامىزانغا تەييارلىق قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئالىملار يىلنى ۋە يىلدىكى ياخشىلىق مەۋسۇملىرىنى بىر قانچە ئىشلارغا ئوخشاتتى، ياخشىلىق مەۋسۇمىنىڭ ئەڭ كاتتىسى رامىزان ئېيىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايدا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش يولغا قويۇلغان.

    ئۇ ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئىنسان رامىزان ئېيى كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەل بىلەن تەييارلىق قىلىش، ئالىملار رەجەپ ئېيىنى رامىزانغا ئايرىم تەييارلىق قىلىشنىڭ باشلىنىشى قىلدى، يىلنى دەرەخكە ئوخشاتتى، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى رەجەپ ئېيىدا ئاشكارا بولىدۇ، مېۋىسى شەبان ئېيىدا  پىشقىلى تۇرىدۇ، كىشىلەر مېۋىنى رامىزان ئېيىدا ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان رەجەپ ئېيىدا ياخشى ئەمەل بىلەن تەييارلىق قىلىشى، ئۇنى رامىزان ئېيىدا مۇكەممەل شەكىلدە ئىلىپ كىيىشى ئۈچۈن  شەئبان ئېيىدا ناھايىتى ئېسىل ۋە پۇختا قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئالىملارنىڭ بۇ مەنانى ئىپادىلىشى تۈرلۈك شەكىلدە بولدى، ئاشۇ ئىپادىلەردىن:

-رەجەپ پايدىسىز ئىشلارنى تەرك قىلىش ئۈچۈن، شەئبان ۋاپا قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، رامىزان راستچىللىق ۋە ساپلىق ئۈچۈن.

- رەجەپ تەۋبە ئېيى، شەئبان مۇھەببەت ئېيى، رامىزان ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئېيى.

-رەجەپ ۋەدە ئېيى، شەبان خىزمەت ئېيى، رامىزان نېمەت ئېيى.

-رەجەپ ئىبادەت ئېيى، شەئبان زاھىدلىق ئېيى، رامىزان ئەمەلنى زىيادە قىلىش ئېيى.

-رەجەپ ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى زىيادە قىلىدىغان ئاي، شەئبان خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئاي، رامىزان مۇكاپات، ئىكرام كۈتىلىنىدىغان ئاي.

-رەجەپ مۇسابىقىلىشىدىغانلارنىڭ ئېيى، شەئبان غايىلىك كىشىلەرنىڭ ئېيى، رامىزان ئاسىي-گۇناھكارلارنىڭ ئېيى.

زۇن نۇنىل مىسرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەجەپ ياخشىلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاپەتلەرنى تەرك قىلىش ئېيى، شەئبان تائەت-ئىبادەتلەرگە تەييارلىق قىلىش ئېيى، رامىزان مۇكاپات، ئىكرامنى كۈتۈش ئېيىدۇر. كىمكى ياخشىلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاپەتلەرنى تەرك قىلمىسا، تائەت-ئىبادەتكە تەييارلىق قىلمىسا، مۇكاپات، ئىكرامنى كۈتمىسۇن، ئۇ كىشى يالغانچىلاردىندۇر.

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: رەجەپ ئۇرۇغ سىلىش ئېيى، شەئبان سۇغۇرۇش ئېيى، رامىزان ئورۇش ئېيى، ھەر قانداق تېرىلغان نەرسە ئورىلىدۇ، قىلغان ئىشىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ، زىرائەتكە ئۇرۇغ سېلىشنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى ئورايدىغان كۈنىدە پۇشايمان قىلىدۇ، گۇمانىنى يامان ئاقىۋەت بىلەن قويدى.

ياخشى كىشىلەرنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: يىل دەرەختۇر، رەجەپ بولسا دەرەخنىڭ يوپۇرماق چىقىرىدىغان كۈنلىرىدۇر، شەبان بولسا مېۋە بېرىدىغان كۈنلىرىدۇر، رامىزان بولسا مېۋىنى ئۈزىدىغان كۈنلەردۇر". [جەيلانىينىڭ" ئەلغەنىيە" ناملىق ئەسىرى 1/326 دىن ئىلىندى].

    ئىبنى رەجەپ"لەتائىپۇل مەئارىپ" 121-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ياخشىلىق ۋە بەرىكەت ئايلىرىنىڭ ئاچقۇچى رەجەپ ئېيىدۇر".

    ئەبۇ بەكىر ۋەرراق ئەل بەلخىي مۇنداق دەيدۇ: رەجەپ ئۇرۇغ سالىدىغان ئاي، شەئبان ئۇرۇقنى سۇغىرىدىغان ئاي، رامىزان زىرائەتنى ئورايدىغان ئاي.

     ئۇ كىشى يەنە مۇنداق دېگەن: رەجەپ ئېيى شامالغا، شەئبان ئېيى بۇلۇتقا، رامىزان ئېيى بولسا يامغۇرغا ئوخشايدۇ.

    بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: يىل دەرەخكە ئوخشاش، رەجەپ ئېيى دەرەخنىڭ يوپۇرماق چىقىرىدىغان كۈنلىرى، شەبان ئېيى مېۋە پىشىدىغان كۈنلىرى، رامىزان ئېيى مېۋە ئۈزىدىغان كۈنلىرى، مۇئمىن بولسا مېۋىنى ئۈزگۈچىدۇر.

    ئۆزىنىڭ ئەمەل سەھىپىسىنى گۇناھ-مەسىيەت بىلەن قارىدىتىۋاتقان كىشى، مۇشۇ ئايدا تەۋبە قىلىش بىلەن ئاقارتىشى كېرەك، ئۆمرىنى بىكارچىلىق بىلەن زايا قىلىۋەتكەن كىشى قالغان ئۆمرىنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىشى كېرەك.

    رەجەپ ئېيىدا قارايغان سەھىپەڭنى  ياخشى ئەمەل بىلەن ئاقارتقىن،  ئوت ئۇچقۇنىدىن قۇتۇلىسەن. رەجەپ ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن بىر ئاي بولۇپ، ئۇ ئايدا ئاللاھقا دۇئا قىلغۇچى زىيان تارتمايدۇ، ئۇ ئايدا ئۆزىنى پاكلىغان، ياخشى ئەمەل قىلغان، ناچار ئىشلاردىن ۋە شەك-شۈبھىلەردىن يىراق تۇرغان كىشىگە خوش مۇبارەك بولسۇن.

    مۇشۇ ئايدىكى پۇرسەتنى ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىش بىلەن غەنىمەت بىلگىن، تائەت-ئىبادەت ۋە پەزىلەتلىك ئەمەلنى كۆپ قىلغىن".

    ئىنسان خەيرىيەت دانلىرىنى ۋە ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىشى كېرەك، مول-ھوسۇلغا ئېرىشىدىغان كۈننى ئۈمىت قىلىپ ئاخىرىقى ھاياتىدا تېرىغان زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقاندا كۆپ ياخشىلىق بىلەن كۆرىدۇ.

     ئىنسان رامىزان ئېيىدا قىلىدىغان مۇھىم ئىشلاردىن:

1-پەرىز بولسۇن، نەپلە بولسۇن ناماز ئوقۇش، بولۇپمۇ كېچىلىك نامازغا ئەھمىيەت بېرىش.

2-روزا تۇتۇش.

3-سەدىقە قىلىش.

4- قۇرئان تىلاۋەت قىلىش.

5-ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش.

    ئىمام زەھەبى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كېچىلىك نامازدا تەرتىل بىلەن قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىرىنى ئوقۇش، پەرىزدىن كېيىنكى سۈننەت نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىش، چاشكا نامىزى، تەھىييەتۇل مەسچىت نامىزى ئوقۇش، ئۇخلىغاندا، ئويغانغاندا، پەرىز نامازلاردىن كېيىن ۋە سوھۇر ۋاقتىدا ھەدىستە بايان قىلىنغان زىكىرلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، پايدىلىق ئىلىملەرگە نەزەر سىلىش، ئۇنىڭ بىلەن خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مەشغۇل بولۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، نادان-جاھىللارغا يول كۆرسىتىش ۋە چۈشەنچە بېرىش، پاسىقلارنى يامان ئىشلاردىن چەكلەش قاتارلىق ئەمەلنى قىلىش. پەرىز نامازلارنى جامائەت بىلەن خۇشۇ بىلەن، ئارامدىللىق بىلەن، كەمتەرلىك ۋە ئىشەنچ بىلەن ئوقۇش. ۋاجىپ بولغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇش، دۇئا، ئىستىغپار، سەدىقە، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىش، كەمتەر بولۇش، كاتتا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، ئوڭ تەرەپ ساھىبلىرىنىڭ ماقامىغا يېتىش ۋە ئاللاھنىڭ تەقۋادار، يېقىن كىشىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىخلاس، سەمىمىلىك بىلەن ئادا قىلىش كېرەك ".    ["سىيەر ئەئلامۇن نۇبەلا 3/84 ].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار