جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

سالام بەرگەن كىشىگە "سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بېرىشنىڭ ھۆكمى

331767

تارقاتقان ۋاقىت : 01-02-2021

كۆرگۈچىلەر : 1578

سۇئال

    مىسىردا بەزىلەر ئارىسىدا، سالام بەرگەنلەرگە: "ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام" دېگەننىڭ ئورنىغا، سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بېرىش كەڭ تارقالغان بىر ئىش، سالامغا مۇشۇنداق جاۋاپ بېرىش توغرىمۇ؟، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشەمدۇ؟، بۇنىڭغا تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا ئىش قىلىشى ئۈچۈن سەھىھ بولغان دەلىل-ئىسپات كەلتۈرۈشكە قادىر بولىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

سالامغا تولۇق جاۋاپ بېرىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن "سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بېرىشمۇ توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان ئۈچۈن سالام بەرگۈچىگە بەرگەن سالامنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى قايتۇرۇشى ياخشى بولىدۇ

چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى سالام قىلىنغان كىشى سالام قىلغان كىشىگە سالامنىڭ ئوخشىشىنى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى قايتۇرۇشنى يولغا قويدى.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِذَا حُيِّيتُمْ بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّوا بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ حَسِيبًا تەرجىمىسى: «سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر.» [سۈرە نىسا 86-ئايەت].

   ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار)» دېگەن بۇ ئايىتى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بار: بىرىنچىسى: قىلغان سالامدىن ياخشىراقىنى قايتۇرۇش، بىرسى ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ دۇئا قىلسا، ئۇنىڭغا: سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن، دەيسىز، بۇ سىزگە قىلىنغان تىلەكتىن ياخشىراقتۇر. بۇ توغرا شەرىئەت ۋە ئادەمىيلىكنىڭ يولىدۇر.

   ئىككىنچى: بىرسى سىزگە ئامانلىق بولسۇن دېسە، سىز: "سىزگىمۇ ئامانلىق بولسۇن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن دەيسىز". ["ئەھكامۇل قۇرئان" 1-توم 464-465-بەت].

   ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ "«سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار(يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). دېگەن ئايەت: سىلەرگە بىر مۇسۇلمان سالام قىلسا، ئۇنىڭغا قىلغان سالىمىنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراقى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭلار، ياخشىراقىنى قايتۇرۇش سۈننەت، ئوخشىشىنى قايتۇرۇش پەرىزدۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"2-توم 368-بەت].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 132956 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: سالامغا "سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بېرىشنىڭ ھۆكمى.

   سوئال سورىغان كىشىنىڭ يۇرتىدىكى ئومۇمى كىشىلەرنىڭ سالامغا "ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام" دېگەننىڭ ئورنىغا "سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بېرىشى، سالام بەرگۈچىگە ئۇنىڭ سالامىدىن ياخشىراق سۆز بىلەن جاۋاپ بېرىڭلار دېگەن قائىدىگە خىلاپتۇر، چۈنكى بۇ جاۋاپ سالام بەرگۈچى قىلغان سالامنىڭ تونۇشلۇق بەلگىسىنى كېمەيتىش ۋە سىزگىمۇ ئامانلىق بولسۇن دېگەن سۆزنى كەمەيتىۋېتىشتۇر، سالامغا جاۋاپ بەرگۈچى بەرگەن جاۋابىدا سىزگىمۇ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش ئەۋزەلدۇر.

   ئەمما سالامغا جاۋاپ بەرگۈچى "سالام ۋەرەھمەتۇللاھ" دەپ جاۋاپ بەرسە ياكى بۇ شەكىلدە جاۋاپ قايتۇرۇش شۇ شەھەردە كەڭ تارقالغان بولسا، توغرا قاراشتا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جاۋابنى چالا قويغان بولمايدۇ، لېكىن قىلغان سالامدىن ياخشىراقنى قايتۇرسۇن دېگەن پەزىلەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ.

   نۇرغۇن ئالىملار: سالامغا جاۋاپ بەرگەندە، سالامغا تونۇشلۇق بەلگىنى قېتىپ دېيىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر دېگەن.

   ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ "شەرىئەت ئەدەپلىرى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 399-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "سالامغا جاۋاپ بەرگەندە تونۇشلۇق بەلگىسى بىلەن جاۋاپ بېرىش كېرەك، كىتابنىڭ ئاپتۇرىمۇ بۇنى بۇ مەسىلىنىڭ ئاساسى قىلدى، بۇنىڭدىن جاۋابنى تونۇشلۇق بەلگىسى بىلەن كەلتۈرۈش روشەن ئىپادىلىنىدۇ".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىنى ئوچۇق بايان قىلىپ: سالام بەرگۈچى سالامنى تونۇشلۇق بەلگىسى بىلەن قىلغان بولسا، سالامغا جاۋاپ بەرگۈچى جاۋابنى تونۇشلۇق بەلگىسى بىلەن كەلتۈرسىمۇ ياكى تونۇشسىز بەلگىسى بىلەن كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ دەپ مۇنداق دەيدۇ: سالام بەرگۈچى "سالامۇ ئەلەيكۇم ياكى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېگەن بولسا، سالامغا جاۋاپ بەرگۈچىمۇ بۇ سۆزنىڭ قايسىسى بىلەن جاۋاپ بەرسە بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) «ناتونۇش ئادەملەرغۇ».

   شافىئى مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىمام ئەبۇل ھەسەن ۋاھىدى مۇنداق دەيدۇ: "سالامنى تونۇشلۇق ياكى تونۇشسىز كەلتۈرۈش ئىختىيارىڭىزدا بولىدۇ" لېكىن مېنىڭچە تونۇشلۇق بەلگىسى بىلەن كەلتۈرۈش ياخشىدۇر". ["ئەلئەزكار" 219-بەت].

   "شەرھى مۇھەززەب" 4-توم 597 بەتتىمۇ بۇنىڭ ئوخشىشى بار. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن ئىبنى ئەلاننىڭ" پۇتۇھات رەببانىيە" ناملىق ئەسىرى 5-توم 294-295-بەتكە قارالسۇن.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سالامغا سوئالدا بايان قىلىنغان بويىچە جاۋاپ قايتۇرسا دۇرۇس بولىدۇ، ياخشىسى جاۋابنى تولۇق شەكىلدە قايتۇرغان ياخشىدۇر. بۇنىڭ بايانى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.

     بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 128338- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى