جۈمە 24 شەۋۋال 1445 - 3 ماي 2024
Uygur

ھەج قىلىش ئۈچۈن كېلىپ ھەجدىن كېيىن مال ئېلىپ كېتىپ تىجارەت قېلىش توغرىسىدا

سۇئال

  ھەجگە بارغان ۋاقتىمدا مەككىدىن بەزى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ يۇرتۇمغا ئاپىرىپ سېتىپ پايدا ئالسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ھەج ۋاقىتلىرىدا تىجارەت قىلىش توغرا بولىدۇ. ئىمام تەبەرى ئۆز تەپسىرىدە: «لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ » تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 198-ئايەت]. دېگەن ئايەت توغرىسىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەج جەريانىدا ئېھرامغا كېرىشتىن بۇرۇن ياكى كىيىن سودا-سېتىق قىلساڭلار گۇناھ بولمايدۇ"، ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن،

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى ھەيئىتى"، پەتىۋا كومىتېتى 11-توم 13-بەت.