پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ھاراق ئىچىلىدىغان رىستۇرانغا تاتلىق تۈرۈم قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

321546

تارقاتقان ۋاقىت : 30-05-2023

كۆرگۈچىلەر : 402

سۇئال

مەن باقالى ۋە تۈرلۈك تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەرنى پىشۇرىمەن، كېيىنكى ۋاقىتتا بىر قانچە دۇكىنى بولغان بىر كىشى مەندىن ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى باقالى ۋە تۈرلۈك تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى، بۇنداق قىلىش ئىسلامدا توغرا بولامدۇ؟، مەن ئىككىلىنىپ قالدىم، چۈنكى بۇ شەكىلدە مال سېتىپ تاپقان پۇل ھالال بولامدىغاندۇ؟، چۈنكى بۇ كىشى بەزى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن پۇلىدىن بېرىدۇ، مېنىڭ ئىككىلىنىپ قالغان يەنە بىر ئېشىم:  بەزى كىشىلەر بۇ دۇكانغا بېرىپ باقالىلارنى يەپ بۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن ھاراقمۇ ئېچىدىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەس قىلىدىغان ئىچىملىك ئىچىدىغان كىشىگە باقالە ياكى تاتلىق تۈرۈم ياكى يىمەكلىك سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ.  

   "كەشاپۇل قىنا " 3 -توم 182-بەتتە مۇنداق دېگەن: " مەس قىلىدىغان ئىچىملىك ئىچىدىغان كىشىگە يېمەك، ئىچمەك سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، ھاراق ئىچىدىغان كىشىگە ئىستاكان سېتىپ بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ، قىمار ئوينايدىغان كىشىگە تۇخۇم ۋە ياڭاق قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىشمۇ توغرا بولمايدۇ".

    باقالە ۋە تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەر ئادەتتە ھاراق بىلەن ئىستىمال قىلىنىدىغان بولسا ئۇلارغا ۋە ئۇنداق نەرسە ساتىدىغان دۇكانغا سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2 -ئايەت.]

   ئەگەر باقالى ۋە باشقا تاتلىق تۈرۈملەر ھاراق-شاراپلار بىلەن ئىستىمال قىلىنمايدىغان بولسا، پەقەت سۇ ۋە مېۋە سۈيىگە ئوخشاش قىزىققان كىشىلەرگە سېتىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ھاراق ئېچىش بىلەن ئالاقىسى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى ساتسا بولىدۇ. ئەگەر شەكتە بولۇپ قالسا ساتماسلىق ياخشىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى