پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەجنىڭ سۈپىتى

سۇئال

ھەجنى تەپسىلى سۈپۈتلەپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەرز ھەج بولسا تائەت-ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ھەج ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشىدە ئاساسى مەقسەت قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىسا بەندىنىڭ دىنى كامىل بولمايدىغان ئىسلامدىكى بەش ئاساسى پرىنسىپىنىڭ بىرىدۇر.

تائەت-ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك شەرت تولۇق بولىشى كېرەك:

بىرىنچى: تائەت-ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش. شۇنداقلا تائەت-ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەتتىكى ئەبەدىيلىك نېمەتلەرگە ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن قىلىش، يەنى رىياخورلۇق، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە قىلماسلىق كېرەك.

ئىككىنچى: ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش كېرەك. رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش بولسا ئۇنىڭ ھەدىس- سۈننەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىش ۋە ئۈگۈنۈش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج ئىبادىتى بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى ئادا قىلىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۈچۈن، چوقۇم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى، ئەمەل-ئىبادەتلەردىكى كۆرسەتمىلىرىنى ئۈگۈنىشى لازىم.

تۆۋەندە ھەجنىڭ سۈپىتى-خاراكتېرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىمىز. بىز ئىلگىرى 31819 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان، بۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ھەج ئىبادىتى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ:

ھەج ئىفراد.

ھەج تەمەتتۇئ.

ھەج قىران.

ھەج تەمەتتۇئ: ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ھەج ئايلىرىدا (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججىدىن ئىبارەتتۇر.) [شەرھۇل مۇمتىئ ناملىق ئەسەر 7-توم 62-بەتكە قارالسۇن] پەقەت ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ، مەككىگە يىتىپ كەلگەندە، ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە سەئيىقىلىپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئىھرامدىن چىقىدۇ، تەرۋىيە كۈنى بولغاندا، بۇ زۇلھەججە ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى بولۇپ، يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرام كىيىدۇ ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، تەمەتتۇئ ھەج قىلغان كىشى دەسلەپتە ئۆمرە قىلىدۇ كىيىن كامىل ھەج قىلىدۇ.

ھەج ئىفراد: پەقەت ھەجنىلا مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرىدۇ، مەككىگە يىتىپ كەلگەندە، دەسلەپكى كېلىش تاۋاپىنى قىلىدۇ، ھەج ئۈچۈن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيىقىلىدۇ، چېچىنى ئالدۇرمايدۇ ياكى قىسقارتمايدۇ بەلكى قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغانغا قەدەر ئىھراملىق ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاندىن ئىھرامدىن چىقىدۇ، ساپا-مەرۋىدە سەئيىقىلىشنى ھەجنىڭ پەرز تاۋاپىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن قىلسىمۇ بولىدۇ.

ھەج قىران: دەسلەپتە ئىھرامغا كىرگەندە ھەج بىلەن ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ بىرلا ئىھرامغا كىرىش ياكى دەسلەپتە ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرىپ، ئاندىن تاۋاپنى باشلاشتىن ئىلگىرى ھەجنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشى تاۋاپ قىلغاندا ۋە ساپا-مەرۋە قىلغاندا ھەج بىلەن ئۆمرىنى بىللە ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ (نىيەت قىلىدۇ).

ھەج قىران قىلغۇچى يالغۇز ھەج قىلغۇچىغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ، لېكىن قىران ھەج قىلغۇچى چوقۇم قۇربانلىق قىلىدۇ، يالغۇز ھەج قىلغۇچى قۇربانلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ھەجنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىتەمەتتۇئ ھەج بولۇپ، ئەينى زاماندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق ئىلىپ كەلمىگەن ساھابىلارنى ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىھرامدىن چىقىشقا بۇيرۇپ ئۇلارنى تەمەتتۇ ھەج قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ھەتتا ئىنسان دەسلەپتە قىران ياكى يالغۇز ھەجنى مەقسەت قىلىپ ئېھرامغا كىرگەن بولسا، گەرچە دەسلەپكى كېلىش تاۋىپى بىلەن ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغان بولسىمۇ، تەمەتتۇئ ھەج قىلىش ئۈچۈن نىيىتىنى ئۆمرىگە ئۆزگەرتىپ ئىھرامدىن چىقسا بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزى ھەج قىلغان يىلى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىلەن بىرگە كەلگەن ساھابىلاردىن قۇربانلىق مال ئىلىپ كەلمىگەنلەرنى ئېھرامنى ئۆمۈرگە ئۆزگەرتىپ چاچنى ئالدۇرۇپ ياكى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىشقا بۇيرۇپ: ئەگەر مەنمۇ قۇربانلىق مال ئىلىپ كەلمىگەن بولسام، سىلىگە بۇيرىغان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلاتتىم دېگەن.

ئېھرام: بىز يۇقىرىدا مۇراجىئەت قىلىشنى ھاۋالە قىلغان سوئالنىڭ جاۋابىدا ئېھرامنىڭ سۈننەتلىرىدىن: يۇيۇنۇش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ناماز ئوقۇش قاتارلىق سۈننەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئېھراملىقنى كىيىپ نامازدىن كىيىن ياكى ئۇلاغقا (قاتناشقا) مىنىپ بولغاندىن كىيىن تەلبىيە ئېيتىپ ئېھرامغا كىرىشنى نىيەت قىلىدۇ. ئەگەر تەمەتتۇئ ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا: ئى ئاللاھ! مەن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلدىم دەپ نىيەت قىلىدۇ، قىران ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا: ئى ئاللاھ! مەن ئۆمرە بىلەن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم دەپ نىيەت قىلىدۇ. يالغۇز ھەج قىلىشنىلا مەقسەت قىلغان بولسا: ئى ئاللاھ! مەن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم دەپ نىيەت قىلىدۇ. ئاندىن كىيىن: ئى ئاللاھ! مەن رىيا قىلىش ياكى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس پەقەت سىلىنىڭ رازىلىقلىرى ئۈچۈن ھەج قىلىمەن دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەلبىيە ئىيتقاندەك تەلبىيە ئېيتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقان تەلبىيەلەردىن: «مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ! مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق مەدھىيلەر، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر». ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەلبىيگە مۇنۇ سۆزلەرنى زىيادە قىلاتتى: «مەن ھازىرمەن، خىزمىتىڭگە تەييارمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سېنىڭ ساۋابىڭنى كۆزلەپ ئەمەل قىلىمىز». ئەرلەر بۇ سۆزلەرنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىدۇ. ئاياللار بولسا يېنىدىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا ئېيتىدۇ. ئەگەر يېنىدا يات ئەرلەر بولسا مەخپى ئېيتىدۇ.

ئەمما ئېھرامغا كېرىشنى مەقسەت قىلغان كىشى، كېسەللىك ياكى دۈشمەن ياكى توسۇلۇپ قىلىش قېلىش قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن ھەج-ئۆمرە پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسە، ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا مۇنداق شەرت قىلسا بولىدۇ: " كېسەللىك ياكى دۈشمەن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بىرەر جايدا پائالىيەتنى ئادا قىلىشتىن توسۇلۇپ قالسام شۇ جاي مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ئورنۇم" دەيدۇ. چۈنكى دۇبائە بىنتى زۇبەير ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا كېسەل بولۇپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرۇپ: سىز شەرت قىلغان ئىشقا ئاللاھ تائالا سىزگە گۇناھ يازمايدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى 5089. مۇسلىم رىۋايىتى1207].

شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرگەندە، شەرت قىلغان ئىش يۈز بېرىپ پائالىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىن توسۇلۇپ قالسا، ئۇ كىشى شۇ يەردە ئېھرامدىن چىقىدۇ، ئۇ كىشىگە ھېچ قانداق جازا كەلمەيدۇ.

پائالىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئىشەنچىسى بولغان باشقا چەكلىمىلەرگە ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرمىدى، باشقا ساھابىلارنىمۇ شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرۇمىدى، پەقەت دۇبائە بىنتى زۇبەير كېسەل بولغاچقا ئۇنى شەرت بىلەن ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرىدى.

ئېھرامغا كېرىگەن كىشى تەلبىيەنى كۆپ ئېيتىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئورۇن ۋە ۋاقىت ئۆزگىرىشى بولغاندا يەنى ئۈستۈن جايغا ئۆرلىگەندە، تۆۋەنگە چۈشكەندە، كېچە بولغاندا ياكى كۈندۈزبولغاندا تەلبىينى كۆپ ئېيتىش، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ۋە جەننەتنى، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن دوزاختىن پاناھلىنىشىنى كۆپ سوراش كېرەك.

ئۆمرە پائالىيىتىدە ئېھرامغا كىرگەندىن باشلاپ، تاۋاپ باشلانغىچە تەلبىيە ئېيتىش يولغا قويۇلغان.

ھەج پائالىيىتىدە بولسا، ئېھرامغا كىرگەندىن باشلاپ قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

مەككىگە كېرىش ئۈچۈن يۇيۇنۇش.

ئىمكانىيەت بولسا مەككىگە يېقىنلاشقاندا يۇيۇنۇپ كېرىش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇئۆز ۋاقتىدا مەككىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇپ كىرگەن.

ھەرەم مەسچىتىگە كىرگەندە، ئوڭ پۇتى بىلەن كېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن، ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. مەن ئۈچۈن رەھمەت ئىشىكلىرىڭنى ئېچىۋەتكىن، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، رەھىم-شەپقىتىگە ۋە ئەزەلدىن مەڭگۈ داۋام قىلغۇچى بولغان پادىشاھلىقىغا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» ئاندىن تاۋاپنى باشلاش ئۈچۈن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىدۇ. 31819- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ھەجنىڭ سۈپەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

تاۋاپتىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ساپا-مەرۋە قىلىش ئۈچۈن سەئيى قىلىدىغان جايغا كېلىدۇ. 31819- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا سەئيى قىلىشنىڭ سۈپەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

ھەج تەمەتتۇئ قىلغۇچى، دەسلەپتە ئۆمرە ئۈچۈن سەئيى قىلىدۇ، ئىفراد ياكى قىران قىلغۇچىلار ھەج قىلىش ئۈچۈن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ، ئۇلار سەئيى قىلىشنى پەرز تاۋاپنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن قىلسىمۇ بولىدۇ.

چاچنى تولۇق ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش.

ھەج تەمەتتۇئ قىلغۇچى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەر كىشى بولسا چېچىنى تولۇق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، چاچنى قىسقارتقاندىن تولۇق ئالدۇرۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چاچنى تولۇق ئالدۇرغانلار ئۈچۈن ئۈچ قېتىم، قىسقارتقانلار ئۈچۈن بىر قېتىم دۇئا قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 1303-ھەدىس].

ھەج ۋاقتى يېقىنلىشىپ بېشىغا چاچ ئۈنگىدەك ۋاقىت قالمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆمرە قىلغاندا چاچنى قىسقارتىپ، ھەج قىلغاندىن كىيىن تولۇق ئالدۇرۋىتىش ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغان يىلى، ساھابىلارنى ئۆمرە قىلغاندا چېچىنى قىسقارتىشقا بۇيرىغان، چۈنكى ئۇلار مەككىگە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 4-كۈنى ئەتتىگەندە يىتىپ كەلگەن، مىناغا چىقىشقا پەقەت تۆت كۈنلا قالغان ئىدى. ئايال كىشى بولسا چېچىنىڭ ئۇچىدىن بارماق مىقدارى قىسقارتىدۇ.

يۇقىرىقى پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆمرىسى ئادا بولىدۇ، ئۇلار ئېھرامدىن تولۇق چىقىدۇ، ئېھرامغا كىرمىگەن كىشىلەر قىلىدىغان، كىيىم-كېچەك كىيىش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

ئىفراد ۋە قىران ھەج قىلغۇچىلار بولسا، سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ چېچىنى تولۇق ئالدۇرمايدۇ ياكى قىسقارتمايدۇ، ئېھرامدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇلارقۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامدىن چىقىدۇ.

زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى بولغاندا، تەمەتتۇئ ھەج قىلغۇچى شۇ كۈنى چاشكا ۋاقتى بىلەن مەككىدە ئۆزىنىڭ تۇرغان يېرىدىن ئېھرامغا كېرىدۇ. ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشتىلىش ۋە ناماز ئوقۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ياخشى بولىدۇ. ئاندىن ئېھرامنى كىيىپ ھەجنى نىيەت قىلىپ تەلبىيە ئېيتىپ: ئى ئاللاھ! مەن ھەجگە ھازىرلاندىم،دەيدۇ.

كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ھەجنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئەنسىرىگەن كىشى شەرت قىلىپ ئېھرامغا كېرىپ: "بىرەر توسالغۇ مېنى ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن توسۇپ قويسا، شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ئورنۇم" دەيدۇ. بىرەر پىشىكەللىكتىن ئەنسىرىمىسە ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلىش كېرەك بولمايدۇ، قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشنى باشلىغانغا قەدەر تەلبىيەنى ئۆنلۈك ئېيتىش ياخشى بولىدۇ.

مىناغا مېڭىش.

تەرۋىيە كۈنى مەككىدىن مىناغا چىقىپ ئۇ يەردە پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە بومدات نامازلىرىنى قەسىر قىلىپ ئايرىم-ئايرىم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مىناغا چىققاندا ئىككى نامازنى جۇغلىماستىن، ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا قەسىر قىلىپ ئوقۇغان. نامازنى قەسىر ئوقۇش دېگەن: تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش دېمەكتۇر. مەككىلىكلەر ۋە باشقا جايدىن كەلگەنلەر ئوخشاشلا مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزتەلىپىدە نامازنى قەسىر ئوقۇيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ھەج قىلغان يىلى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرگەن ئۇلار بىلەن مەككىلىك كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنى نامازنى تولۇق ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان، ئەگەر مەككىلىكلەر ئۈچۈن نامازنى تولۇق ئوقۇش زۆرۈر بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى مەككە ئازات بولغان كۈنىدە تولۇق ئوقۇشقا بۇيرىغاندەك مىنادىمۇ تولۇق ئوقۇشقا بۇيرىيتتى، لېكىن ھازىر مەككىنىڭ شەھەر دائىرىسى كېڭىيىپ مىنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى، مىنا خۇددى مەككىنىڭ بىر مەھەللىسىگە ئوخشاپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەككىلىكلەر مىنادا نامازنى قەسىر ئوقۇمايدۇ.

ئەرەپاتقا مىڭىش:

زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى يەنى ئەرەپات كۈنى كۈن چىققاندىن كىيىن مىنادىن ئەرەپاتقا مېڭىپ، مۇمكىن بولسا پېشىن ۋاقتىغىچە نەمىرە دېگەن جايغا چۈشىدۇ، بۇ جاي ئەرەپاتقا تۇتىشىدىغان جاي، مۇمكىن بولمىسا چۈشمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ جايغا چۈشۈش سۈننەت بولۇپ، ۋاجىپ ئەمەس. كۈن ئىگىلگەن ۋاقىتتا يەنى پىشىنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، پېشىن بىلەن ئەسىرنى بىرگە جۇغلاپ ئىككى رەككەتتىن ئوقۇيدۇ، يەنى ئەسىرنى پىشىننىڭ ۋاقتىغا تارتىپ ئوقۇيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئەرەپاتتا ئۇزۇنراق دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇغان.

نامازدىن كىيىن ئاللاھنى ياد قىلىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالاغا يېلىنىشقا يۈزلىنىدۇ، ئەرەپات تېغىغا ئارقىسىنى، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ دۇئا قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ تاغنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: مەن بۇ يەردە تۇردۇم، ئەرەپاتنىڭ ھەممىسى تۇرىدىغان جاي، دېگەن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇقەددەس ئورۇندا ئەڭ كوپ ئوقۇغان دۇئاسى: بىر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن دۇئادىن ئىبارەتتۇر.

دۇئادىن چارچاپ قالسا، ھەمراھلىرى بىلەن مەنپەئەتلىك سۆزلەرنى قىلىشسا ياكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-كەرىمى توغرىسىدىكى پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈندىكى ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان تىلەك-ئۈمىدلىرى كۈچلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، بولۇپمۇ كۈندۈزنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، چۈنكى پائالىيەت جەريانىدىكى ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر.

مۇزتەلىپىگە مېڭىش.

ئەرەپات كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن مۇزتەلىپىگە ماڭىدۇ، ئۇ يەرگە يىتىپ كېلىپ بىر ئەزان ۋە ئىككى تەكبىر بىلەن شام-خۇپتەننى ئوقۇيدۇ. ئەگەر يىرىم كېچىگىچە مۇزتەلىپىگە يىتىپ كىلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسە، شام-خۇپتەننى يولدا ئوقۇيدۇ، چۈنكى نامازنىڭ ۋاقتىنى يىرىم كېچىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ.

كېچىدە مۇزتەلىپىدە قونىدۇ، تاڭ سۈزۈلگەندە ئەزان ئوقۇپ، تەكبىر ئېيتىپ بامداتنى ئەۋۋەلقى ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ ئاندىن ھازىر مۇزتەلىپىدە بار بولغان مەسچىتنىڭ ئورنى بولغان مەشئەرىل ھەرەم دېگەن جايغا كېلىپ، ئەتراپ يوپ-يورۇق بولۇپ كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىتتا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان دۇئالارنى قىلىدۇ، ئەگەر قىستاڭچىلىق ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن مەشئەرىل ھەرەمگە بېرىش مۇمكىن بولمىسا، ئۆزىنىڭ تۇرغان ئورنىدا دۇئا قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن بۇ يەردە تۇردۇم، مۇزتەلىپىنىڭ ھەممىسى تۇرىدىغان ئورۇن دېگەن. ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ دۇئا قىلغاندا قولنى كۆتۈرۈپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدۇ.

مىناغا مېڭىش.

ئەتراپ تولۇق يورۇپ كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى مىناغا يۈرۈپ كېتىدۇ، مىنا بىلەن مۇزتەلىپىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جىلغىدىن تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، مىناغا يىتىپ كەلگەندە، مەككە تەرەپكە يېقىن بولغان ئاخىرقى چوڭ شەيتانغا باقلا ياكى دادۇرنىڭ چوڭلۇقىدا بولغان يەتتە تال تاشنى بىر-بىرلەپ ئارقىمۇ-ئارقا ئاتىدۇ، سۈننەت بويىچە قۇربان ھېيت كۈنى چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقان ۋاقىتتا مەككىنى سول تەرىپىگە، مىنانى ئوڭ تەرىپىگە قىلىپ شەيتانغا قاراپ تاش ئاتىدۇ، تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن ھەدىيە قىلىدىغان مالنى بوغۇزلايدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئەرلەر چېچىنى تولۇق ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، ئاياللار بولسا چېچىنىڭ ئۈچىدىن بارمىقىنىڭ مىقدارىدا كېسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاجىلار بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۈچۈن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھەممە ئىشلار دۇرۇس بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن مەككىگە كىرىپ ھەج ئۈچۈن تاۋاپ ، ساپا-مەرۋە قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئېھرامدىن تولۇق چىققان بولۇپ ئۇلار ئۈچۈن جايىز بولغان ھەممە نەرسە دۇرۇس بولىدۇ. تاش ئېتىپ، چاچنى ئالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەككىگە كېرىپ تاۋاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقىتتا، سۈننەت بويىچە، پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى ۋە ئېھرامدىن چىقىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتۈپ قوياتتىم دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1539-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1189-ھەدىس].

كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، مىناغا قايتىپ چىقىپ كېتىپ، ئون بىرىنچى ۋە ئون ئىككىنچى كۈنلىرى كېچىسى مىنادا قونىدۇ، ھەر كۈنى كۈن ئېگىلگەندە، بېرىپ ئۈچ شەيتانغا تاش ئاتىدۇ، ياخشىسى تاشنى مېڭىپ بېرىپ ئېتىش كېرەك، ئەگەر قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن بارسىمۇ بولىدۇ، دەسلەپتە مەككىدىن ئەڭ يىراقتا بولغانخەيپ مەسچىتىگە يېقىن بولغان بىرىنچى شەيتانغا ئارقا-ئارقىدىن يەتتە تال تاش ئاتىدۇ، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئازراق ئالدىغا مېڭىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان دۇئالار بىلەنئۇزۇن ۋاقىت دۇئا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن تۇرۇپ دۇئا قىلىشتىن چارچاپ قالسا، سۈننەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ قىسقا، ئاسان دۇئالارنى قىلىپ ماڭىدۇ.

ئاندىن ئوتتۇرانچى شەيتاننىڭ يىنىغا كېلىپئارقىمۇ-ئارقا يەتتە تال تاش ئاتىدۇ، ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن سول تەرەپكە ئۆتۈپ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قىبلىگە يۈزلىنىپ مۇمكىن بولسا ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ، بولمىسا قىسقا بولسىمۇ دۇئا قىلىدۇ، قىستىلىپ قالىمىز دەپ دۇئا قىلماي مىڭىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى بۇ يەردە تۇرۇپ دۇئا قىلىش سۈننەت، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ سۈننەتكە سەل قارايدۇ. سەل قاراش بىلمەسلىكتىن ياكى ئاددى قارىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىر سۈننەت ئەمەل تاشلىنىپ قالىدىكەن ئۇنى ئورنىغا كەلتۈرۈش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا تارىتىشۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تەرك قىلماسلىق ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن چوڭ شەيتانغا ئارقىمۇ-ئارقا يەتتە تال تاشنى تەكبىر ئېيتىپ ئاتىدۇ ۋە بۇ يەردە دۇئا قىلمايلا قايتىپ كېتىدۇ.

زۇلھەججىنىڭ 12-كۈنى تاشنى ئېتىپ بولغاندىن كىيىن خالىسا مىنا دائىرىسىدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ئەگەر يەنە بىر كۈن تۇرۇشنى خالىسا، مىنادا قونۇپ 13-كۈنى ئىلگىرىكى كۈنلەردىكىگە ئوخشاشلا كۈن ئىگىلىگەندىن كىيىن بېرىپ تاشنى ئېتىپ قايتىدۇ. 13-كۈنى تۇرۇش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى ياخشىدۇر. ئەمما 12-كۈنى تاشنى ئېتىپ بولۇپ كۈن ئولتۇرۇپ بولغىچە مىنا دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىسە، ئۇ كىشى مىنادىن كۈن پاتقۇچە چىقىپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈن 13- كېچىسى قونۇپ ئەتىسى كۈن ئىگىلگەندىن كىيىن تاش ئېتىپ قايتىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى 12-كۈنى مىنادىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ماشىنا كۆپ، يول قىستاڭچىلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن چىقىپ كېتەلمىگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن مىنادا قونۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىچىكمىدى.

مەككىدىن ئايرىلىپ ئۆز يۇرتىغا كېتىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىدا كەبىنى تاۋاپ قىلىپ قايتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېتىشتىن بۇرۇن كەبىنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ، ھېچ كىشى مەككىدىن ئايرىلمىسۈن. [مۇسلىم رىۋايىتى1327-ھەدىس].

يەنە بىر ھەدىستە: كىشىلەر مەككىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرۇلدى، ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللاردىن بۇ ھۆكۈم كەچۈرۈم قىلىندى. [بۇخارى رىۋايىتى 1755-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1328-ھەدىس].

ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋە نىپاسدار ئاياللار ئەڭ ئاخىرىقى خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىشقا بۇيرۇلمىغان، ئۇلارنىڭ خوشلىشىمىز دەپ ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنمىغان.

مەككىدىن ئايرىلىپ سەپەر قىلىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقىتتا ھەرەمدە قىلىدىغان ئاخىرىقى ئىش خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىش بولىدۇ، خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىپ بولۇپ، ھەمراھلىرىغا ساقلاپ قالسا ياكى يۈك-تاقىلىرىنى ماشىنىغا بېسىش ياكى يولدا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېچىكىپ قالسا بۇنداق ھالەتتە خوشلىشىش تاۋىپىنى قايتا قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما سەپەرگە چېقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن بولسا، يەنى ئەتتىگەندە يولغا چىقىمىز دەپ خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلىپ بولۇپ، كىيىن يولغا چىقىش ۋاقتىنى كەچكە ئۆزگەرتكەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا خوشلىشىش تاۋىپىنى قايتىدىن قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاخىرىقى ئىشىڭلار كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولسۇن دېگەن.

پائىدە: ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرام كىيگەن كىشىلەرگە زۆرۈر بولىدىغان ئىشلار:

1- ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ناماز قاتارلىق ئەمەللەرنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىش كېرەك.

2-ئاللاھ تائالا چەكلىگەن گۇناھ-مەسىيەت، پىسقى-پۇجۇر ۋە ناچار سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە ئۇرۇش جىدەل قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. [سۈرە بەقەرە 197- ئايەت].

3-مۇقەددەس ئورۇنلاردا ۋە باشقا جايلاردا ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4- ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق بولۇش.

ئا-ئېھرامغا كىرگەندىن كىيىن بەدەننىڭ مويلىرىدىن، تىرناقتىن ھېچ نەرسىنى ئالماسلىق. تىكەنگە ئوخشاش نەرسىلەر كىرىپ كەتكەن بولسا ئېلىۋەتسە بولىدۇ، ئۇ جەرياندا قان چىقىپ كەتسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

ب-ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن بەدىنى ياكى كىيىمى، يىمەك-ئېچمەكلىرىگە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، خۇشپۇراقلىق سوپۇنلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەمما ئېھرامغا كىرىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى بولسا بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوقتۇر.

ج-ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەيدۇ.

د- ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلمايدۇ.

ھ-شەھۋەت بىلەن ئايالىنى قوچاقلىمايدۇ ياكى سۆيمەيدۇ ۋە باشقا ئىشلاردىنمۇ ساقلىنىدۇ.

و-ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ نىكاھ خۇتبىسى قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ئۈچۈن ياكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئاياللارغا توي تەكلىپى قويمايدۇ.

ز- ئېھراملىق ھالەتتە قوللىرىغا پەلەي كەيمەيدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئېھراملىق ھالەتتە قىلىش چەكلەنگەن يەتتە تۈرلۈك ئىش ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاشتۇر.

ئەرلەرگە خاس بولغان ئىشلار:

ئا-ئېھرامدا بىشىنى دوپپا ياكى ياغلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ياپمايدۇ ئەمما كۈنلۈك، ماشىنىنىڭ دالدىسى، چېدىرلار ۋە باش ئۈستىدە كۆتۈرىدىغان نەرسىلەرنىڭ سايىسى بىلەن سايىدىسا بولىدۇ.

ب-ئېھراملىق ھالىتىدە كۆينەك، سەللە، قالپاق، ئىشتان ۋە ئۆتۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى كەيمەيدۇ. ئەمما ئاستى تەرەپنى يۆگەشكە بىر نەرسە تاپالمىسا ئىشتان كىيسە بولىدۇ، ئاياغ تاپالمىسا ئۆتۈك كىيسە بولىدۇ.

ج-يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئېھراملىق ھالىتىدە تون چاپان، شىلەپە، دوپپا ۋە ئىچ كۆينەك-كۇسار دېگەندەك نەرسىلەرنى كىيمەيدۇ.

د-ئاياغ كىيسە، ئۈزۈك سالسا، كۆز ئەينەك تاقىسا، قۇلىقىغا ئاڭلاش ئۈسكىنىسى سالسا، قولىغا سائەت سالسا، بوينىغا بىرنەرسە ئاسسا ياكى پۇل سالىدىغان ھەميان ياكى سومكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ.

ھ-خۇشبۇي بولمىغان نەرسىلەر بىلەن بەدەننى تازىلىسا، يۇيۇنسا بولىدۇ، بىشىنى، بەدىنىنى قاشلىسا ئىختىيارسىز بىرەر تال موي چۈشۈپ كەتسە ھېچ ئىش بولمايدۇ.

ئاياللار يۈزىگە نىقاپ كىيمەيدۇ، چۈمبەلمۇ تارتمايدۇ. سۈننەت بويىچە ئاياللار يات ئەرلەر بولمىغان جايلاردا يۈزىنى ئوچۇق قويىدۇ. يات ئەرلەر مەۋجۇت بولغان يەرلەردە بولسا يۈزىنى يېپىۋالىدۇ...".

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھەج-ئۆمرە پائالىيىتى"، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت قىلغانلارغا كۆرسەتمە" ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار