جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەتمۇ؟

سۇئال

   ھەج ياكى ئۆمرىدە ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

قىسقىچە جاۋاپ

ساپا-مەرۋىنى سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەت ئەمەس، سەئيىدىن كېيىن ناماز ئوقۇش تاۋاپتىن كېيىنكى ئىككى رەكەت نامازغا سېلىشتۇرۇلمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سەئيىدىن كىيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەت ئەمەس، بەزى ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى سەئيىدىن كېيىنمۇ ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان. كامال ئىبنى ھەمام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " سەئيىدىن بىكار بولغان ۋاقىتتا سەئيىنىڭ تامام بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش مۇستەھەبتۇر. بۇ خۇددى تاۋاپنى تامام قىلغانغا ئوخشاشتۇر. بۇ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاۋاپنى ھەجەر ئەسۋەدنى سىلاش بىلەن باشلىغاندەك، سەئيىنىمۇ ھەجەر ئەسۋەدنى سىلاش بىلەن باشلىغىنىغا ئوخشاشتۇر، بۇ شەكىلدە قىياس قىلىش-سېلىشتۇرۇشقا ھاجەت بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل بار، ئۇ بولسىمۇ، مۇتەللىپ ئىبنى ئەبى ۋەدائەدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يەتتە ئايلىنىشتىن بىكار بولغان ۋاقىتتا رۇكنۇل يەمانىينىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مەيداننىڭ بىرتەرىپىدە ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ كىشى يوقتى» [ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە ئىبنى ھىببان قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان"پەتھۇل قەدىر" 2-توم 460-بەت].

    مۇشۇ ھەدىس بىلەن دەلىل كەلتۈرۈش ئىككى جەھەتتىن خاتادۇر: بىرىنچى: ھەدىستە يەتتە ئايلىنىشتىن بىكار بولغاندا دەپ كەلگەن، سەئيىدىن بىكار بولغاندا دەپ كەلمىگەن، يەتتە ئايلىنىش دېگەن كەبىنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلىشتۇر. مۇتەللىپ ئىبنى ئەبى ۋەدائەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يەتتە ئايلىنىشتىن بىكار بولغان ۋاقىتتا رۇكنۇل يەمانىينىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مەيداننىڭ بىرتەرىپىدە ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ كىشى يوقتى» [نىسائىي رىۋايىتى 2959-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2985-ھەدىس].

    يەنە بىر رىۋايەتتە تاۋاپتىن بىكار بولغاندا دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان، مۇتەللىپ ئىبنى ئەبى ۋەدائەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاۋاپتىن بىكار بولغان ۋاقىتتا رۇكنۇل يەمانىينىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مەيداننىڭ بىرتەرىپىدە ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ كىشى يوقتى». [ئىبنى خۇزەيمە رىۋايىتى 815-ھەدىس. ئىبنى ھىببان 2363-ھەدىس].

   ئىككىنچىسى: بۇ ھەدىس زەئىپ-ئاجىز.

   شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "تەمامۇلمىننە" 303-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىس زەئىپ، چۈنكى ئۇ ھەدىس ئىبنى كەسىر، ئىبنى مۇتەللىپنىڭ رىۋايىتىدىن بولۇپ، ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئىبنى ئۇيەينە: ئۇكىشىدىن، ئۇ كىشىنىڭ بەزى ئەھلىدىن ،ئۇ كىشى بۇ ھەدىسنى چوڭ دادىسىدىن ئاڭلىغان دېدى.

   ئىبنى جۇرەيج: بۇ ھەدىسنى ماڭا كەسىير ئىبنى كەسىير ئۇنىڭ دادىسىدىن چوڭ دادىسىدىن خەۋەر بەرگەن دېدى.

    ئەئزەمىي ئىبنى خۇزەيمىنىڭ تەتقىقاتىدا: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ، ئىبنى جۇرەيج مۇدەللىس، ئەن ئەن دەپ رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا كۆپ ئىختىلاپ بولۇپ، ھازىر بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت-ئورۇن يوق". بۇ ھەدىسنى شۈئەيىب ئەرناۋۇت ئىبنى ھىبباننىڭ تەتقىقاتىدا سەھىھ دېگەن.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سەئيىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش سۈننەت ئەمەس، بۇنى تاۋاپتىن كېيىن ئادا قىلىنىدىغان ئىككى رەكەت نامازغا قىياس قىلغىلى بولمايدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى