جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئىدارە قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى توغرىسىدا

304986

تارقاتقان ۋاقىت : 31-01-2020

كۆرگۈچىلەر : 1831

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ * ذَلِكَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ  تەرجىمىسى: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ئۇ(ئاللاھ) يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر.(بەندىلىرىگە)ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە سەجدە 5-6-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ  تەرجىمىسى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىقىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. [سۈرە رەئد 2-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ  تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھدۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھ نىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟. [سۈرە يۈنۈس 3-ئايەت].

   ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلىك: ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىۋې بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەتىجىسىگە قارىتا ھۆكۈم قىلىش دېمەكتۇر.[تەپسىير بەسىيت 11-توم 121-بەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خالىشى ۋە ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى تەقدىر قىلغۇچىدۇر.

ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچى دېگەنلىك: كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكە تەرتىپ ۋە چەكسىز ھېكمەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتۇر. [تەسىير ئەلۋەسىيت 4-توم 50-بەت، 4-توم 82-بەت، 5-توم 402-بەتكە قارالسۇن].

   ئۇستاز سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، ھەقىقى ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلۇغلىقىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلار ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاللاھ تائالا ئاسمانلار ۋە زېمىننى بىر مىنۇتتا يارىتىشقا قادىر بولسىمۇ، لېكىن ئىلاھى ھېكمەت بولغانلىقتىن ئالتە كۈندە ياراتتى، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىش-ھەرىكەتلىرىدە يېقىملىقتۇر.

    ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يارىتىشتىكى ھېكمىتىدىن: ئۆزىنىڭ ئىبادەتتە يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى ۋە گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەق بىلەن، ھەق ئۈچۈن ياراتتى.

   ئاللاھ تائالا ئاسمانلار ۋە زېمىننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شانۇ-شەۋكەتىگە لايىق ھالەتتە ئەرىشنىڭ ئۈستىدە قارار ئالدى.

   ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ۋاپات تاپقۇزۇش، تىرىلدۇرۇش، رىزىق بېرىش، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كۈنلەرنى ئۇزۇن-قىسقا قىلىش، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردىن زىياننى دەپئى قىلىش، بىر نەرسە سورىغۇچىلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىش قاتارلىق بارلىق ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلغۇچىدۇر.

    بىرتەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نازىل بولغۇچىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە ئۆرلىگۈچىدۇر، مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە باش ئەككۈچىدۇر، ئۇلۇغلىقى ۋە نۇپۇزىغا بويسۇنغۇچىدۇر. [تەپسىر سەئدىي 357-بەت].

   ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشىمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئىبارەتتۇر. كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ دەلىلى؛ بۇ پرىنسىپ يىتەكچىسى ياكى سىستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىنسانغا ئاسمان جىسىملىرىغا نەزەر سېلىش، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار توغرىسىدا پىكىر قىلىش يولىنى ئاچىدۇ، كائىناتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۆرۈنۈشلىرى ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ كائىنات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قىلغان چەكسىز رەھمىتى، تەڭداشسىز قۇدىرتى، ھېكمىتى ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىنى بىلدۈرىدۇ.

    قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئايەتلەر بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَجَعَلْنَا فِي الأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجاً سُبُلاً لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ, وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفاً مَحْفُوظاً وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ, وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ   تەرجىمىسى:يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق، ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر، ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ. [سۈرە ئەنبىيا 31-33-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْزُونٍ, وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ وَمَنْ لَسْتُمْ لَهُ بِرَازِقِينَ, وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلاَّ عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ إِلاَّ بِقَدَرٍ مَعْلُومٍ, وَأَرْسَلْنَا الرِّيَاحَ لَوَاقِحَ فَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَسْقَيْنَاكُمُوهُ وَمَا أَنْتُمْ لَهُ بِخَازِنِينَ   تەرجىمىسى: يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق، يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز)، قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز، بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر. [سۈرە ھىجىر 19-22-ئايەتكىچە].

    بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەر ئىنساننىڭ نەزىرى، پىكىر قارىشىنى بىر-بىرىگە مۇناسىپ بولغان، ئىنچىكە سىستىملاشقان كائىناتقا ئاغدۇرىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرگە مۇكەممەل كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان كەسكىن دەلىل-ئىسپاتتۇر، كائىناتنى مۇشۇنداق گۈزەل، ئىنچىكە شەكىلدە تەرتىپلەش ۋە ئىدارە قىلىشقا پەقەت يەككە-يېگانە بولغان بىر ئاللاھ قادىردۇر، كائىناتتىكى ھەر قانداق نەرسە ئاللاھنىڭ تەرتىپلىشى بىلەن ئۆزىگە مۇناسىپ بىر شەكىلدە، ئالاھىدە ھېكمەت، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە پۇختىلىق بىلەن بېكىتىلگەندۇر، ئاسمانلار-زېمىن ۋە بۇنىڭ ئارىسىدىكى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكە تەرتىپلەشتىن ھەيران بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭ غەيرىدە بىرەر ئۆزگىرىش بولسا بۇ ئىنچىكە تەرتىپلەشنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىغا چۆچۈش نەزىرى بىلەن قارىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ھەقىقى ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن باشقا يول يوق.

    ئەگەر ئاستىرنومىيە ئالىملىرىدىن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى توغرىسىدا بىر نەرسە سورىساق، ئۇ كىشى بىزگە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئىنچىكە ھېسابلىرى، يۇلتۇزلارنىڭ سىستىمىلىرى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بىر-بىرىدىن يىراقلىقى توغرىسىدا بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاۋاپلارنى بېرىدۇ.

    ئەگەر بىز بىئولۇگىيە ئالىملىرىدىن: ئىنساننىڭ تۈزۈلۈش شەكلى، ھايۋاناتلار دۇنياسى، ئۇچار قۇشلارنىڭ تۈرلىرى، سۇدا ئۈزىدىغان، قۇرۇقلۇقتا يۈرىدىغان، ئۆمىلەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرى، شەكلى، رەڭگى ۋە ياشاش ئەھۋالى توغرىسىدا سوئال سورىساق، بىزگە بېرىلگەن جاۋاپتىن ھەيران قىلىپ، دەرھاللا ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشىنىمىز.

    ئەگەر بىر ئۆسۈملۈك ئالىمىدىن: ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى، مېۋىلىرى، يوپۇرماقلىرى، تەمى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا سورىساق، ئۇ كىشى بىزگە ئاللاھ ھەقىقەتەن يەككە-يېگانە بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كەسكىن دەلىللەر بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ.

    ئەگەر زېمىندىكى ئىنچىكە سىستىم-تەرتىپلەرگە، دېڭىزلار، قۇرۇقلۇق، تاغلار، جىلغىلار، تۈزلەڭلىكلەر، قاپتاللار، قۇملۇقلار، كانلار، بۇلاقلار، دەريا-ئۆستەڭلەر ۋە زېمىننىڭ قاتلاملىرىدىكى نەرسىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئاجىپ شەيئىلەرنى بىزنى تىزدىن ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

    ئەقلى ساغلام بولغان ھەر قانداق بىر كىشى، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ تۈزۈلىشى ۋە تەرتىپلىنىشىنى ئۆزلىگىدىن، تاسادىپى شۇنداق بولۇپ قالغان دەيدىغان سەپسەتىلەرنى كەسكىن رەت قىلىدۇ، مەسىلەن: ئەگەر بىز بىرەر قەسىر ياكى تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرسەك، ئۇ يەردىكى تۈزۈلمە، بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇشلارنى كۆرگەندە، بۇنىڭدىن ھەيران قىلىپ بۇنى تەرتىپلىگەن، پىلانلىغان، تۈزگەن كىشىگە قاراپ قالىمىز، ئۇنداقتا مۇشۇنداق كاتتا كائىناتتىكى ئىنچىكە سىستىم، تۈزۈلمىلەرنى كۆرگەندە قانداق بولۇپ كىتەرمىز؟. [قۇرئان كەرىمدىكى تەۋھىد ئەقىدىسى 147-149-بەت].

    بۇ يەردە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن تەرتىپلەشنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكىدەك بىر پەرق يوق، پەقەت تەرتىپلەش دېگەن كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ئومۇمى ئىشتۇر.

    ئومۇمەن، مۇشۇ تېما توغرىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ھۆكمىنى ئىپادىلەش دەپ ئاتالغان، ئۆز خەلقىنى ئىدارە قىلىشنى كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتالغان بۇ  ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم: ئەندۇلۇسلۇق پەيلاسۇپ ئەبۇل ۋەلىيد ئىبنى رۇشد ئەلھەپىيد دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ"مەناھىجىل ئەدىللە پى ئەقائىدىل مىللە" ناملىق ئەسىرىدە قوللانغان.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى