جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

بارلىق ياخشىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە بەجا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّأُ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَآرِبُ أُخْرَىٰ ، قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ ، فَأَلْقَاهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ   تەرجىمىسى: مۇسا ئېيتتى:  ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار [سۈرە تاھا 18-20-ئايەتكىچە].

     سوئال بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا: مېنىڭ قارىشىمچە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىنىڭ ئەھمىيتىنى ئوچۇق بايان قىلغان ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھاسىنى تاشلاشقا بۇيرىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىنى تىزلىكتە تاشلىدى، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان قارغۇلارچە ئىشەنچىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر ئىنسان بۇيرۇغۇچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئازراق ئىشەنچ قىلىدىكەن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناھايتى ئەھمىيەتلىك بولغان نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا ئىشەنچ قىلغاندا ۋە ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش يولىدا سىز ئۈچۈن مۇھىم نەرسىدىن ۋاز كەچسىڭىز ئاللاھ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىق ۋە مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىنى قايتۇرىدۇ. بۇ قاراش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، سوئال سورىغاندا گۈزەل سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى بۇ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنانىڭ قىلىپىدۇر.

   سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم سوئال سورىغاندا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش، ئىشىنىش ۋە بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ئورۇنلىرىغا لايىق كەلمەيدىغان قارغۇلارچە ئىشىنىش دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەننىڭ ئورنىغا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، بويسۇنۇش ياكى ئاللاھقا ياخشى قاراشتا بولۇش دېگەندەك ساغلام مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان گۈزەل ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ بىلەن بولدى، ئۇ قارغۇلارچە بولماستىن، بەلكى كەسكىن ئىشەنچ بىلەن بولدى، ھەقىقەتەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، يامانلىق بولسا ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش دېگەن ئۇ بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

    ئىككىنچى: ئىمام تاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامنىڭ ئاساسى پەقەت ھەقىقى بويسۇنۇش ۋە باش ئېگىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ".[تاھاۋىينىڭ شەرھىسى 1-توم 231-بەت.

    ئۇستاز بەرراك تاھاۋىينىڭ شەرھىسى 128-بەتتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بولغان ھەقىقى خاتىرجەملىك پەقەت ھەقىقى بويسۇنۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىسلام ئاساسى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

    بويسۇنۇش، تەسلىم بولۇش ۋە باش ئىگىش دېگەن بىر-بىرىگە يېقىن بولغان مەنىداش سۆزلەر بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ  تەرجىمىسى: ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. [سۈرە لوقمان 22-ئايەت].

    ئىتائەت قىلىش، باش ئېگىش ۋە بويسۇنۇش دېگەن تالاش-تارتىشنى تەقەززا قىلمايدۇ، چۈنكى تالاش-تارتىش قىلغان كىشى باش ئەككۈچى ھېسابلانمايدۇ.

   بويسۇنۇش دېگەن ئەسلى مەنبە بولۇپ، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولغان ئېتىقاد، ئىتائەتمەنلىك ئاساسىغا قۇرۇلسا مۇستەھكەم بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر نەرسىنىڭ ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسلىكىگە، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى، ھەر شەيئىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكى، ئەڭ مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىدىغان، بارلىق كەمچىللىك ۋە ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكى، ھېچ بىر شەيئىگە زۇلۇم قىلمايدىغانلىقى، بارلىق شەيئىلەرنى يارىتىش، قانۇن-تۈزۈم بېكىتىشتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان زات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    مۇشۇ ھەقىقى ئىمان ئەمەلىلەشكەندە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن سىزگە كەلگەن بارلىق شەيئىلەرگە شەرتسىز بويسۇنىشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرۈش ۋە قارشىلىق قىلىش ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمەتلىك ئىشلىرىغا بولغان ئىشىنىشنىڭ ئاجىزلىقىدىن كىلىپ چېقىدۇ.

    ھەقىقەتكە قارىشى كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر، ئىماندا تەۋرىنىپ قالغان ياكى ئىمانى سۇسلىشىپ يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان كىشىلەر ھەقىقەتكە قارشى تۇرغۇچىلار يۈزسىز كېلىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ۋە تەقدىرىگە قارشى سۆز قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئاشكارا قارشى چىقمىسىمۇ كۆڭلىدە نارازى بولىدۇ.

    مۇسۇلمان كۆڭلىدىن كەچكەن ياكى شەيتانى خىياللاردىن ياكى ئىنسانى شەيتانلاردىن ئاڭلىغان ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قارشى كېلىدىغان بارلىق قارشىلىقلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەدلى-ئادالىتى، ھۆكمى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى زات ئىكەنلىكىگە بولغان كۈچلۈك ئىمانى بىلەن مۇداپىئە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    بۇنداق قىلىش شەرىئەتنىڭ ئەقىلگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ بەلكى ساغلام ئەقىلنىڭ توغرا دەلىلگە زىت كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئەقىلنىڭ دەلىل بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مەلۈم دائىرىدە كۈچى بولىدۇ، ئىنسان ئەقلىنىڭ ھەممە نەرىسىنى بىلىپ كىتىشى مۇمكىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ توختايدىغان بەلگىلىمىسى، چەك-چىگراسى بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئاجىز بىر مەخلۇق بولۇپ، ئۇ، سورالغان بارلىق سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ ياكى جاۋاپ بېرىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر دېيىشى كېرەك بولىدۇ.

   ئىنسان سالامەت بولغاندا كۆپ راھەتلىنىدۇ ۋە ئارام ئالىدۇ. سىزگە كەلگەن قارشى پىكىر، شەك-شۈبھىلەرنى ئۇنىڭ ئويدۇرما، يالغان ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان دەلىل، ئىسپاتلار بىلەن رەت قىلىسىز. 

   ئەمما سەۋىيىڭىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنى رەت قىلالمىسىڭىز، ئۇنى: مەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەندىم، ھەقىقەتەن شەيتان ئىنساننىڭ كۆڭلىگە تۈرلۈك ۋەسۋەسىلەرنى سالىدۇ دېيىش بىلەن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئەسلى مەنبە بىلەن رەت قىلىشىڭىز كېرەك.

   ئۈچىنچى: سىز ئايەتتىن چۈشەنگەن مەنالار توغرا بولۇپ، كۆپلىگەن تەپسىر ئالىملىرى بۇنى بايان قىلغان: يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھاساڭنى تاشلىغىن دېگەن بۇيرىقىنى ھاساڭنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكىن دەپ ئويلاپ قالغان، ۋەھەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئى مۇسا! ھاساڭنى تاشلا دېگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكىن دەپ چۈشىنىپ، ھاسىسىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكەن". [تەپسىر بەسىيت 14-توم 382-بەت][تەپسىير بەغەۋىي 5-توم 269-بەت].

   "ئاللاھ ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەرك قىلغان كىشى ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ" [تەپسىير قۇرتۇبىي 18-توم 26-بەت].

ئۇستاز سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈكۈر قىلغۇچى ۋە شۈكۈرنى قوبۇل قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، بەندە ئۇ زاتنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىپ ئەمرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا كۆپ مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، مەدھىيلەيدۇ، ماختايدۇ، مۇكاپاتلايدۇ، دىلىدا ئىماننىڭ نۇرىنى زىيادە قىلىدۇ، بەدىنىدە كۈچ-قۇۋۋەت، جۇشقۇنلۇقنى ئاشۇرىدۇ، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بەرىكەتنى زىيادە قىلىدۇ، ئەمەللىرىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا مۇكەممەل، تولۇق ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، ھېچ بىر ئەمەلى كېمەيتىلمەيدۇ.

    ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەرك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە تەرك قىلغاندىنمۇ ياخشىراق بىر نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا بىر غىرىچ يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر گەز يېقىنلىشىدۇ، كىمكى ئاللاھقا بىر گەز يېقىنلىشىدىغان، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر غۇلاچ يېقىنلىشىدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەرىپىگە ئۇنىڭدىن تىزراق كىلىدۇ، كىمكى ئاللاھ تائالا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن، ھەسسىلەپ پايدا ئالىدۇ.

     ئاللاھ تائالا شۈكۈر قىلغۇچىنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، بارلىق سىرلارنى بىلگۈچى سۈپىتى بىلەن ھەر بىر ئىنساننىڭ نىيەت-مەقسىتى، ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن كىمنىڭ تولۇق مۇكاپاتقا لايىق ۋە كىمنىڭ لايىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىدۇر. بەندىلىرىنىڭ قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھېچ نەرسىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئىلگىركىدىنمۇ مۇكەممەل-تولۇقلاپ بېرىدۇ. [تەپسىير سەئدىي 76-بەت].

    تۆتىنچى: ئايەتتە ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا، مۇسۇلمان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھدىن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشتا پايدىسى بولىدىغان ئەمەلى مەنا بار، ئۇ بولسىمۇ، بۇيرۇقنى ۋاقتىدا ئىجرا قىلىش، ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كىچىكتۈرمەسلىك، سۇسلۇق قىلماسلىق ۋە چالا قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

    ئايەتتىكى كۆرسەتمە مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھاساڭنى تاشلا دېدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەرھال تاشلىدى يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش بىلەن دەرھال ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىپ، ئىتائەت قىلىشقا ئالدىراپ ئۆزى ئۈچۈن كۆپ مەنپەئەتلىك بولغان ھاسىسىنى تاشلىدى. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىشى مۇشۇنداق شەكىلدە بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا  تەرجىمىسى: ئاللاھ  ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر - ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت].

    بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ئالىملارنىڭ ئايەتكە قىلغان تەپسىرى توغرىسىدا بىرەر چۈشەنمەسلىك پەيدا بولسا، سىز چۈشىنىش ئاسان بولغان "ئىخچام تەپسىر" ۋە ئاسانلاشتۇرۇلغان تەپسىر" بولۇپمۇ ئۇستاز سەئدىنىڭ تەپسىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭ، بۇنداق قىلىشنىڭ سىزنىڭ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلىنىشىڭىز ۋە ئايەتتىن ئىلىنغان ئىنچىكە مەنالارنى چۈشىنىشىڭىزگە كۆپ پايدىسى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى