پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ماشىنا قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنى سېتىشنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى باھاسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بازارغا سېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    بىر كىشى ماشىنا سېتىۋالماقچى بولۇپ، ماشىنا ساتقۇچىغا: ماشىنىنى بازارغا سىلىپ باھاسىنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن شۇ باھادا سېتىۋېلىشنى شەرت قىلغان بولسا، باھاسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ماشىنىنى بازارغا سالسا توغرا بولامدۇ؟ سېتىۋالغۇچىنىڭ ساتقۇچىغا مۇشۇنداق شەرت قويۇشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سودىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن: ئېلىم-سېتىم تامام بولغاندا مالنىڭ باھاسىنى بىلىش كېرەك، بۇ ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ بېكىتكەن كېلىشىمگە مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن بىلىنىدۇ. لېكىن سېتىۋالغۇچى مالنىڭ باھاسىنى بىلمىگەن ۋاقىتتا، مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مال ساتقۇچىغا: مالنى بازارغا سېلىشنى، مال بازاردا بېكىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇ شەكىلدە سودا قىلىش يولغا قويۇلمىغان، بۇنداق قىلىش بازاردىكى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ئالداش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بازاردىكى كىشىلەر ساتقۇچىنى چوقۇم ساتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى سېتىشنى مەقسەت قىلمىغاندىن كېيىن، شۇنىڭ بىلەن بازاردىكى كىشىلەرنىڭ ماشىنىنى تەكشۈرتۈش، كۆرسىتىش، سېتىۋېلىشقا قىزىقىش ۋە ئۆز-ئارا باھا تالىشىش قاتارلىق تىرىشچانلىقىنى ۋە ۋاقتىنى زايە قىلىدۇ.

    كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ئالداش بولسا شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلغۇچى دوزاختا بولىدۇ.» [بەيھەقى شۆئەبىل ئىماندا كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: «ساختىپەزلىك قىلغۇچى دوزاختا بولىدۇ، كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ،» دېگەن تېكىست بىلەن مۇئەللەق شەكىلدە رىۋايەت قىلغان.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ساختىپەزلىك قىلغان كىشى بىزدىن ئەمەس.» [مۇسلىم رىۋايىتى102-ھەدىس].

     ماشىنىنى بازارغا سىلىپ باھا تالاشتۇرۇشتا ماشىنا ئۆزىنىڭ ھەقلىق بولغان باھاسىغا يەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئادەتتە بازاردا مالنىڭ باھاسىنى تۆۋەن سورايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماشنىنى سېتىۋالغۇچى ئىنساپ قىلماستىن باھانى چۈشۈرۈپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان.

     بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەجرىبىلىك ۋە ماشىنا باھاسىنى بىلىدىغان بىر ياكى ئىككى كىشىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا ھەق بەرسىمۇ، ماشىنىنى باھالىتىپ شۇ بويىچە ساتسا توغرا بولىدۇ. ئادەتتە بۇنىڭ ھەققىنى ماشىنا سېتىۋالغۇچى بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چىقىملىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن بولىدۇ.

   ماشىنا سېتىۋالغۇچىمۇ بازار ئەھلى بىلەن سودىغا قاتناشسۇن، بازاردا كىشىلەر ئۆرلەپ باھا تالاشقان ئاخىرقى باھاغا ئازراق قېتىپ سېتىۋالسۇن ياكى ماشىنىنىڭ ئىگىسى رازى بولسا ئاخىرىقى باھادا سېتىۋالغۇچىلارغا يول قويسۇن.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىدا باھا تالاشتۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئاخىرىقى باھادا بولىدۇ دەپ كېلىشكەن بولسا، ئاخىرىقى باھا بېكىتىلگەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتكەن بولسا، بۇمۇ بۇ سودىنى چەكلەشنىڭ يەنە بىر يولىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ساتقۇچىنىڭ: مەن ماشىنىنى سىزگە بازاردا توختىغان ئاخىرىقى باھاغا بېرىمەن دېگەن سۆزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بازاردا ماشىنىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولامدۇ ياكى تۆۋەن بولامدۇ؟ بۇنى بىز بىلمەيمىز، بەزى ۋاقىتتا بازاردا بىر نەرسىنى ئالمايدىغان كىشىدىن بىرى مالنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويۇپ ئالماي كېتىدۇ، بەزى كىشىلەر مالنىڭ باھاسىنى بەك تۆۋەن سورايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بازاردا توختالغان ئاخىرىقى باھادا ساتىمەن دېگەن سۆز توغرا بولمايدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار بۇ شەكىلدە سودا قىلىشنىمۇ توغرا بولىدۇ دەيدۇ، چۈنكى  مەلۇم باھانى بېكىتىپ سودا قىلغاندىن بازاردا كېلىشكەن ئاخىرىقى باھادا سودا قىلىش بەكرەك ئىشەنچىلىك بولىدۇ، چۈنكى سېتىۋالغۇچى: كشىلەر مۇشۇ باھاغا توختىغان بولسا، ماشىنىنىڭ قىممىتى مۇشىنچىلىك ئىكەن، مەنمۇ مۇشۇ باھادا سېتىۋالاي دەيدۇ، لېكىن بۇ شەكىلدە سودا قىلىشنىڭ توغرا بولىشى ھەققىدە شۈبھى بار.

     ئەڭ توغرا بولغىنى، بازاردا بېكىتىلگەن ئاخىرىقى باھاغا سودا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بازاردا بېكىتىلىنىدىغان ئاخىرىقى باھا دېگەن ئېنىقسىز بولۇپ، ئەگەر بازارغا مال ئالماستىن قەستەن باھانى ئۆستۈرۈپ قويىدىغان كىشى كەلسە باھاسى زىيادە ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئەگەر بازاردا سودا قىلىدىغانلار ئاز بولسا باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا باھانىڭ ئېنىق بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بازاردا بېكىتىلگەن ئاخىرقى باھا بويىچە سودا قىلىش توغرا بولمايدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"8-توم 173-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى