جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پۇلنى ئۆزىنىڭ ھېسابىدىن تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ھېسابىغا يۆتكىگەن بولسا، بانكىدىن ئۇ پۇلنى ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەق ئىلىش توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ بانكىدن ھەر كۈندە ئىككى مىڭ يۈئەن ئېلىش بەلگىلىمىمىز بار، مېنىڭ ۋاقتىم ئالدىراش بولغاچقا، مەن پۇلنى بانكا ھېسابىمدىن تاغامنىڭ بالىسىنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ بەردىم، ئۇ ھەر كۈنى بانكىدىن پۇلنى ئېلىپ ماڭا ئەكىلىپ بېرىدۇ، مەن ئۇنىڭ بانكىدىن پۇلنى ئەكىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ھەق بېرىمەن بۇ توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تاغىڭىزنىڭ ئوغلىنىڭ ھەر كۈنى سىزگە بانكىدىن پۇلنى ئەكىلىپ بېرىشى ئۈچۈن پۇلنى ئۆز ھېسابىڭىزدىن ئۇنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ، ئۇنىڭغا بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ھەق بېرىشىڭىز توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھېسابىغا كىرگەن پۇل ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ پۇلىڭىز، ئۇ بانكىدىن پۇلنى ئىلىپ سىزگە ئەكىلىپ بەرسە سىز ئۇنىڭغا ھەق بەرسىڭىز بولىدۇ.

    ئەگەر تاغىڭىزنىڭ ئوغلى سىزنىڭ ھېسابىڭىزدىكى پۇل ئۆزىنىڭ ھېسابىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىزگە پۇلنى ئەكىلىپ بېرىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ھەق ئالسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئەكىلىپ بېرىپ، ئەكەلگەن پۇلدىن ئارتۇقراق پۇل ئالغان بولىدۇ، بۇ جازانە ھېسابلىنىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنىي" ناملىق ئەسەر 6-توم 436-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" شەرت بىلەن بېرىلگەن ياكى ئارتۇق ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق قەرىز مۇتلەق ھارام بولىدۇ.

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا قەرزنى ئەسلىدىكىدىن ئارتۇق قايتۇرۇش ياكى ھەدىيە بىلەن بىرگە قايتۇرۇشنى شەرت قىلىپ بەرسە، قەرىزنى قايتۇرغاندا ئارتۇق ئالسا بۇنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن.

     بۇ توغرىدا ئۇبەي ئىبنى كەئەب، ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇدتىن-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- "ھەرقانداق پايدا ئاساسىغا قەرز بېرىش چەكلىنىدۇ" دېگەن ئەسەر رىۋايەت قىلىنغان".

    ئەگەر پۇل ئۆز ھېسابىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىزگە بانكىدىن پۇلنى بىكارغا ئەكىلىپ بەرسە بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى