پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەغابۇن دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال

    ئىسلامدا تەغابۇن دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    تەغابۇن دېگەن: بىر-بىرىنى ئالداش دېگەن سۆزدىكى ئالدامچىلىق-ساختىپەزلىك دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان، خۇددى ئالدىنىپ كەتكەن كىشىگە: ئۇنى سودىدا ئالدىدى دېگەنگە ئوخشاش.

     ئىمام پەيۇمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنى سودا-سېتىقتا ئالدىدى" دېگەن سۆزدىكى "غەبەنە" بۇ مورپۇلوگىيە ئىلمىدىكى "زەرەبە" بابىدىن بولىدۇ دەپ، ئۇ سۆزنىڭ تۈرلىنىشلىرىنى بايان قىلىدۇ". ["مىسباھ ئەل مۇنىر"442-بەت].

    "مۇختار سىھاھ" 224-بەتتىكى-غ ب ن- ماددىسىغا، "قامۇس ئەل مۇھىيت"1-توم1219-بەتتە-پەسلۇل غەبەنە"گە قارالسۇن.

    شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "غەبنە" دېگەن سۆز "خەبەنە" دېگەن سۆزگە ئوخشاش ئۈچ ھەرىپتىن ئىككىدە ئورتاق بولۇش بىلەن "كەمچىللىكنى ھېس قىلىش" دېگەن بولىدۇ، لۇغەتتە بايان قىلىنغاندەك، ئۇ سۆزلەر ئوخشىمايدىغان ھەرپلەردە يېقىن بولغاندەك، ئۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدىكى مەنامۇ يېقىندۇر، غەين بىلەن خا ھەرىپى كاناي ھەرىپى بولۇپ، غەيىن كانايدىن يوشۇرۇن چىقىدۇ، خا ھەرىپى ئاشكارا چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن (غ ب ن ) يوشۇرۇن ئالدامچىلىقنى، (خ ب ن) ئاشكارا ئالدامچىلىقنى بىلدۈرىدۇ. ["ئەزۋائۇل بايان" 8-توم 201-بەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى (يوم تەغابۇن) زىيان تارتىدىغان كۈن دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ۋە ئازغۇنلارنىڭ ئاخىرەتنى دۇنياغا ساتقانلىقى سەۋەبىدىن تىجارەتتە زىيان تارتقانلىقى ۋە ھالاك بولغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ.

    راغىب ئىسباھانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"(غەبەنە) دېگەن: سېنىڭ ئۆزۇڭ بىلەن ھەمراھىڭ ئارىسىدىكى مۇئامىلىدە ئۇنى مەخپى يول بىلەن زىيانغا ئۇچرىتىشىڭدىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر بۇ ئىش مالدا بولسا "پالانى ئالداندى دېيىلىدۇ".

    يوم تەغابۇن دېگەن قىيامەت كۈنى بولۇپ، كاپىر-ئازغۇنلارنىڭ ئاخىرەتنى دۇنياغا سېتىش بىلەن زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ، بۇنىڭغا بەقەرە سۈرىسىدە ئىشارەت قىلىنغان:  وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغاءَ مَرْضاتِ اللَّهِ   تەرجىمىسى: «بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلىي بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر.» [سۈرە بەقەرە 207-ئايەت].

    يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللَّهَ اشْتَرى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى.» [سۈرە تەۋبە 111-بەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمانِهِمْ ثَمَناً قَلِيلًا    تەرجىمىسى: «ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە(ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 77-بەت.

   ئۇلار دۇنيادا قىلغان سودىسىدا شۇنىڭدەك بارلىق ئىشلىرىدا زىيان تارتقانلىقىنى بىلدى. 

    ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن: تەغابۇن كۈنىدىن سورالغاندا، مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كۈندە ئىشلار دۇنيادا ئويلىغان ۋە پىلانلىغاننىڭ ئەكسىچە ئاشكارا بولىدۇ".

   تەپسىر ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "غۇبنى" دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى: بىر ئىشنى مەخپى قىلىش دېمەكتۇر، ئەگەر غەبنە بولسا يوشۇرۇن ئىش قىلىنىدىغان ئورۇننى بىلدۈرىدۇ.

     شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن: زىيان تارتىشتا كۈنلەرنىڭ ئاقىۋېتىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ياشلارنىڭ ئوخشىشىنى كۆرمىدىم. ["ئەلمۇپرىدات پى غەرىبىل قۇرئان" 602-بەت].

    ئىمام تەبەرى ئۆز كىتابىنىڭ 23-توم 419-بەتتە ياخشى ئىسناد بىلەن ئەلى ئىبنى تەلھەدىن، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "ئاشۇ يوم تەغابۇن-يەنى كاپىرلار زىيان تارتىدىغان كۈن-دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ قىيامەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ كۈننىڭ كاتتىلىقىدىن بەندىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش دېمەكتۇر.

    شۇنىڭدەك مۇجاھىدتىن سەھىھ ئىسناد بىلەن بايان قىلىنغان ئەسەردە ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاشۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر» دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ:" بۇ جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان كۈندۈر"دېگەن.

   قەتادەدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ» دېگەن سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر، يەنى بۇ جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان كۈندۈر"دېگەن.

    ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاشۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر» دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ: "بۇ جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان كۈندۈر"دېگەن، تەپسىر ئالىملىرىمۇ بۇ توغرىدا باشقىلار دېگەندەك دېگەن.

    ئىمام بەغەۋي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ كۈندە ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىنى توپلايدۇ، ئاشۇ زىيان تارتىش كۈنىدۇر، كاپىرلار، مۇشرىكلار دۇنيادا ئىماننى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ياخشىلىقتىن ئالىدىغان نېسىۋىسىنى يوق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىنى زىيان تارتىدۇ، شۇنىڭدەك ئاسىي، ئىمانى ئاجىز ئىنسانلارمۇ دۇنيادا ياخشىلىقنى تولۇق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ". ["تەپسىر بەغەۋىي" 5-توم 104-بەت].

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىيامەت كۈنى زىيان تارتىش كۈنى دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ يەنى : ئالماشتۇرۇش يولىغا ئاساسەن جەننەت ئەھلى جەننەتنى ۋە دوزاخ ئەھلى دوزاخنى ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىققا يامانلىقنى، ئېسىلغا ناچارنى، نېمەتكە ئازابنى ئالماشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن زىيان ئاشكارا بولدى". ["تەپسىر قۇرتۇبى"18-توم 136-بەت].

   شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ھەقىقەتەن مۇشۇ ئورۇندا زىيان تارتىشنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلدى، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن جەننەتتە ۋە دوزاختا بىردىن ئورۇن بولىدۇ، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى قۇرۇق قالىدۇ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرگەندە ئۇلارنىڭ دوزاختىكى ئورنى قۇرۇق قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا جەننەت ئەھلىنىڭ دوزاختىكى ئورنى دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن بولىدۇ، دوزاخ ئەھلىنىڭ جەننەتتىكى ئورنى جەننەت ئەھلى ئۈچۈن بولىدۇ، جەننەت ئەھلى بۇ ئورۇنلارنى كاپىرلاردىن مىراس ئالدى، بۇ ئەڭ دەرتلىك زىياندۇر، ئۇ بولسىمۇ دوزاختىكى ئورۇننى جەننەتتىكى ئورۇنغا ئالماشتۇرۇشتۇر، ئۇلار دوزاخقا كەتكەنلەرنىڭ ئورنىنى مىراس ئالدى". ["ئەزۋائۇل بايان" 8-توم 201-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قۇرئان كەرىمدىكى تەغابۇن سۈرىسىدىكى"ئەتتەغابۇن" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەتتەغابۇن" دېگەن سۆز ئالداش بىلەن غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە يوم تەغابۇن دەپ زىكىر قىلدى، ھەقىقەتتە ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ».

    ھەقىقى زىيان تارتىش دېگەن ئاخىرەتتە زىيان تارتىشتۇر، ئۇ ۋاقىتتا بىر پىرقە جەننەتتە، يەنە بىر پىرقە دوزاختا بولىدۇ، ئەمما دۇنيادا زىيان تارتىش بولسا ئاخىرەتتىكى زىيان تارتىشقا نىسبەتەن ھېچ نەرسە ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  انظُرْ كَيْفَ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَلَلآخِرَةُ أَكْبَرُ دَرَجَاتٍ وَأَكْبَرُ تَفْضِيلاً  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن قانداق ئۈستۈن قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاخىرەت دەرىجىلىرىدىكى (پەرق) ئەلۋەتتە تېخىمۇ چوڭدۇر ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتىكى پەرق زىيادە چوڭدۇر.» [سۈرە ئىسرا 21-ئايەت].

نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى 5/2دىن ئېلىندى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى