سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

بىنغالۇر(I M A) ۋە باشقا شىركەتلەرگە پاي قوشۇشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   ھىندىستاندا بىزنىڭ شېركەتلىرىمىز بولۇپ، كىشىلەردىن شىركەتكە مەبلەغ سېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، شىركەت ھەر ئايدا مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد بېرىدۇ، شۇ ئېنىق بولىدۇكى! بۇ شىركەت ئالماس، ئالتۇن ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرىغىمۇ ئىگە بولىدۇ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ھىيرا ئالتۇن شىركىتىنىڭ ئىگىسى قولغا ئىلىندى، نۇرغۇن كىشىلەر ھىرا ئالتۇن شىركىتىگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر ئىزتىراپ ئىچىدە، بىنغالۇر(I M A)  دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر شىركەت بولۇپ، ئۇنى خەۋەرلەرگە ئېلان قىلدى. بەزى ئالىملار بىر قانچە قېتىم پايدىدىن خالى بولغان شېركەتلەردىن مۇشۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى ئېيتتى، دۇيۇبەندىي ئۆلىمالىرى كۆپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندىن كېيىن (I M A) شىركىتىگە مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا يېشىل چىراق ياقتى، ئىسلامدا مۇشۇ تۈردىكى شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش توغرىمۇ ياكى توغرا ئەمەسمۇ؟، بۇنىڭغا قۇرئان، ھەدىستىن تەپسىلى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ شېركەتنىڭ قانداقلىقى، مۇئامىلە ئىشلىرىدا شەرئى پرىنسىپنى قانچىلىك ئاساس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋالىنى بىلمەيمىز. لېكىن، ئومۇمى جەھەتتىن: تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولغاندا، شىركەت بىلەن بىرگە ئىش قىلىش ئۈچۈن مۇزارىبەت شەكىلدە شىركەتكە مەبلەغ سالسا بولىدۇ:

   1-شىركەت مەبلەغنى دۇرۇس بولغان تىجارەتچىلەرگە ئىشلىتىش كېرەك، سودا قىلغاندا ئالتۇننى ئالتۇنغا ئىلىم-سېتىم قىلسا تەڭ باراۋەر بولۇش، ئالتۇننى پۇلغا ياكى كۈمۈشكە ساتقاندا نەخ ۋە شۇ سورۇندا تاپشۇرۇپ ئېلىش قاتارلىق شەرتلىرىگە رىئايە قىلغاندا ئالتۇن سودىسىمۇ توغرا بولىدۇ. 

   2-سالغان مەبلەغكە ئىگە بولماسلىق، زىيان تارتقان ۋاقىتتا شىركەت سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، لېكىن سەل قاراش ياكى ئاسرىماسلىق بولسا قايتۇرىدۇ. ئەمما سالغان مەبلەغكە ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنسا، ھەر قانداق ھالەتتە بۇ قەرز كېلىشىمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدا جازانە ھېسابلىنىدۇ.

   3-ئالىدىغان پايدا مەلۇملۇق ۋە ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق كەلگەن بولۇش كېرەك، لېكىن سالغان مەبلەغنىڭ ئەمەس  بەلكى پايدىنىڭ ئورتاق نىسبىتىنى بېكىتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۈچۈن پايدىدىن تۆتتىن بىرى، يېرىمى ياكى 20% بولىدۇ، قالغىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈچۈن بولىدۇ.

    ئەگەر ئايرىيدىغان پايدا سالغان مەبلەغدىن مەلۇم نىسبەتتە ياكى مەبلەغنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بولسا ياكى بەلگىلەنمىگەن ئېنىقسىز بولسا، بۇنداق ھالەتتە پىقھى ئالىملىرى  شېرىكچىلىكنىڭ بۇزىلىدىغانلىقىغا دەلىل بايان قىلدى.

    ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئىلىم ئالغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى مۇزارىبىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى ئۆزى ئۈچۈن مەلۇم ئىقتىسادنى شەرت قىلسا باتىل بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن، بىز ئىلىم ئالغان ئالىملاردىن: ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، ئىمام شاپىئىي، ئەبۇ سۈر ۋە ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى قاتارلىقلار". ["ئەلمۇغنى" 5-توم 23-بەت].

    "مەتالىب ئۇلۇن نۇھا" 3-توم 517-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر بىر كىشى: بۇ پۇلنى ئالغىن، مۇزارەبە قىلىمىز، ساڭا پايدىدىن مەلۇم بىر قىسمى بولىدۇ ياكى پايدىغا تەڭ شېرىك بولىمىز ياكى پايدىدىن مەلۇم بىر قىسمىغا شېرىك بولىمىز دېگەن بولسا، بۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا پايدا ئېنىقسىزدۇر، مۇزارىبەت كېلىشىمدە پەيدا ئېنىقسىز بولسا توغرا بولمايدۇ".

مۇشۇ شەرتلەر ئەمەلىيلەشكەندە مەبلەغ سېلىش توغرا بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى