جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

لاھىيلەش ۋە ئامازون سېتىش ئىشلىرىغا شېرىك بولۇپ خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

مېنىڭ سوئالىم: ئامازون خىزمىتى تور بېتىدىن (مەرچ بي ئامزون)  پايدا ئېلىش توغرىسىدا، مەن بۇ تور بەتكە ئەزا بولدۇم، ئۇلار ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشنى، بانكا ھېسابى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ياۋرۇپا بانكىسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھېساب نومۇرى، بۇ توربەتتىن پايدا ئىلىشنىڭ يولى، مەن ئۇلارغا لاھىيلەنگەن رەسىم ياكى سۈرەت ياكى ئاساسەن ئىنگىلىز تىلىدا يېزىلغان خەتلەرنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار بۇ لاھىيەنى مايكىغا قويىدۇ، ئۇ يېڭى كالتا مايكا، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ لاھىيەنى مۇشۇ مايكىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان رەڭ بىلەن رەڭلەيمەن، ئۇنى سۈپەتلەپ خەت يازىمەن، باھاسىنى بېكىتىمەن، مەن بۇرۇندىنلا بۇنىڭدىن ماڭا كېلىدىغان پايدىنى بىلەتتىم، مەسىلەن: مايكا ئون توققۇز دوللار بولسا، ماڭا بەش دوللار كېلەتتى، ئون تۆت دوللار بولسا، تور بەتنىڭ چېقىملىرىغا كېتەتتى، مەن بۇ مايكىنى كىم سېتىۋالىدۇ يەنى ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ، ياشلارمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنى بېكىتەتتىم، ئاندىن تور بەت  مايكىنى مەن سۈپەتلىگەن ھەممە سۈپەتلىرى بىلەن تورغا قويىدۇ، بۇنى سىتىۋېلىشقا قىزىققان كىشى مايكىنىڭ پۇلىنى تور بەتكە تۆلەيدۇ، ئاندىن تور بەت مېنىڭ لاھىيەمنى مايكىغا باسىدۇ، تور بەت مايكىنى ھازىرلاش، ساقلاش، سېتىۋالغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، ئەگەر سېتىۋالغۇچىغا يارىمىسا قايتۇرۇپ ئېلىشقا كېپىللىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تور بەت مېنىڭ بۇ ئايلىق پايدامنى كېلەر ئاي بانكا ھېسابىمغا ئەۋەتىدۇ، مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يول بىلەن مۇشۇ تور بەتتىن پايدا ئېلىشىمدا بىرەر مەسىلە بارمۇ؟ بۇ كالتە يەڭ مايكا بولۇپ، ئاياللار ياكى قىزلار سېتىۋېلىپ كىيسە قانداق بولىدۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ بۇ مايكىنى ئۆي ئىچىدە كېيەمدۇ ياكى سىرتلاردا كىيەمدۇ بۇنى بىلمەيمەن؟ بۇنىڭدا گۇناھ بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

    مايكىغا باسىدىغان رەسىم ياكى خەتلەرنى لاھىيەلەپ، مايكا سېتىلغاندا ئۇنىڭدىن مەلۇم مىقداردا پايدا ئالسىڭىز، سېتىلمىسا ئالمىسىڭىز بۇنىڭدا خاتالىق بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شېرىكلىشىپ ئىش قىلىش ھېسابلىنىدۇ، سىز لاھىيەلەشكە، ئامازۇن ئۇنى بازارغا سېلىپ سېتىشقا شېرىك بولۇشتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئالىدىغان پايدىڭىز بەلگىلەنگەن بولماستىن بەلكى پايدىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شېرىكلەردىن بىرەرسىگە بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن بىر دوللار ئارتۇق بېرىش توغرا بولمايدۇ"، ئومۇمەن، شېرىكلەرنىڭ ئالىدىغان نىسبەتلىرىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئالىدىغان نىسبەتلىرىنى ئېنىق بېكىتكەن بولسا، ئۆزى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئون دوللار ئارتۇق ئالسا بۇنىڭ بىلەن شېرىكچىلىك بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

   ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز بىلىم ئالغان ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسى: شېرىك ئىش قىلغانلاردىن بىرى ياكى ھەر ئىككىسى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن سىرت پايدىدىن مەلۇم مىقدارنى ئۆزى ئۈچۈن قىلىۋالسا بۇ شېرىكچىلىك كىلىشىمى بۇزۇلىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلگەن. ["ئەل مۇغنى"5-توم 28-بەت].

    مايكىنىڭ ئەمەلى سېتىلىدىغان پۇلى بېكىتىلگەن، مەسىلەن يىگىرمە دوللار، ئۆزىڭىزگە بەش دوللارنى شەرت قىلغان بولسىڭىز، بۇ توغرا بولىدۇ، بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نىسبەتتۇر.

    ھەقىقەتەن: ئىككى شېرىكنىڭ بىرسى ئۆزىگە مەلۇم مىقداردا پايدىنى بېكىتىدۇ، مالنىڭ نەچچە پۇلغا سېتىلىدىغانلىقىنى ياكى بەلگىلەنگەن باھادا سېتىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇ توغرا بولمايدۇ.

    ئەگەر ئۇلار بىلەن مايكا سېتىلسۇن ياكى سېتىلمىسۇن پەقەت لاھىيەلىگەننىڭ بەدىلىگە ھەق ئېلىشنى دېيىشكەن بولسىڭىز، بۇ لاھىيە سودىسى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئامازۇنغا ساتقان ۋاقىتتا لاھىيە ھەققى ئېنىق بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار بىلەن يەنى شېركەت بۇ لاھىيەدىن پايدا ئالامدۇ ياكى زېيان تارتامدۇ بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئالاقىڭىز بولمايدۇ.

    لاھىيەلەش ياكى سېتىشقا شېرىك بولۇش ئۈچۈن: لاھىيەلەنگەن رەسىم ياكى خەتلەر ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بولىشى، خاتالىققا ياردەم بېرىدىغان بولماسلىقى، ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ مايكىسىنى لاھىيەلەشتىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى شەرت قېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ مايكىنى كۆپ ۋاقىتلاردا يېرىم-يالىڭاچ ھالەتتە كىيىدۇ.

    ئەگەر ئەرلەر ۋە ئوغۇللارنىڭ مايكىسىنى لاھىيەلىسىڭىز، ئۇنى يېرىم يالىڭاچ كىيىدىغان ئاياللار سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ سىزگە گۇناھ بولمايدۇ.  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى