جۈمە 24 شەۋۋال 1445 - 3 ماي 2024
Uygur

ئوقۇتقۇچى دەرسنى سورۇندىن باشقا يەرگە يۆتكىمەسلىكنى ياكى قەيت قىماسلىقنى شەرت قىلسا توغرا بولامدۇ؟

291830

تارقاتقان ۋاقىت : 27-08-2022

كۆرگۈچىلەر : 670

سۇئال

   مەن ئېنتىرنىتتىن بىر دەرسكە قاتناشتىم، قاتنىشىش رەسمىيىتىنى ئىلگىرى ئۆتىدىم، دەرسكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن دەرس گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى  بىزدىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى يۈكلىمەسلىك ۋە باشقىلارغا ئەۋەتمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە ئالدى، بىزگە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلدى، مەن دەرسنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن: ئاللاھ نامى بىلەن ۋەدە قىلىمەن دېدىم، باشقا سۆز قىلمىدىم، لېكىن كۆڭلۈمدە سۆزلەنگەن دوكلات-لېكسىيىلەرنى يۈكلىۋالىمەن دەپ ئويلىدىم، چۈنكى مېنىڭ ۋاقتىم ئاز، لېكسىيە-دوكلاتلارنى كۆرىمەن دەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئېنتىرنېتنى ئېچىپ ئولتۇرالمايمەن، دوستلىرىمنىڭ بەزىسى ماڭا دوستلارغا بىر گورۇپا قۇرۇشنى سۆزلەنگەن لېكسىيە –دوكلاتلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى بۇ گورۇپىغا ئەۋەتىشنى، ئۇ يەرگە تۆلىگەن پۇلنى ئۆزئارا تەڭ ئۆتەيدىغانلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى، مېنىڭ سۇئالىم: مېنىڭ مەزمۇنلارغا ئۇلارنى شېرىك قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟بىلىشىمچە، ئۇلارنىڭمۇ مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقۇسى بولسىمۇ لېكىن ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىكتىن قاتنىشالمىغان، ماڭا نىسبەتەن، تۆلىگەن پۇلنى ئۆز ئارا تەقسىم قىلىش مېنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۇرسقا قاتنىشىشىم ئۈچۈن يۈكۈمنى يەڭگىللىتىدۇ، بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن پۇلنى باشقىلاردىن قەرز ئالغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: دەرس سۆزلەيدىغان مەسئۇل: دەۋرىگە قاتناشقۇچىلارغا سۆزلەنگەن لېكسىيە-دوكلاتلارنى يۈكلىمەسلىك ۋە باشقىلارغا ئەۋەتمەسلىكنى شەرت قىلغان بولسا، قاتناشقۇچىلار بۇنى قوبۇل قىلىپ قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ شەرتلىرىگە ۋاپا قىلغۇچىدۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 4-توم 451-بەتتە تەئلىق قىلغان. بەيھەقى 7-توم 249-بەت. ھاكىم 2-توم 57-بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 5-توم 207-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇنداق دېگەن: "ئىبنى ئەۋۇن ئىبنى سېرىيندىن نەقىل قىلغان ئەسەردە: بىر كىشى كىرا قىلىدىغان كىشىگە: مەن سېنىڭ ئۇلىغىڭ بىلەن سەپەرگە چىقىمەن ئەگەر مەن پالانى كۈنى سەن بىلەن بىرگە ماڭمىسام ساڭا يۈز دىرھەم بېرىمەن دەپ، ئۇ كۈنى سەپەرگە بىرگە چىقمىغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە، شۇرەيھ: كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە شەرت قىلغان بولسا، شەرتىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك دېگەن".

    ئەييۇپ ئىبنى سىيرىندىن نەقىل قىلغان ئەسەردە: بىر كىشى يېمەكلىكىنى سېتىۋېلىپ ئەگەر مەن چارشەنبە كۈنى كەلمىسەم  سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا سودا يوق دەپتۇ ۋە چارشەنبە كۈنى كەلمەپتۇ؟ دېگەندە، شۇرەيھ سېتىۋالغۇچىغا: سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلدىڭ دەپ ئۇنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم قىلغان "سەھىھۇل بۇخارى" كىتابۇل شەرت، شەرتتىن توغرا بولىدىغان ۋە ئىقرارغا قېتىلىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى بابتا كەلتۈرگەن.

     ئىككىنچى:ۋاپا قىلىنىدىغان شەرت دېگەن كېلىشىم بىلەن بىرگە ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن قىلىنغان شەرتتۇر، كېلىشىمدىن كېيىنكى شەرتلەر بولسا ئۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى كېلىشىمدە بۇ شەرت بولمىغان، لېكىن كېلىشىم سورۇنى پۈتمىگەن ياكى شەرت ئارىسىدا بولسا ۋاپا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سودىدىكى شەرتلەر كېلىشىم قىلغاندا بولسۇن ياكى كېلىشىمدىن كېيىنكى ئىختىيارلىق ۋاقتىدا بولسۇن ياكى كېلىشىمدىن ئىلگىرى ئىتتىپاق كەلگەن بولسۇن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"8-توم 224-بەت].

     دەۋرىنىڭ مەسئۇلى بۇ شەرتنى سىز دەۋرىگە قاتنىشىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلمىغان بولسا، سىزنىڭ بۇ شەرتكە ۋاپا قىلىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ شەرت كېلىشىمدىن كېيىن بولغان.

    لېكسىيە سۆزلىگۈچى دەرسكە قاتناشقۇچىلارنى ئۇلار دەۋرىگە قاتناشقاندىن كېيىن لېكسىيىلەرنى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ لېكسىيىلەرنى كۆرۈشى زۆرۈر، ئۇلارنى بۇنىڭ چەكلەپ قويۇش زۇلۇم قىلغانلىقتۇر، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك بولمايدۇ، شەرت قىلىش ۋە ۋەدە ئېلىش دېگەن كۇرسقا قاتناشقاندا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بولمايدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن كۇرسقا قاتنىشىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلىنمىغان شەرتلەر ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، كۇرستىكى لېكسىيە-دوكلاتلارنى يۈكلەپ، باشقىلارغا يوللاپ پايدىلانسا توغرا بولىدۇ.

     ئۈچىنچى: ئەمما ئۇنى باشقىلارغا بىكارغا بېرىۋېتىش بولسا، كۆرۈنۈشتە بىرەر كىشىگە بەرسە، ئۇنى باشقىلارغا تارقاتمىسا ھېچ گەپ يوق، ئومۇمى شەكىلدە تارقىتىش بولسا مۇشۇ ماددىنىڭ پىكىر ساھىبىغا زىيان يەتكۈزۈش بولىدۇ.

    بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشىگە دەۋرىگە تۆلەيدىغان پۇل ئېغىر كەلسە ياكى قىيىنچىلىقى بولسا، ئۆزى بىلەن بىر، ئىككى ياكى بىر قانچە كىشىنى شېرىك قىلسا بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئۇلارغا گۇناھ بولماسلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، بۇنداق قىلىش كۇرس ئۆز ئېچىگە ئالغان لېكسىيىلەرنى باشقىلارغا بىكارغا تارقاتقاندىن ياخشىدۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىز نەشىريات ھوقۇقى قوغدىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان كاسىيتلاردىن تىجارەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى دەۋەت ئۈچۈن كۆچۈرۈپ تارقاتساق بۇ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتكەن بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭ قارىشىمچە كۆچۈرۈپ پايدىلىنىش ئۆزى ئۈچۈن بولسا بولىدۇ، ئەمما تىجارەت ئۈچۈن بولسا، بۇنى كۆچۈرۈپ سېتىش ئورۇنلىرىغا بەرسە توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئەمما ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا ئۇلارغا كۆچۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.  ["ئىبنى قۇدامىنىڭ" تەئلىيق ئەلا كاپى" 3/373 نومۇر].

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى