يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

شىجائەت ۋە باتۇرلۇقنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەخلاقلىنىدىغان ئامىللار

سۇئال

   ئىسلامدا باتۇرلۇق، شىجائەتلىك قانداق بولىدۇ؟، ئىنسان قانداق قىلسا باتۇر، شىجائەتلىك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

   خۇلاسە: باتۇرلۇق دېگەن: مۇسىبەت يەتكەندە دىلنىڭ مۇستەھكەم بولىشى، قورقۇنچلۇق ھالەتتە تەۋرەنمەسلىكىدىن ئىبارەتتۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    باتۇرلۇق دېگەن لۈغەتتە: ئۇرۇشتا ۋە قىيىنچىلىقتا دىلىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى، جۈرئەتلىك بولىشى، ئالغا ئىنتىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

    ئاتالغۇدا: مۇسىبەت يەتكەندە دىلنىڭ مۇستەھكەم بولىشى، قورقۇنچلۇق ھالەتتە تەۋرەنمەسلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئىنسانلاردىن كۆپچىلىكى باتۇرلۇق بېلەن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىشتۇر، باتۇرلۇق دېگەن: ئۆزىنىڭ قۇۋۋىتى ئاجىز بولسىمۇ  مۇسىبەت يەتكەندە دىلنىڭ مۇستەھكەم بولىشىدۇر.

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۈممەتنىڭ ئەڭ باتۇر كىشىسى ئېدى، ئۆمەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كۈچلۈك ئېدى، لېكىن ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇنىڭ دىلىنىڭ مۇستەھكەملىكى تاغلارمۇ تەۋرىنىپ كېتىدىغان نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئالاھىدە ئاشكارا بولدى، ئۇ بولسىمۇ دىلنىڭ مۇستەھكەملىكىدۇر. ساھابىلارنىڭ پەلۋانلىرىمۇ، باتۇرلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ساقلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى مۇستەھكەم قىلىپ، باتۇرلۇققا ئۈندەيتتى. ["ئەل پۇرۇسىيە" 500-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: باتۇرلۇق دېگەن دىلدىن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قورنۇچلۇق ھالەتلەردە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئۇ سەۋرچانلىق، ياخشى قاراشتىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ھەر قاچان ئۇتۇق قازىنىشنى ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭغا سەۋېرچانلىقى ياردەم بەرسە مۇستەھكەم بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، قورقۇنچاقلىق، يامان قاراشتىن، سەۋېرسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ، ئۇتۇق قازىنىشقا ئىشەنچ قىلمايدۇ، سەۋرسىزلىكى ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدۇ.

قورقۇنچاقلىق كۆڭلىنىڭ يامان ئىشلارنى ۋەسۋەسە قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ...". ["روھ" 236-بەت"].

    ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "باتۇرلۇقنىڭ بەلگىسى: دىن ئۈچۈن ۋە مۇقەددىساتلار ئۈچۈن، بېسىمغا ئۇچرىغان خوشنىلار ئۈچۈن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇملار ئۈچۈن، مېلىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقا ھەق يوللىرىغا قارشى تۇرغۇچىلار ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر".

  بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان كەمچىلىك بولسا: قورقۇنچاقلىق ۋە قۇرۇق ۋاقىراش.

    ھاياتىنى دۇنيا ئۈچۈن تەقدىم قىلىش بولسا، قاراملىق ۋە ئەخمەقلىقتۇر. بۇنىڭدىن مەتۇ-گالۋاڭ بولغىنى: ئۆز ھاياتىنى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتىمەسلىك ئۈچۈن تەقدىم قىلغان ئىنساندۇر". ["ئەخلاق ۋە سىيەر" 32-بەت].

    ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شىجائەتلىك، باتۇرى ئېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ شىجائەتلىكى ئېدى،  بىر كېچىسى مەدىنە ئەھلى قاتتىق بىئارام بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە چىقتى، ئۇلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈتىۋالدى، خەۋەرنى ئىگەللەپ كەلگەن ئېكەن، ئەبۇ تەلھەنىڭ توقۇلمىغان ياۋاداق ئېتىگە مېنىپ ئاتنىڭ بوينىغا قىلىچىنى قويۇپ كەلدى ۋە كىشىلەرگە: «قورۇقماڭلار، بىئارام بولماڭلار، ھېچ ئىش يوق»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2908-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2307-ھەدىس].

   شىجائەتلىك ۋە باتۇرلۇقنىڭ يېتىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئۇنىڭدىن:

  -ئىمانى قۇۋۋەت ۋە ئۇنىڭدا تەۋرەنمەسلىك.

   -ئىسلام دۇنياسىدا ئۆتكەن شىجائەتلىك، باتۇر كىشىلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سېلىش.

   -ھەقنى دېيىشكە ۋە ئاڭلىتىشقا جۇرئەتلىك بولۇش.

   -مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن چەكلەشتە جۇرئەتلىك بولۇش.

   -ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چېلىشتا يەڭگەن كۈچلۈك ئەمەس، ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش باتۇرلۇقتۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 6114-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2609-ھەدىس].

   ئىبنى ئەسىر "ئەننىھايە" 3-توم 23-بەتتە: باتۇر دېگەن: باشقىلارنى يېڭىۋالىدىغان ئۆزى يېڭىلمەيدىغان كىشى بولۇپ بۇنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىگە ئىشلىتىش دېگەن: ئىنساننىڭ نەپسى دېگەن ئۇنىڭ دۈشمىنى ۋە باشقىلاردىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئاچچىقى كەلگەن نەپسىگە ئىگە بولغان كىشى ھەقىقى باتۇر ھېسابلىنىدۇ.

   -شەرئى بۇيرۇقلارنى ئېھتىرام قىلىش، ئۇلۇغلاش.

   -ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئىش، ئورۇنلارنى ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش.

   -ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئورۇنلاردا ئالغا ئىلگىرلەش.

    -زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىگە ياردەم بېرىش، ئۇنىڭدىن زۇلۇمنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى