جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بالىلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ قالايمىقانلىقىنى تۈزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈلگىلىك يول قايسى؟

279342

تارقاتقان ۋاقىت : 30-11-2019

كۆرگۈچىلەر : 1894

سۇئال

مېنىڭ سوئالىم ئىككى قىزىمغا خاس سوئالدۇر، قىزىمنىڭ بىرى تۆت ياش، يەنە بىرى ئىككى ياش، مەن ئۇلارنى تەربىيىلەشتە بەك قېينىلىپ كېتىۋاتىمەن، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا يېقىملىق مۇئامىلە قىلاي دەيمەن، ئاخىرىدا چېچىلىپ توۋلاپ ياكى ئۇرۇپ سالىمەن، ياكى مەن دېيىشنى خالىمايدىغان سۆزلەرنى دەپ سالىمەن، بىر خىل ياقتۇرماسلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمەن، ئىككى قىزىم مېنىڭ سۆزۈمنى پەقەت ئاڭلىمايدۇ، چوڭىغا ھەر ۋاقىت سۆز قىلسام، ماڭا دېگەن سۆزۈمدىن كۆپرەك جاۋاپ قايتۇرىدۇ، كېچىكىمۇ غەزىپىمنى قوزغاپ قەغىشلىك قىلىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، مەن بىر شارائىتنى باشتىن كۆچۈردۈم، بۇ ئىش مېنى جىددىلىشىدىغان قىلىپ قويدى، بۇنى قانداق ھەل قىلىمەن؟، قانداق قىلسام قىزلىرىم ماڭا ئىتائەت قىلىدىغان بولىدۇ، قانداق قىلسام مەن ئۆزۈمنى كۆپ سەۋىر قىلىدىغان قىلىشقا قادىر بولالايمەن؟.بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئومۇمەن ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بولۇپمۇ قىزلارنى تەربىيلەش، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كاتتا مۇۋەپپەق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار ئېيتقاندەك: ئەدەب ئۆگىتىش ئاتىدىن، ئىسلاھ قىلىش ئاللاھدىندۇر". [ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەدابۇششەرىئە"3 -توم 552-بەت].

    بۇ ئەۋلاد تەربىيىلەشتىكى بۈيۈك قائىدىدۇر، نۇرغۇن ئاتىلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تەربىيلەش ماھارىتى، ئەقلى قۇدىرتى ۋە ئۆزىگە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە قادىر بولىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارنى ئەڭ ياخشى مەكتەپكە كىرگۈزىمەن، ئىلغار ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەربىيلەيمەن، جەمئىيەتتىكى ئەڭ يۇقىرى تەبىقىغە ئارىلاشتۇرىمەن دەپ ئويلايدۇ ۋە ئۇلارنى باشقۇرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ تەسەررۇپاتلىرىنى كونتۇرۇل قىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. بۇ چوڭ خاتالاشقانلىق بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئاتا-ئانىلاردىن: پەرزەنتنى تەربىيلەشتە ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان، تەربىيىلەشكە يارايدىغان پايدىلىق سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    لېكىن ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ ھەممىسى: ئاتا-ئانىلارنىڭ دىلىنىڭ پەقەت مۇشۇ سەۋەپلەرگە تايىنىۋېلىشى، سەۋەپنىڭ كۈچىگە، ئىشىگە تايىنىشى ۋە ئىشەنچ قىلىشىدۇر.                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئىنسان ئاللاھنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلسا ئېزىپ كېتىدۇ (ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ قويۇپ تېرىشچانلىق قىلمىسا)، ئۆزىنىڭ ئىلمىگە ۋەكىل قىلسا خار بولىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرۇقلۇق ئاللاھنى ئۇنى چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].

    مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىىرى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمىدى ھەتتا ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارىغا نىدا قىلىپ:  وَنَادَى نُوحٌ رَبَّهُ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ابْنِي مِنْ أَهْلِي وَإِنَّ وَعْدَكَ الْحَقُّ وَأَنْتَ أَحْكَمُ الْحَاكِمِينَ  تەرجىمىسى: «نۇھ پەرۋەردىگارىم دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن دېدى.» [سۈرە ھۇد 45-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەىھىسسالامغا:  يَا نُوحُ إِنَّهُ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ إِنَّهُ عَمَلٌ غَيْرُ صَالِحٍ فَلَا تَسْأَلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنِّي أَعِظُكَ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئېيتتى: ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلىي ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن. [سۈرە ھۇد 46-ئايەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ رەھمىتىڭگە سېغىنىمەن، مېنىڭ ئەھۋالىمنى پۈتۈنلەي ياخشىلىغىن ۋە مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا قويۇپ بەرمىگىن. [ھاكىم رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 5820-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئى ئاللاھنىڭ قۇلى! مۇشۇ زاماندا نۇرغۇن ئاتىلار غاپىل قالغان مۇشۇ كاتتا مەنانى ئويلىنىپ بىقىڭ، بىز ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيلەشتە ئۆزىمىزگە، ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىمىزگە ۋە ئىلمى قابىلىيتىمىزگە تايىنىۋالمىدۇقمۇ؟ بەلكى بىز ناھايىتى بەك كۆيۈمچان، مېھرىبان، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ياردەم بەرگۈچى، قۇتقازغۇچى، پاناھ بولغۇچى، ساقلىغۇچى بولغان ئەڭ ئىشەنچىلىك تايانچىغا تايىنىشىمىز كېرەك ئىدى، ئۇ ئاللاھ يالغۇز دىللارغا ئىگە بولغۇچى، دىللارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر، بەندىلەرنىڭ كوكۇلىسى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ ئۇنى توغرا يولدا قىلىشنى خالىسا توغرا يولدا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنى ئاداشتۇرۇشنى خالىسا ئاداشتۇرىدۇ، ھەممە ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك بولغۇچى ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەك كۆيۈمچان ۋە ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.

    مۇشۇ باپتا سەۋەپنى تۇتۇشنىڭ شەكىللىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: نادانغا ھېكمەت بىلەن، چوڭقۇر پىكىر قىلىش بىلەن، تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئەمما نادانغا نادانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا نادانلىقنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

    ئىش بۇنىڭدا ئىككى تەرىپىنى چىگىپ قويغان ئارغامچا ئويۇنىغا ئوخشايدۇ، ھەر قاچان بىر تەرەپنى بەكرەك تارتسا، بەك تارتقانلىقتىن ئۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇدۇلىدا بولىدۇ. ئەمما ئانا ئارغامچىنىڭ بالىسى تەرىپىنى بوش قويىۋەتسە، ئۇنىڭغا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن بەلگىلىمە بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، نادانلىق ماددىسى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈلۈشكە تاس قالىدۇ، بۇزۇقلۇقنىڭ زىيادە بولىشىنىڭ توسۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىشى ئاجىزلىق تەرەپكە قايتىدۇ.

   نادان-تەرسا بالىنىڭ ئادەتتە زىرەكلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ، ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىش ئۈچۈن دائىم ئامال-چارە تاپىدۇ.

    بالا ئادەتتە ئۇلاردىن ئارىدىكى مېھرى-مۇھەببەت باغلانچىسىنى ئۈزىۋېتىدىغان ئۇنى كۆپ تەنقىت قىلىش، قوپاللىق قىلىش ۋە قاتتىقلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار كۆپ يۈز بەرگەنلىكتىن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداشلىرى، يېقىنلىرى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بولغان بىسىمنى ھېس قىلمايدۇ.

بۇ ئىككى ئامىل بىر بولغاندا، بالىنى ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر پىكىرگە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىدا ئۇ جەمئىيەتتىن ئېنتىقام ئىلىش رىغبىتى كۈچلۈك بولىدۇ.

    بۇ ئادەتتە مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ قائىدىسىگە قارشى چىققۇچى قوپال ھەرىكەت بىلەن تەرسالىقنىڭ شەكلىدە ئاشكارا بولىدۇ.

    مۇشۇنداق ھالەتتە سىزگە زۆرۈر بولغىنى، بالىغا ئەقىل-پاراسەتلىك ئامال-چارىلەر بىلەن، بىلمەسكە سېلىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

    بالىنىڭ بېسىم ھېس قىلىدىغان تۇيغۇسىغا، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈش تۇيغۇسى بىلەن يۈزلىنىش. يۈرۈش-تۇرىشىدا ھەددىدىن ئاشقان، تەرسا بالىغا، مېھرى-مۇھەببەتنى ئاشكارا قىلىش، ئۇنىڭ تۈزۈلىشىگە سەمىمى رىغبەتلىنىش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن يۈزلىنىش لازىم. ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلماستىن، مۇئامىلە قىلغاندا قارشىلاشماسلىق ۋە ئەيىبلەشنى ئاشكارا قىلماستىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەربىيە پوزىتسىيىسىنى تۇتۇش كېرەك.

    ئاندىن شۇنى بىلىڭكى، بالىنىڭ ئىچىگە سىغدۇرغىنى ئىككى ئىشنى قىلىش ۋە ئىككى ئىشتىن يىراق بولۇش بىلەن تامام بولىدۇ.

    ئەمما يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىككى ئىش: ئاغزاكى تەرەپتىن ۋە بەدىنى تەرەپتىن زىيان يەتكۈزمەسلىك.

    ئەمما قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىككى ئىش: ئاغزاكى ۋە بەدەنى تەرەپتىن بالىنى رىغبەتلەندۈرۈش.

    بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

    ئاغزاكى تەرەپتىن زىيان يەتكۈزۈش بولسا بالىنىڭ قىلىقىغا ئەمەس بەلكى شەخسىيىتىگە يۈزلىنىدىغان ۋە ئۇنى چۈشۈرىدىغان بارلىق ناچار سۆزلەردۇر، ئۇ ناچار سۆزلەر بالىنى: بوشاڭ، يالغانچى، تەرسا دېگەندەك پاسسىپ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتۇر.

     بالىنىڭ مۇشۇنداق پاسسىپ سىياقتىكى ئىشلىرىدا، پاسسىپ سۈپەتنى بالىنىڭ قىلىقىغا قىسقارتىش، بالىنىڭ شەخسىيىتىنى بولسا قىلىقىنىڭ ئەكسىچە ناھايىتى چىرايلىق، گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش كېرەك.

     ئۇنى بوشاڭ دەپ سۈپەتلىگەننىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا: سەن ئاڭلىق بالا تۇرۇپ، قانداقمۇ ئىشلارغا بوشاڭلىق قىلىسەن؟دەيمىز.

     ئۇنى يالغانچى دەپ سۈپەتلىگەننىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا سەن سەمىمى-راستچىل بالا تۇرۇپ، قانداقمۇ سۆزلىمىگەن سۆزنى دەيسەن؟دەيمىز.

      ئۇنى شەپقەتسىز دېگەننىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭغا: سەن بەك شەپقەتلىك تۇرۇپ قېرىندىشىڭنى قانداقمۇ شەپقەتسىزلىك بىلەن ئۇرىسەن؟دەيمىز. مۇشۇنداق قايتا-قايتا تەربىيە قىلىمىز.

     ئەمما بەدىنىگە زىيان يەتكۈزۈش بولسا، قايسى تەرەپتىن بولسۇن بەدىنىگە چېقىلىشتۇر، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئەلەم چەكتۈرۈش ۋە ئىنتىقام ئىلىشتۇر، ئاشۇ، بالىنى قاتتىق ئۇرۇش بىلەن شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئەدەپلەپ ئۈرۈش دەرىجىسىدىن ئۆتۈپ ئاغرىتىش ۋە ئىنتىقام ئىلىش دەرىجىسىگە ئۆتۈپ كېتىشتۇر. شەرىئەتتە بالىنى ئۇرۇشنىڭ دەرىجىسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

     ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىيسى ئەدەپلەش ئۈچۈن ئۇرۇش، ئەڭ يۇقىرىسى ھەد-جازالاش ئۈچۈن ئۇرۇش، ئوتتۇرھالى، ئىبرەت ئۈچۈن ئۇرۇشتۇر.

      بىز ئۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى بولغان جازا ئۈچۈن ئۇرۇشقا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭمۇ شەرئى بەلگىلىمە دائىرىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇنى زامانىمىزدا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەدەپلەشنىڭ يەڭگىل چارىسى قىلىۋاتىدۇ.

    پىقھى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: كۈچلۈك ساغلام كىشى جازا ئىجرا قىلىشتا، نەم ئەمەس ۋە بەك قۇرۇقمۇ ئەمەس، ئاغىرتىلمايدىغان دەرىجىدە يەڭگىلمۇ ئەمەس ۋە جاراھەتلەندۈرىدىغان دەرىجىدە قوپالمۇ ئەمەس بولغان ئوتتۇرھال قامچا بىلەن جازا ئىجرا قىلىدۇ.

    جازا ئىجرا قىلغۇچى ئۇرغاندا قولتۇقلىرى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە قولىنى ئۈستۈن كۆتۈرمەسلىكى، ئۆلىدىغان جايلىرىغا ئۇرماسلىقى، بىر يەرگە ئۇرماستىن پەرىقلىق ئۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ. يەنە شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، ئۇرغۇچى، يۈزىگە، ئەۋرەتلىرىگە ۋە ئۆلىدىغان يېرىگە ئۇرمايدۇ. ["ھاشىيەتۇ ئىبنى ئابىدىين"3-توم 147-بەت، "ئەرروۋزە"10-توم 172-بەت،"ئەل مۇغنى"8-توم 313-315-بەتكە قارالسۇن].

    جازا ئىجرا قىلىشتا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى كۆرۈنىشى بولغان ئۇرۇشتا بۇنداق شەرتلەر بېكىتىلگەن تۇرسا، ئەدەبلەش يۈزىسىدىن ئۇرۇشتا قانداق بولىدۇ؟.

     ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ئۇرۇش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا تەرجىمىسى: سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ). [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

    ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىرى 5-توم 172-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئايەتتە بايان قىلىنغان ئۇرۇش بولسا، جاراھەتلەندۈرمەستىن ئەدەپلەپ ئۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ، بىر يەرلىرىنى سۈندۇرمايدۇ ۋە جاراھەتلەندۈرمەيدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت پەقەت بالىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا مەقسەت بولمايدۇ.

    ئەگەر بالىنى ئۇرۇپ بىرەر ئەزاسىنى مېيىپ قىلىپ قويسا بۇنىڭغا چوقۇم تۆلەم كېلىدۇ.

    شۇنىڭغا ئوخشاش ئەدەپ ئۈگەتكۈچى خىزمەتچىسىنى ۋە قۇرئان ئۇستازى ئوقۇغۇچىسىنى ئەدەپلەش ئۈچۈن ئۇرۇپ مېيىپ قىلىپ قويسىمۇ بۇنىڭغا تۆلەم كېلىدۇ.

    سەھىھ مۇسلىمدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئاللاھ توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى بىلەن ئالدىڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ھالال قىلدىڭلار، ئۇلار سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىنى سىلەرنىڭ كۆرپەڭلارغا دەسسەتمەسلىكنى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلسا، ئۇلارنى جاراھەتلەندۈرمەستىن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئاندىن مۇسلىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەتا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: جاراھەتلەندۈرمەستىن ئۇرۇش دېگەن قانداق بولىدۇ؟دېسەم، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "مىسۋاك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇش دېمەكتۇر"دېدى. [ئىمام تەبەرى بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە سەھىھ ئىسناد بىلەن كەلتۈردى].

    بەدىنىگە ياكى ئاغزاكى زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

    مەھرۇم قويۇشتىن بولغان مەقسەت، تەربىيە شەكىلدە مەلۇم دائىرىدە مەھرۇم قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ چەكلىمىسىز مۇتلەق شەكىلدە مەھرۇم قويۇش ئەمەس.

    مەسىلەن: كېچىك بالىنى ئون مىنۇت ياكى يىرىم سائەت ئەتراپىدا مەلۇم ئويۇندىن مەھرۇم قىلىش، چەكلىك دائىرىدە تەربىيلەش يۈزىسىدىن مەھرۇم قىلىشتىن بولغان مەقسەت، مەنەۋى تەرەپتىن بىسىم قىلىپ ئۇنىڭ ئەخلاقىنى تۈزىتىشتۇر.

    بالىنى بىر قانچە مىنۇت ئەتراپىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ جازالاش، ۋاقىت بەلگىلىمىسى بالىنىڭ ياش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بېكىتىلسە ياخشى بولىدۇ، بۇمۇ تەربىيلەش جەھەتتىن مەھرۇم قويۇش ھېسابلىنىدۇ.

    بالىغا بېرىدىغان كۈندىلىك خەجلەيدىغان پۇلىدىن مەلۇم مىقداردا قىسقارتىش، بۇمۇ چەكلىمە بىلەن تەربىيلەش جەھەتتىن مەھرۇم قويۇش ھېسابلىنىدۇ.

     ئەمما بالىنى بىر كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئويۇندىن چەكلەپ قويۇش بىلەن ياكى كۈندىلىك خەجلەيدىغان پۇلنى بەرمەسلىك بىلەن جازالاش بولسا، بالىنى جازاغا كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىش تەكرارلىنىش بىلەن بالا بۇنىڭغا ئادەتلىنىدۇ، ئەگەر چەكلىمە قويماستىن مۇتلەق بۇ شەكىلدە مەھرۇم قىلىشنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالانسا، بالا شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئورنىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان باشقا بىر يولنى تاللايدۇ.

     شۇنىڭدەك بالىغا ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپتىن پايدىلىق بولغان شەرەپ تاختىسى بېكىتىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئەگەر ئەخلاقى ياخشى بولسا بىر قانچە يۇلتۇز بېرىش كېرەك، ئەخلاقى ياخشى بولمىسا بىر ياكى بىر قانچە يۇلتۇزنى تارتىۋېلىش كېرەك.

     بالىلار بىلەن ئىتتىپاققا كەلگەن ئاساستا بۇ يۇلتۇزلارنى ھېسابلاش ئۈچۈن قائىدىلەرنى بېكىتىش كېرەك، مەسىلەن: ئون يۇلتۇزغا ئېرىشسە ئۇنىڭ باراۋېرىدە سوغات بېرىش، يىگىرمە يۇلتۇزغا ئېرىشسە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن سىرىتلارغا ئېلىپ چىقىش دېگەنگە ئوخشاش.

   بالىنى ياخشى كۆرۈشتە ئاغزاكى ئىپادىلەيدىغان سۆز، ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن بولىدۇ:

    بىرىنچىسى: ياخشى كۆرىدىغان ۋە مېھرىبانلىق تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر، خۇددى سىز قىزلىرىڭىزغا: مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى دېگەنگە ئوخشاش.

    ياخشى كۆرۈش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش توغرىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق تەلىم بەرگەن. ئەبۇ كەرىمە مىقداد ئىبنى مەئدى كەرىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرسۇن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5124-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2392-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    بۇ ئىپادىلەشنىڭ شەرت ئېتىلمەستىن ھەر كۈنى داۋاملىشىشى، مەلۇم مۇناسىۋەت، پائالىيەت ياكى ئاتا-ئانىسى ياقتۇرىدىغان ياخشى ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن بولىشىنى شەرت ئەتمەسلىك تەلەپ قىلىنىدۇ.

    ئىككىنچىسى: گەرچە كىچىك ئىشلاردا بولسىمۇ بالىنى مەدھىيىلەيدىغان ۋە تەقدىرلەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى كۆپ تەنقىت قىلىش، ئۈزۈلدۈرمەي ئاھانەت قىلىش، بالىنىڭ شەخسىيىتىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ، زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: بالىنى قوللايدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ئۇنى ئالاھىدە تالانتىغا ئاساسەن ياكى ئومۇمى جۇشقۇنلىقىغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇنىڭ تالانتىنى داۋاملاشتۇرىشى ۋە تەرەققى قىلدۇرىشى ئۈچۈن ئۇنى ھەر تەرەپتىن قوللاش كېرەك.

    بالىنى ياخشى كۆرۈشتە بەدىنى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئىشمۇ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچىسى: يۇقىرىدا ئىپادىلىگەندەك، ياخشى كۆرۈش، تۇيغۇلىرىنى شەرت قىلماستىن ياكى بىرەر ياخشى ئىش-پائالىيەت قىلىشىنى شەرت قىلماستىن، بالىنى ھەر كۈنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇش كېرەك.

بۇنىڭ بالىنىڭ تىنچلانمىغان تۇيغۇلىرىنى ۋە ئىچكى ھېسلىرىنى تىنچلاندۇرۇشتا زور ئۈنۈمى بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى: بالىنىڭ بەدىنىنى سەلبى تەرەپتىن سىلاشنىڭ ئورنىغا ئىجابى شەكىلدە سىلاپ قويۇش، چاچلىرىنى سىلاپ قويۇش، دولىسىغا يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇش دېگەندەك ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك، بۇ بالىنىڭ تەرسالىقنى داۋاملاشتۇرۇش تەبىئىتىگە ۋە سەلبى ئەخلاقىغا غالىپ كېلىدۇ.

    ئۈچىنچى: بالىغا مەنىۋىي ۋە ھېسسىي تەرەپتىن ئورتاق بولۇش:

    مەنىۋىي تەرەپتىن: بالىنىڭ جۇشقۇنلۇقى، ئالاھىدىلىكى ۋە ماھارەتلىرى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە زوقمەنلىك بىلەن بېقىش.

     ھېسسى تەرەپتىن: ئۇلار بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىجابى پائالىيەتلىرىگە ئورتاقلىشىش، ئويۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى، قىزغىنلىقى ۋە چاقچاقلىرىغا ئورتاق بولۇش.

     بۇ يەردە ئەڭ ياخشى خاتىمە: ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىك بالىلار بىلەن بولغان ئىشلىرىدىن بىرىنى زىكىر قىلىمىز:

     ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەخلاق جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى، بىر كۈنى مەلۇم ئىشى ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى، مەن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئۇ يەرگە بارمەيمەن دېدىم، ئەممە كۆڭلۈمدە، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مېنى بۇيرىغان ئىشنى ئادا قىلغىلى دەرھال بارىمەن دېدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىقىپ، بازاردا ئويناۋاتقان بىر توپ بالىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ كەينىمدىن كېلىپ گەردىنىمنى تۇتتى، مەن بۇرۇلۇپ قارىسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا مۇنداق دېدى: ئى ئەنەس! مەن بۇيرىغان يەرگە باردىڭمۇ؟دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھازىر بارىمەن دېدىم. [مۇسلىم رىۋايىتى 2310-ھەدىس].

   يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئون يىل خىزمەت قىلدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ئۇھ دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىدى، ئەگەر بىرەر ئىشنى قىلسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟ بۇنداق قىلساڭ بولمامتى؟ دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 6038-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2309-ھەدىس]

    مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىسى بىلەن قىلغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئىشىنىڭ قانداق بولغانلىقى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟.

    شەدداد ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى خۇپتەن نامىزى ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەسەن ياكى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرابقا ئۆتۈپ بالىنى يەردە قويدى ئاندىن نامازغا تەكبىر ئېيتتى، ناماز ئوقۇدى، كىشىلەر ئارىسىدا سەجدە قىلغاندا بالىنى ئۇچىسىغا مىندۈرۈپ ئۇزۇن سەجدە قىلدى، دادام مۇنداق دەيدۇ: مەن سەجدىدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغان ھالەتتە ئىدى، مەن سەجدىگە قايتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، كىشىلەر: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئوقۇغان نامىزىڭدا بەك ئۇزۇن سەجدە قىلدىڭ، ھەتتا بىز بىرەر ئىش يۈز بەردىمىكى ياكى ساڭا ۋەھىي قىلىندىمىكى دەپ ئويلاپ قالدۇق؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئىشلارنىڭ ھېچ قايسى يۈز بەرمىدى، لېكىن ئوغلۇم ئۇچامغا مېنىۋالدى، ئۇ ئويۇنىنى ئويناپ بولغۇچە ئۇنى ئالدىرىتىشنى ياقتۇرمىدىم»دېدى. [نەسائى رىۋايىتى 1141-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ھاجەتلىرىگە رىئايە قىلىش ھەتتا ھەممىدىن كاتتا بولغان بۈيۈك ئاللاھغا قىلىنىدىغان ئىبادەتتىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن ئەۋلادلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشنى، ۋە بىزگە ئۇلارغا ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ئۇلار ھەققىدىكى ئامانەتنى ئادا قىلىدىغان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بىزدىن رازى بولىدىغان يول بىلەن ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىدىغان چۈشەنچە ئاتا قىلىشنى سورايمىز.  

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى