پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يەرنىڭ ۋە زىرائەتنىڭ چىقىملىرى زاكاتتىن چۈشۈرىۋېتىلەمدۇ؟

271110

تارقاتقان ۋاقىت : 27-07-2022

كۆرگۈچىلەر : 619

سۇئال

    مەن قىزىل ماش ۋە زىرە قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ زاكىتى توغرىسىدا سوئال سورىماقچى، بەزى پەتىۋالاردىن زىرىگە زاكات كەلمەيدۇ دېگەننى ئاڭلىدىم، ئەگەر زاكات بېرىدىغان بولساق، زىرائەت يامغۇر بىلەن سۇغىرىلىدىغان زېمىندىن ئىلىنغان بولسا، قانچىلىك بېرىمىز؟، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، زېمىنغا زىرە ۋە ماش تېرىغاندا زېمىننى زىيانلىق ئۆت-چۆپلەرنى تازىلاش ئۈچۈنمۇ خىلى كۆپ چىقىم كېتىدۇ، ئەگەر بۇغداي ۋە ئارپا تېرىساق بۇنداق ئارتۇق چىقىم بولمايدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

زېمىنغا زىرە، ماش، بۇغداي ۋە ئارپا تېرىغاننىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، زېمىننىڭ سۇغىرىلىش ھېسابى بويىچە ئوندىن بىرى يىگىرمىدىن بىرى ئايرىلىدۇ، بۇ جەرياندا سەرپ قىلىنغان، زېمىننى تازىلاش، يەر ئاغدۇرىدىغان ۋە ئورايدىغان ماشىنىلارغا ماي قۇيۇش، سۇغۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان چىقىملارغا قارالمايدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

     بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەردىن زاكات پەرىز بولىدىغانلىرى توغرىسىدا ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشتى.

    بىرىنچى ئىمام مالىك ۋە شافىئى مەزھىپىدە: كىلولاپ ساقلىغىلى بولىدىغان ئوزۇقلۇقلاردا زاكات پەرىز بولىدۇ دېيىلىدۇ.

    ئىككىنچى ھەنەفى مەزھىپىدە: زىرائەت تېرىش ئارقىلىق زېمىندىن پايدىلىنىش مەقسەت قىلىنسا، زېمىندىن چىققان ھەممە نەرسىگە زاكات پەرىز بولىدۇ دېيىلىدۇ.

    ھەنەفى مەزھىپىدە يەنە: سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە، نۇقۇت، ماش-پۇرچاق قاتارلىق نەرسىلەرگىمۇ زاكات پەرىز بولىدۇ.

    ئۈچىنچى ھەنبەلى مەزھىپىدە: كىلۇلىنىدىغان ۋە ساقلىنىدىغان بۇغداي ۋە ئۈزۈمگە ئوخشاش ھەر قانداق مېۋە ۋە دانلارغا زاكات پەرىز بولىدۇ، بۇنىڭ ئوزۇقلۇق بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، نۇقۇت، زىرە، بەدىيان ۋە بىخلىنىدىغان دانلارغىمۇ بۇغداي ۋە ئارپا قاتارلىق نەرسىلەرگە زاكات پەرىز بولغاندەك پەرىز بولىدۇ. ["رەۋزۇل مۇربىئ"نىڭ  تەتقىقاتىنىڭ ئەتراپھاشىيەسىگە قارالسۇن، 3-توم 79-بەت].

    "كەشپۇل قىنا'2-توم 203-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كىلۇلىنىدىغان ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە زاكات پەرىز بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋەسەقتىن ئاز نەرسىدە زاكات پەرىز بولمايدۇ» (يەنى زېمىندىن چىققان نەرسىنىڭ مىقدارى بەش ۋەسەق(650) كىلو ئەتراپىدا بولىشى كېرەك بۇنىڭدىن ئاز بولسا زاكات كەلمەيدۇ) ئايەت-ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن بەش ۋەسەقكە يەتمەيدىغان نەرسە مەقسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بەش ۋەسەق دەپ ئۇنى ئوچۇق سۆزلەش بىكار سۆز بولۇپ قالاتتى، چۈنكى ساقلىغىلى بولمايدىغان نەرسىدە ئۇنى مال دەپ پايدىلىنىش بولمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭدا نېمەت مۇكەممەل بولمايدۇ. بۇغداي، ئارپا. گۈرۈچ، تېرىق قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق قىلىنمايدىغان نەرسىلەرنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە بايان قېلىنىدۇ.

     بۇغداي، ئارپا، تۇز، يېسسمۇق، ماش، لوۋىي، كۆك سەيلەر يۇمغاق سۈتكە ئوخشاش، زىرە، كۈنجۈت، سىيادان قاتارلىق دانلارنىڭ ھەممىسىگە زاكات پەرىز بولىدۇ".

     بۇ ئاخىرقى كۈچلۈك قاراش، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋەسەقتىن ئاز نەرسىدە زاكات پەرىز بولمايدۇ»، بىر ۋەسەق (135 كىلو) ئاتمىش سا-(بىر سا 2.250 كىلو گىرام)- جىڭلانمايدىغان ۋە كىلۇلانمايدىغان، ساقلىغىلى بولمايدىغان ۋە مال دەپ مەنپەئەتلەنگىلى بولمايدىغان، نېىمەت ئۇنىڭ بىلەن مۇكەممەل بولمايدىغان نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ.

     ئومۇمى ھەدىسلەر ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان ۋە ئوزۇقلۇق قىلىنمايدىغان نەرسىلەردىن كىلۇلىنىدىغان نەرسىلەر بولسىلا ئۇنىڭغا زاكات كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن: يېسسمۇق ۋە زىرە قاتارلىق نەرسىلەرگىمۇ زاكات پەرىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسىمۇ  كىلۇلىنىدىغان ۋە ساقلىغىلى بولىدىغان دانلاردىن، يېسسمۇق ئوزۇقلۇق قىلىنىدۇ، زىرە ئوزۇقلۇق قىلىنمايدۇ.

    ئىككىنچى: زېمىندىن چىققان نەرسىلەردە زاكات زېمىننى سۇغارغان سۇ مەنبىيىگە كۆرە ئوندىن بىرى ياكى يىگىرمىدىن بىرى پەرىز بولىدۇ.

     پىقھى توپلاملىرى" 23-توم 288-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "زېمىن يامغۇر سۈيى، دەريالاردىن كەلگەن سۇ، چېلەك ، تۇلۇم قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن توشماستىن سۇغۇرۇلغان، سۇغا يېقىن جايغا تېرىلغان زىرائەتلەر مەخسۇس سۇغۇرۇلماستىن سۇنى يىلتىزى سۈمۈرۈپ سۇغۇرۇلغان زېمىنلار بولسا -ئومۇمەن بەدەلسىز سۇغۇرۇلغان زېمىنلار - ئۇ يەردىن چىققان مەھسۇلاتلارغا ئوندىن بىر زاكات-ئۆشرە-كېلىدۇ.

     بەدەل تۆلەپ سۇغۇرۇلغان زېمىنلارغا يىگىرمىدىن بىر زاكات-ئۆشرە-كېلىدۇ، مەيلى بۇ زېمىننى سۇنى پۇلغا ئىلىپ سۇغارسۇن ياكى چىغرىق چېلەك، تولۇم ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن سۇ ئەكىلىپ سۇغارغان بولسۇن ئوخشاشلا يىگىرمىدىن بىر بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش دەريادىن ئېرىق ئېچىپ ئېتىزلىققا سۇ كەلتۈرگەن بولسا، سۇنى ئېتىزلىققا بىۋاستە يەتكۈزەلمەي، چېلەك، تۇلۇم، چىقرىقلار بىلەن يەتكۈزگەن بولسىمۇ ئوخشاشلا يىگىرمىدىن بىرى كېلىدۇ. چۈنكى سۇنى ئېتىزلىققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەدەل ياكى ئەمگەككە ئېھتىياجلىق بولدى.

     ئالىملار بۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلدى: «يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى ۋە سەل سۇلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتقا ئوندىن بىر زاكات-ئۆشرە-كېلىدۇ، چېلەك، تولۇم ۋا چىقرىقلار بىلەن سۇغۇرۇلغان زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتقا يىگىرمىدىن بىر زاكات-ئۆشرە كېلىدۇ".

    كۆپرەك كۈچ چىقارغان زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتقا زاكاتنىڭ ئازراق پەرىز بولىشىدىكى ھېكمەت: بەدەلنىڭمۇ زىرائەتنىڭ ئاز ھوسۇل بېرىشىگە تەسىرى بولىدۇ.

    ئەگەر زېمىن دەريا سۈيى ياكى يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغۇرلۇش ئۈچۈن ئېرىق ئېچىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن، سۈنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە يۆتكەيدىكەن، ياكى سۇنى ماڭدۇرىدىغان ياكى ئۆستەڭ قازىدىغان ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، بۇ ئىشلار بەلگىلەنگەن زاكات ئۆلچىمىنى كېمەيتىشكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

    ئەگەر زېمىننىڭ يېرىمى بەدەل بىلەن يەنە يېرىمى بەدەلسىز سۇ بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىلىنىدىغان زاكات-ئۆشرە- ئونبەشتىن بىر بولىدۇ.

     ئەگەر زېمىننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بەدەلسىز قالغان قىسمى بەدەل بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا سۇغۇرۇش قايسى شەكىلدە كۆپ بولغان بولسا شۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئازنىڭ ھۆكمى چۈشۈپ كېتىدۇ.

    بەزى ئالىملار ھەر ئىككىسى ئۆز مىقدارى بىلەن ھېسابلىنىدۇ دەيدۇ.

ئۈچىنچى: دېھقاننىڭ يەرنى تۈزلەش ۋە تازىلاش ئۈچۈن چىقىم قىلغان نەپىقىلىرىنىڭ زاكاتقا تەسىرى بولمايدۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ياكى ئوندىن بىرى ياكى يىگىرمىدىن بىرى پەرىز بولىدۇ.

     لېكىن ھەنبەلى مەزھىپىدە، ئەگەر يەرگە سەرپ قىلغان نەپىقە قەرىز ئىلىنغان بولسا، يەر ئىگىسى ئۆشىرنى ھېسابلاشتىن ئىلگىرى بۇ قەرزنى ئايرىۋېتىدۇ.

    ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "دېھقانچىلىق قىلىش ۋە شۇ جەرياندا ئائىلىسىگە خىراجەت قىلىش ئۈچۈن باشقىلاردىن قەرىز ئالغان بولسا، ئۆشىرنى ئايرىشتىن ئىلگىرى يەرگە سەرپ قىلغان قەرزنى ئايرىۋېتىدۇ، ئائىلىسىگە سەرپ قىلغاننى ئايرىمايدۇ". ["ئەلمۇغنى" 3-توم 30-بەت. "پىقھى توپلاملىرى"23-توم 288-بەتكە قارالسۇن].

    تۆۋەندە ھەر قايسى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ توغرىدىكى قارىشىنى بايان قىلىمىز:

    1-ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىدىن مىرغىينانىي"ئەل ھىدايە" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:"زېمىندىن چىققان ھەر قانداق نەرسىدە ئوندىن بىر ئۆشرە كېلىدۇ، بۇنىڭدىن يەر ئاغدۇرغان ۋە ساپان سۆرىگەننىڭ ئىش ھەققىنى چېقىرۋەتمەيدۇ"، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەرگە كېتىدىغان بەدەللەر پەرىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ئۆشىرگىمۇ پەرىقلىق ھۆكۈم قىلدى، چىقىمنى كۆتۈرۈۋېتىشنىڭ بىر  مەنىسى يوق". ["پەتھىل قەدىر ئەلەل ھىدايە" 2-توم 250-بەت].

   2-مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن ھەتتاب "مەۋاھىبۇل جەلىيل" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 285-بەتتە مۇنداق دېگەن: "دېھقاننىڭ زىرائەتنى ئوراش، خامان سورۇش، ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتكەن چىقىملىرى ئۆزىگە ھېسابلىنىدۇ، تېپىۋېلىنغان زەيتۇن بولسىمۇ ھېسابلىنىدۇ، مۇئەييەن بىر مىقدارغا يەتسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق بولسۇن ئۇنىڭغا زاكات بېرىدۇ".

   3-شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىملاردىن ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇئ" 5-توم 450-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ شافىئى مەزھىپىدىكى ھەمراھلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: "خورمىنى ئۈزۈش، قۇرۇتۇش، دانلارنى ئوراش، كۆتۈرۈش، خامان سورۇش، سامانلىرىنى ئايرىش، ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان چىقىملار زىرائەت ئىگىسىنىڭ خالىس مېلىدىن بولىدۇ، بۇ زاكات ئايرىيدىغان مالدىن چىقىرۋېتىلمەيدۇ، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق، ئەگەر زاكات ئايرىيدىغان مالدىن بۇنى چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىقىرىۋەتكەن مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىم بېرىدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ يوق".

   5-ھەنبەلى مەزھىپىدىكى ئالىملاردىن ئىبنى قۇدامە "ئەلمۇغنى" 3-توم 18-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مېۋىنى ئۈزۈشتىن تاكى ئامبارغا ئەكىرگەنگە قەدەر كەنتكە چىقىملارمېۋە ئىگىسىگە بولىدۇ، چۈنكى مېۋە دېگەن چارۋىغا ئوخشاش بولۇپ، چارۋىنىڭ ساقلاش، بېقىش قاتارلىق چىقىملىرىنىڭ ھەممىسى چارۋا ئىگىسىگە بولىدۇ، بۇمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاشتۇر". 

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن بىر كىشى: "مېنىڭ زەيتۇن تىكىلگەن بېغىم بار، باغنى يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغۇرىمەن، بۇنىڭغا ئوندىن بىر كېلىدىغانلىقى مەلۇم، لېكىن بۇ باغنىڭ يەنە باشقا چىقىملىرى بار، مۇھاپىزەت قىلىش، ئوغۇتلاش، مېۋىنى ئۈزۈش قاتارلىقلار، بەزى ۋاقىتتا چىققان مەھسۇلاتنىڭ تۆتتىن بىرى چىقىمغا كېتىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا، چىققان مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىگە زاكات كېلەمدۇ ياكى كەتكەن چىقىملارنى ئايرىۋېتىپ قالغىنىغا زاكات كېلەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "زەيتۇنغا زاكات بېرىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار، شۇنداقتىمۇ ئېھتىياتەن چىققان مەھسۇلات زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئۇ بولسىمۇ بەش ۋەسەق، بىر ۋەسەق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمچىسىدە ئاتمىش سا بولىدۇ (650 كىلو گىرام) بولىدۇ، زاكاتنىڭ مىقدارى چىققان مېۋىنىڭ ئوندىن بىرى بولىدۇ، ئەمما كەتكەن چىقىملار ئومۇمى مەھسۇلاتتىن چىقىرۋېتىلمەيدۇ، چىققاننىڭ ھەممىسىگە زاكات كېلىدۇ". ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالامى بولسۇن. "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرى: ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ، سالىھ پەۋزان، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ئابۇرەززاق ئەپىپى. ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى ئىككىنچى توپلام" 8-توم 51-بەت].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: زىرە، يېسسمۇق، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، زېمىننى سۇغۇرۇش ھېسابى بىلەن چىققان مەھسۇلاتقا ئوندىن بىر ياكى يىگىرمىدىن بىر ئۆشرە زاكات-كېلىدۇ.

    زېمىننى تازىلاش، ماشىنىلارغا ماي قۇيۇش، يەر ئاغدۇرۇش ۋە سۇغۇرۇش ھەققى قاتارلىق چىقىملارغا قارالمايدۇ، چىققان مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى