پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەقلى ھۇشى جايىدا بولمىغان كىشىنىڭ قىلغان مالىيە ئىشلىرىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ۋە قېرىندىشىم ئانامنىڭ چوڭ ئانامغا قەرز بېرىش توغرىسىدا كۆپ تەلەپ قىلىشى بىلەن چوڭ ئانامدىن مەلۇم مىقدار پۇل قەرز ئالدۇق، چوڭ ئاپام ئانامغا: بۇنى ئۆزۈڭلار بىلىڭلار باشقىلار سۆزلىمەڭلار دەپتۇ، چوڭ ئاپام كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا قېرىندىشىم چوڭ ئاپامغا پۇلنىڭ يېرىمىنى بانكىدىن ئۇرۇپ بېرىپ : ھازىر يېرىمىنى يوللاپ بەردىم قالغان يېرىمنى كېيىن يوللاپ بېرىمەن دېگەندە، چوڭ ئاپام: كىم ساڭا پۇلنى يوللاپ بەرگىن دېدى دەپتۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن چوڭ ئاپام ۋاپات بولدى، ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ھۇشسىز ياتقان ۋاقتىدا، ئانام ئۇنىڭغا قالغان قەرز توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئىنساننىڭ جېنى ئاللاھنىڭ قولىدا، لېكىن ئۇ قەرىزلەرنى قانداق تۆلەپ بولار؟ ئۇنى سىزنىڭ ھەققىڭىزدە بۆلەپ- بۆلەپ سەدىقە قىلىۋەتسە بولامۇ؟ دېگەندە، چوڭ ئاپام بىر ئاز جىم تۇرۇپ: ئۇنى سەدىقە قىلىۋەتسۇن دەپتۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ سۆزى ئۇ قەرزنى بىزدىن ئەپۇ قىلىۋەتكەنلىكىگە كۇپايە قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟، تۇيغۇسى يوقالغان ۋاقىتتىكى ئۇ سۆزى كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز ئابدۇرەھمان بەرراكتىن (ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن)سورىغان ئىدۇق، ئۇستازىمىز مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنى سەن ۋە ئائىلەڭدىكىلەر بىلىڭلار، باشقىلارغا سۆزلىمەڭلار، ۋە ساڭا كىم پۇلنى ئۇرۇپ بەرگىن دېدى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىگىدارچىلىق ئىسپاتلانمايدۇ، چۈنكى بۇ كىشىلەر ئۆزئارا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقاندا دېيىشىدىغان سۆز بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن چۈشۈپ بەرگەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلىمەيدۇ.

   ئەمما ئۇ ئايالنىڭ: " ئۇ مالنى سەدىقە قىلىۋېتىڭلار، دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ئۇ ھالەت  تەسەررۇپ قىلىشى توغرا بولمايدىغان بىر ھالەت، ۋارىسلارنىڭ ھەققى ئۇ ئەسلىدۇر، ئەسلى بولغان ھەق پەقەت تولۇق بىر ئىشەنچ بىلەن ئەمەلدىن قالىدۇ، بۇ يەردە تۇيغۇسىنى يوقۇتۇش ۋە كېسەللىكتىن ئىبارەت سەۋەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشەنچ بولمايدۇ.

سوئال سورىغۇچىغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: مالنىڭ قالغان قىسمىنى سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن چوڭ ئاپاڭلارنىڭ سۆزىدىن ھاسىل بولغان ھەقىقەتنى ۋارىسلارغا بىلدۈرىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ قىلغان سەدىقەڭلاردىن ئۇلارنىڭ كۆڭلى قانائەت تاپسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر قانائەت تاپمىسا، مالنى ۋارىسلارغا قايتۇرۇپ بېرىسىلەر، ئۇنى قالغان مىراس ماللىرى بىلەن بىرگە تەقسىم قىلىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد