دۇشەنبە 20 شەۋۋال 1445 - 29 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق سالام بىرىمەن؟

سۇئال

مەن مەدىنىگە بېرىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلماقچى ئىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قانداق سالام بېرىمەن؟ بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىش ۋاجىپمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ناماز ئادا قىلماق ئۈچۈن مەدىنىگە سەپەر قىلسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنى زىيارەت قىلىش سۈننەت بولىدۇ. سىز مەسچىتكە كىرگەن ۋاقتىڭىزدا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى بىلەن باشلايسىز، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ: (ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن، ئاللاھ تائالا سىلىگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا رەھمەت قىلسۇن) دەيسىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالامنى كۆپ يوللايسىز. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭ سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2042-ھەدىس ].

   ئاندىن ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا سالام بېرىپ ئۇلارغا ئاللاھدىن رازىلىق تىلەپ قەبىرنى سىلىماستىن ۋە ئارتۇق تۇرماستىن بىر تەرەپكە ئۆتۈپ ياكى مەسچىتنىڭ قايسى تەرىپىدە تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرەم مەسچىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتى ۋە ئەقسا مەسچىتى قاتارلىق ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتكە ئالاھىدە تەييارلىق قىلىپ زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىنمايدۇ» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 1751-ھەدىس. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 1189-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى1397-ھەدىس].

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 9-توم 117-بەت