پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

سۇ تۇربىسىغا قانچىلىك سۇ ئىشلەتكەنلىكنى بىلدۈرىدىغان سۇ سائىتىنى بېكىتمەستىن ياكى سۇنىڭ پۇلىنى ئۆتىمەستىن ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

    بىز سۇدىن پايدىلىنىمىز، لېكىن ئۆيىمىزدە قانچىلىك سۇ ئىشلەتكەنلىكنى بىلدۈرىدىغان سۇ سائىتى بېكىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قانچە پۇل ئۆتەشنى بىلمەيمىز، بۇ شەكىلدە سۇ ئىشلىتىش ھارام بولامدۇ، چەكلىنەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر دۆلەت سۇنى پەقەت سۇ مىقدارىنى بېكىتىدىغان سۇ سائىتى قويغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا- كۆپچىلىك دۆلەتلەردە شۇنداق بولىدۇ-ئۇ ۋاقىتتا سۇ سائىتى بېكىتمەي، سائەتنى بۇزۇۋېتىپ، پۇل تۆلەش تالۇنىدىن قېچىپ، ھېلى ئىشلىتىپ سۇ ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئالدامچىلىق، ھىيلىگەرلىك ۋە ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز يېۋىلىش بولىدۇ.  بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ ‏ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. » [سۈرە نىسا 29 -ئايەت.]

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بىزدىن ئەمەس.»  [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېلە-مىكىر قىلغۇچى ۋە ئالدامچىلىق قىلغۇچى دوزاختا بولىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي "شۈئەبىل ئىماندا" كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئالاقىدار شەكىلدە مۇنداق دەپ كەلتۈرگەن: « ئالدامچىلىق قىلغۇچى دوزاختا بولىدۇ كىمكى بىز بۇيرىمىغان ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ».

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: كاپىر دۆلەتنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ توك ۋە سۇ سائەتلىرىنى توختىتىپ قويۇپ ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمىزچە دۆلەت بىز خالىمىساقمۇ بىزگە زۇلۇم قىلىپ ھەسسىلەپ باج ئالىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يېۋىلىش بار. " ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 23 -توم 441 -بەت.]

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن يەنە: "توك، سۇ، تىلىپۇن، گاز قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ پۇلىنى تۆلەشتىن قېچىپ ھېلە ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمىزچە بۇ ئورۇنلار ئومۇمى ئىنسانلار ئىگە بولىدىغان ھەسسىدارلىق شېركىتى ئىگە بولىدىكەن؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يېۋىلىش بار، ئامانەتنى ئادا قىلماسلىق بار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‏إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الأَمَانَاتِ إِلَى أَهْلِهَا ‎ ‏ تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.» [سۈرە نىسا  58 ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ وَلا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا ‏ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا سۈرىسى 29 -ئايەت.]

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 23 -توم 441 بەتكە قارالسۇن.

    سۇ ئىشلەتكۈچى تىزدىن سۇ سائىتى بېكىتىپ شىركەت ھۆكۈمەتنىڭ بولسۇن ياكى شەخسىنىڭ بولسۇن سۇنىڭ پۇلىنى تۆلىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا ھارام سۇ ئىشلەتكەن بولىدۇ، ئەگەر سۇغا ئىگە بولغان تەرەپ كەچۈرمىسە ئىزنىسىز سۇ ئىشلەتكەننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى