جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان كىشىنىڭ بار ياكى يوق يېرىدە ئۇنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

بىر ئادەمنى يوق يىرىدە سوغۇققان دەپ سۈپەتلەش غەيۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ سۆزنى ئاچچىقلىنىپ تۇرغاندا دىسەممۇ غەيۋەت بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام غەيبەتنىڭ چەك-چېگراسىنى ئوچۇق بېكىتىپ بەرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن: غەيبەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟، دەپ سورىغاندا، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ياخشى بىلىدۇ، دېيىشكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قېرىندىشىڭنى ياقتۇرمايدىغان سۈپەت بىلەن تىلغا ئىلىشىڭ، دېۋىدى، ئۇلار: شۇ سۈپەت قېرىندىشىمدا بولسىمۇ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سەن دېگەن سۈپەت ئۇنىڭدا بولسا ئۇنىڭ غەيبىتىنى قىلغان بولىسەن، ئۇنىڭدا بولمىسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولىسەن دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2589].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇئەتتا" 3-توم 150-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: غەيۋەت دېگەن نېمە؟ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىر كىشىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدىغان سۈپەت بىلەن تىلغا ئىلىشىڭ دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! شۇ سۈپەت ئۇ كىشىدە بولسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر يوق بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان بولىسەن دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1992 –نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى:

غەيۋەت دېگەن؛ گىپى قىلىنغان كىشى يوق جايدا بولىدۇ، ئەمما بار جايدا يۈزىنى چۈشۈرۈش بولسا تىللىغانلىق ۋە دەشنام قىلغانلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ چەكلەنگەن ئىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۇرۇشۇش كۇپۇرلۇقتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 48- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 64-ھەدىس].

يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەسەت قىلىشماڭلار، ئالداشماڭلار، دۈشمەنلەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلاردىن يۈز ئورۈشمەڭلار، بەزىڭلار-بەزىڭلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلمىسۇن، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، بىشىغا كۈن چۈشكەندە تاشلاپ قويمايدۇ، ھاقارەتلىمەيدۇ، تەقۋالىق مانا بۇ يەردە دەپ، ئۆزىنىڭ كۆكرىكىگە ئۈچ قېتىم ئىشارەت قىلدى، ئاندىن: بىر كىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى، مېلى ۋە ئابرۇيىغا چىقىلىشى ھارامدۇر، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2564-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۈچلۈك قاراشتا غەيۋەتنىڭ غەيۋەت دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئايرىلىپ چىققان تۈپ سۆزگە رېئايە قىلغانلىقتىن بولۇپ، لۇغەت ئالىملىرىمۇ بۇنى جەزىملەشتۈرگەن.

ئىبنى تىين مۇنداق دەيدۇ: غەيۋەت دېگەن بىر ئىنساننى يوق ۋاقتىدا ياقتۇرمايدىغان سۈپەت بىلەن سۈپەتلەشتۇر. ئەللامە زەمەخشەرىمۇ شۇنداق بېكىتكەن.

ئەبۇ نەسىر قۇشەرىي تەپسىر كىتابىدا، ئىبنى خەمىيس دېگەن ئالىم غەيبەت توغرىسىدىكى ئايرىم بىر بۆلىكىدە، ئىبنى مۇنزىر ۋە ئاخىرقىسى كەرمانىي بولغان باشقا ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "غەيۋەت دېگەن گەرچە راست بولسىمۇ، بىر ئىنساننىڭ يوق يېرىدە، ئۇ كىشى ئاڭلىسا ياقتۇرمايدىغان بىر سۈپەت بىلەن ئۇنى سۈپەتلەشتىن ئىبارەتتۇر. ["پەتھۇل بارى" 10-توم 469-بەت].

جۇرجانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"غەيۋەت دېگەن بىر ئىنسان يوق ۋاقتىدا ئۇنىڭدا بار، ناچار سۈپەتلىرىنى تىلغا ئىلىشتۇر، ئەگەر ئۇ كىشىدە ئۇ سۈپەتلەر بولمىسا بۆھتان بولىدۇ، بار يېرىدە دىسە دەشنام بولىدۇ". ["ئەتتەرىپات" 163 –بەت].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: سىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭىزنى: "بىر ئىشقا ئېغىر ئادەم" دېيىشىڭىز كوچا تىلىدا تەبىئىتى، سۆزى ۋە پرىنسىپى ئېغىر بولغانلىقتىن سورۇنداش بولۇش ياقتۇرۇلمايدىغان ئېغىر كىشى دېگەنلىك بولۇپ، ھەر قانچە ئاچچىقلىنىپ دىسىڭىزمۇ ئۇ چەكلەنگەن غەيۋەت بولىدۇ، ئاچچىقلىنىش سىزگە يامانلىق قىلمىغان بىر قېرىندىشىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈشنى توغرا قىلىپ بېرەلمەيدۇ.

غەيۋەت قىلغۇچىغا قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئەگەر سىزنىڭ دېگەن سۆزىڭىز قېرىندىشىڭىزغا يەتكەن بولسا دەرھال ئۇنىڭغا ئۈزۈر ئېيتىپ، كەچۈرۈم سوراڭ، ئۇنىڭغا يەتمىگەن بولسا ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ قېرىندىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھدىن ياخشى تىلەكلەرنى تىلەڭ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 23328- نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار