يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا ناچار ئەخلاقتىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىنەتلىنىدۇ؟

سۇئال

    مېنىڭ ئەخلاقىم بەك ناچار، ئانامنى قاقشىتىمەن، ئۇنى دائىم ئاچچىقلاندۇرىمەن، بەزى ۋاقىتتا ئەخلاقىم ياخشى بولۇپ قالىدۇ، كۆپ ۋاقىتتا ناچار بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەخلاقىمنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلار قايسى؟، ئەخلاقىم ناچار بولسا بۇنىڭغا كۆرە ئازابقا دۇچار بولىمەنمۇ؟، گۈزەل ئەخلاق پەقەت ئارتۇق ئىشمۇ؟، ئەخلاقىم ياخشى بولغاندا رىيا بولغاندەك ھېس قىلىمەن، ئەخلاقتا كېچىك شېرىككە چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن، قانداق قىلغاندا گۈزەل ئەخلاقتا مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئاللاھقا ھەقىقى ئىخلاس قىلغىلى بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  گۈزەل ئەخلاق دېگەن قىيامەت كۈنى ئەمەل مىزانىدا ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئىنسانلاردىن ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلار قىيامەت كۈنىدە ئورۇن-مەرتىۋە جەھەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان كىشىلەردۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئورۇن-مەرتىۋە جەھەتتە ماڭا ئەڭ يېقىن بولغانلىرىڭلار ئەخلاقىڭلار گۈزەل بولغانلىرىڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 2018-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

    ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشلىرىڭلار، ئەخلاقىڭلار ئەڭ ياخشى بولغانلىرىڭلار». [بۇخارى  رىۋايىتى 6035-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2321-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە گۈزەل ئەخلاققا قىزىقتۇرۇش، گۈزەل ئەخلاق ساھىبنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، گۈزەل ئەخلاق دېگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرىنىڭ سۈپىتىدۇر".

    ھەسەن بەسەرى مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقى گۈزەل ئەخلاق دېگەن: كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ۋە ئوچۇق چىراي بولۇشتىن ئىبارەتتۇر".

    قازىي ئىياز مۇنداق دەيدۇ: "گۈزەل ئەخلاق دېگەن: خۇشخۇي، گۈزەل شەكىلدە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، ئۇلار بىلەن دوست بولۇش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش، ئۇلارغا كەڭ قورساق بولۇش، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلىرىغا سەبىر قىلىش، ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلماسلىق، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىق، قوپاللىق قىلماسلىق، ئاچچىقلانماسلىق ۋە زۇلۇم قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر".

   ئىككىنچى: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئاتا-ئانىنى قاقشاتقۇچى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا ئاتا-ئانىسىغا تولۇق ياخشىلىق قىلىش، مۇمكىن بولغان شەكىلدە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش، ئۇلارنى غەزەپلەندۈرۈشتىن، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشتىن ۋە ئۇلارنى قاقشىتىشتىن يىراق بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: ئەخلاقنى ياخشىلاش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پاكىزلاش مۇمكىن بولىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ۋاسىتىلەر بىلەن روياپقا چىقىدۇ:

   -گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئارتۇقچىلىقى، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ياخشى مۇكاپاتنى بىلىشى كېرەك.

  -ناچار ئەخلاقنىڭ ئاقىۋېتىنى، ئۇنىڭغا كېلىدىغان جازا ۋە يامانلىقنىڭ تەسىرىنى بىلىشى كېرەك.

   -ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك.

  -ئاچچىقلىنىشتىن يىراق بولۇش، سەۋرچانلىق بىلەن زىننەتلىنىش، تەمكىنلىك ۋە ئالدىرماسلىققا ئادەتلىنىش.

   -گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلىش، ئەخلاقى ناچار كىشىلەرنىڭ سورۇنىدىن يىراق بولۇش.

  -ئۆزىنى گۈزەل ئەخلاققا ئادەتلەندۈرۈش، كۆندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا بېسىش، بۇنىڭدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىش.

     شائىر مۇنداق دەيدۇ:  قىرىندىشىڭنى گۈزەل ئەخلاققا ئادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىكرام قىلغىن ئۇنىڭدىن پەقەت ئىززەت-ئىكرامنى كۆرىسەن.

ئاخىردا:  ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۈچۈن بۇنىڭغا ياردەم تىلەپ ئاللاھ تائالا دۇئا قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! يارىتىلىشىمنى يەنى شەكلىمنى چىرايلىق قىلغاندەك، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 24392 -ھەدىس. مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن.شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سەھىھىل جامىئ"  1307 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بەزى بىر ئورۇندا مۇسۇلمان ئېزىپ كەتسە، ئەخلاقى ناچار بولۇپ قالسا، دەرھال ئۈزۈر ئېيتسۇن، ناچارلىقلىرىنى تۈزەتسۇن ۋە ئەخلاقىنى ياخشىلاش ئىرادىسىگە كەلسۇن.

    مۇسۇلمانىڭ ئەخلاقى ياخشى بولغاندا، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن  بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقتىكى ئىشى باشقا ئىبادەتلەردىكى ئىشلىرىغا ئوخشايدۇ، ئەخلاقىنى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن گۈزەللەشتۈرمىسۇن، ئۇنداق قىلسا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابنى بىكار قىلىۋېتىپ رىيا قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازاغا لايىق بولۇپ قالىدۇ.

    شۇنىڭدەك مۇسۇلمان ئىبادەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ئەخلاقىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن گۈزەل قىلىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى، ھېسابنى، مىيزاننى، جەننەتنى ۋە دوزاخنى دائىم كۆز ئالدىدا قويۇشى كېرەك. ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھېچ پايدا-مەنپەئەت ياكى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

    ئاخىرەتنى ئەسلەش مۇسۇلماننىڭ ھەر ئىشىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    تۆتىنچى: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلاردىن:

   -ئاتا-ئانىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى، پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىلىگەنلىكى، ئۇلار ئۈچۈن گۈزەل بىر ھاياتنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ئۈستىگە ئالغان مۇشەققەتلىرىنى  بىلىش.

   -ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىق توغرىسىدا كەلگەن شەرئى دەلىللەرنى بىلىش. شۇنىڭدەك، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن ئەيمەندۈرىدىغان شەرئى دەلىللەرنى بىلىش، بۇنىڭ يامان تەسىرىنى تونۇش ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بىلىش.

  -ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىدىغان پەرزەنتلەردىن ياخشىلىققا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشنىڭ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىدىغان پەرزەنتلەردىن ھاسىل بولىدىغان ناچارلىقنىڭ ئەڭ كاتتا سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

    -ئىلگىرىكى سەلەپ-سالىھلارنىڭ سېيرەتلىرىگە نەزەر سېلىش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قانداق ياخشىلىق قىلغانلىقىنى بىلىش.

   -ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى قاقشىتىش توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب، ماتېرىياللارنى كۆپ ئوقۇش، بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن دىنى نۇتۇقلارنى تىڭشاش.

   -سوغات بېرىش، چېرايلىق سۆز قىلىش، ئوچۇق چىراي بولۇش، كۆپ دۇئا قىلىش، گۈزەل مەدھىيەلەرنى يوللاش قاتارلىقلار ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان كاتتا سەۋەپلەردىندۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 101023 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.  

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى