جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەرىئەتتە بېخىلنىڭ چەك-چېگرىسى توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلام شەرىئىتىدە قانداق ۋاقىتتا ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ؟، چۈنكى بەزى كىشىلەر مېنى بېكىتىلگەن بەلگىلىمىنى ئادا قىلدى دەپ قارىسا، يەنە بەزى كىشىلەر مەندە بېخىللىق بار دەپ قارايدىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە سەرپ قىلىش زۆرۈر بولغان نەپىقىلەرنى چىقىرىشتىن باش تارتقان كىشى بېخىل ھېسابلىنىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بېخىللىق دېگەن ئەيىپلىنىدىغان بىر ناچار سۈپەت بولۇپ، بېخىللىق كېسىلىدىنمۇ  ناچارراق كېسەللىك بولمىسا كېرەك!.

    بېخىللىقتىن ئىبارەت بۇ سۈپەتنى تونۇشتۇرۇشتا ئۆلىمالارنىڭ پىكرى ئوخشاش بولمىغان:

     ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئۆلىمالار بېخىللىقنى بىر قانچە تۈرلۈك تونۇشتۇرغان:

     بىرىنچىسى: زاكات بەرمەسلىك، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى بېخىللىق دائىرىسىدىن چېقىپ كەتكەن بولىدۇ.

   ئىككىنچىسى: زاكاتتىن ۋە نەپىقىلەردىن بولغان ۋاجىپنى ئادا قىلمىغانلار، بۇ قاراشقا ئاساسەن، زاكاتنى ئادا قىلىپ باشقا ۋاجىپ بولغان نەپىقىلەرنى چەكلەيدىكەن، ئۇ كىشى بېخىل دەپ قارىلىدۇ. [ئىبنى قەييىم ۋە باشقا ئۆلىمالار بۇ قاراشنى تاللىغان].

    ئۈچىنچىسى: زۆرۈر بولغان ۋە ئېسىل بولغان ئىشلارنى ئادا قىلىش، ئەگەر بۇنىڭ بىرىنى چالا قويىدىكەن، ئۇ كىشى بېخىل ھېسابلىنىدۇ، (ئىمام غەزالى ۋە باشقا ئۆلىمالار بۇ قاراشنى تاللىغان). ["شەرىئەت ئەدەپلىرى"3-توم 303-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشى بېخىل دېيىلىدۇ، ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى بېخىل دەپ ئاتالمايدۇ، ھەقىقەتەن بېخىل دېگەن: ئۆز ئۈستىدىكى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەقنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىدۇر." ["جالائىل ئەپھام"385-بەت. ئىمام قۇرتۇبى مۇشۇنىڭ ئوخشىشىنى 5-توم 193-بەتتە  بايان قىلغان].

    ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بېخىل دېگەن شەرىئەت ھۆكمى بىلەن ياكى ئادىمىيلىك ھۆكمى بىلەن چەكلەش لايىق بولمىغان نەرسىنى چەكلەپ قويغان كىشىدۇر، بۇنىڭدا قانچىلىك نەرسىنى چەكلىسە بېخىل قاتارىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ". ["ئىھيا ئۇلۇمىددىن"3-توم 260-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇنىڭ ئوخشىشىنى دەپ: بېخىل دېگەن: ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتىمىگەن، چىقىم قىلىش لايىق بولمىغان نەرسىنى چىقىم قىلغان كىشىدۇر"دېگەن.  ["شەرھى رىيازۇس سالىھىين"3-توم 410-بەت].

     ئىككىنچى: ئەر كىشىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالەتتە نەپىقە قىلىش كېرەك بولىدۇ. نەپىقە دېگەن: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جاي ۋە ئايال-بالىلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئارىسىدا قىلىش زۆرۈر بولغانلىرى داۋالاش ۋە تەلىم-تەربىيە نەپىقىلىرى قاتارلىقلاردۇر.

     نەپىقە دېگەن ئەرنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولىدۇ: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا  تەرجىمىسى: باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)تالاق سۈرىسى 7-ئايەت.

    ئايال ۋە بالىلارغا قىلىدىغان نەپىقە باي-كەمبەغەللىك ھېسابى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئىقتىسادى ياخشى بولسا ئايال-بالىلىرىغا ياخشى بويىچە نەپىقە قىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارغا نەپىقىنى قىسىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆز ئۈستىدىكى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتنى ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن بېخىل ھېسابلىنىدۇ.

     تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار كىشى بولسا ئۇمۇ ئۆز ھالى بويىچە نەپىقە قىلىدۇ، ئوتتۇرھال تۇرمۇشتىكى كىشى بولسا ئۇمۇ ئۆز ھالى بويىچە نەپىقە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەر كىشىنى ئۆز ھالى بويىچە نەپىقە قىلىشقا بۇيرىدۇ.  نەپىقىنىڭ شەرىئەتتە مۇقىم بىر ئۆلچىمى يوق بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئۆرپە-ئادىتى بويىچە بولىدۇ. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى