پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ دۇئا قىلغانمۇ؟

234379

تارقاتقان ۋاقىت : 15-01-2016

كۆرگۈچىلەر : 3040

سۇئال

مەن 16 ياشقا كىرگەن مۇسلىمە قىز، ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيلەر بولسۇنكى، شىئەلەرنىڭ شەك-شۈبھىلىرىگە رەددىيە بىرەلەيمەن، لىكىن ئۇلار ماڭا مەن رەددىيە بېرەلمەيدىغان بىر ھەدىسنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسۇن دەپ بەددۇئا قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: بىر قانچە ھەدىس توپلاملىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋەقەلىكى توغرىسىدىكى سەھىھ ئىسناد بىلەن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇسنەدتە (40/303) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقل قىلغان ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يىنىمغا بىر ئەسىرنى ئىلىپ كىردى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويۇن قىلسام ئۇ چىقىپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىنىمغا كىرىپ: ئەسىير نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ دېدى، مەن: ئاياللار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئويۇن قىلساق ئۇ چىقىپ كەتتى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمى ئۈچۈن ئۇنداق قىلدىڭىز؟،ئاللاھ تائالا قولىڭىزنى ئۈزىۋەتسۇن! دېدې. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىقىپ كىشىلەرگە ئەھۋالنى بىلدۈردى، ئۇلار ئۇ ئەسىرنى ئىزدەپ تىپىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يىنىمغا كىرگەندە مەن قوللىرىمنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئولتۇراتتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە بولدى؟ نېمە قولىڭىزنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئولتۇرىسىز؟ دېدى. مەن: سىلە ماڭا دۇئا قىلدىلا، مەن قايسى قولۇم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندۇ دەپ قوللىرىمغا قاراۋاتىمەن دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتقاندىن كىيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن ئىنسان، باشقا ئىنسانلار ئاچچىقلانغاندەك ئاچچىقلىنىمەن، ھەر قانداق مۆمىن ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن ئاچچىقلاپ دۇئا قىلغان بولسام، ئۇ دۇئانى شۇ كىشى ئۈچۈن پاكلىق ۋە رەھمەت قىلغىن، دېدى. بۇ ھەدىسنىڭ ھېچ قايسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەيىپلەيدىغان بىرەر مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى:

1- بۇ ۋەقەلىكتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا ھېچ بىر كىشىنى دىندا ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە ئەيىپلەيدىغان بىرەر سۆزنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، بۇ ۋەقەلىكنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى خەۋەر بەرگەن، بۇ پەقەت ئادەتتىكى شۇنداق بىر ۋەقە، بۇنىڭدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دىنىغا ئالاقىدار بولغان ھېچ ئىش يوق.

2-بۇ ۋەقەلىكتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئارتۇقچىلىقى بايان قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ۋەقەلىكتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەنسىرىگەن دۇئانىڭ ئورنىغا بېرىلىدىغانرەھمەت، پەزىلەت ۋە گۇناھتىن پاك بولۇشتىن ئىبارەت مۇكاپاتنى بايان قىلىپ بەرگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرىدا: ئى ئاللاھ! مەن ئىنسان، باشقا ئىنسانلار ئاچچىقلانغاندەك ئاچچىقلىنىمەن، ھەر قانداق مۆمىن ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن ئاچچىقلاپ دۇئا قىلغان بولسام، ئۇ دۇئانى شۇ كىشى ئۈچۈن پاكلىق ۋە رەھمەت قىلغىن، دېگەن.

3- بۇ ھەدىستە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن چوڭ خوش-خەۋەر بايان قىلىنغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا كامىل مۆمىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: ئى ئاللاھ! ھەر قانداق مۆمىن ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن ئاچچىقلاپ دۇئا قىلغان بولسام، ئۇ دۇئانى شۇ كىشى ئۈچۈن پاكلىق ۋە رەھمەت قىلغىن، دېگەن.

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ بەددۇئاغا لايىق ئەمەسلىكىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا شەرئى سەۋەپ بىلەن بەددۇئا قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا بۇ دۇئانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتى بىلەن قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر بەددۇئادىن كىيىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ بۇ دۇئانى ئۇلار ئۈچۈن رەھمەت ۋە پاكلىق قىلىپ بېرىشىنى تىلىگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن قىلىنغان بىرىنچى دۇئا ئىجابەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولى كېسىلمىگەن، دۇئادا بايان قىلىنغان ھېچ نەرسە بولماستىن ئاللاھ تائالا رازى بولغان ھالەتتە ۋاپات بولغان. ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىنغان، مانا بۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىمانىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىشارەتتۇر.

بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق كىشىلەر باركى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەزىلىتى، ئارتۇقچىلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت پاك نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان تۇرۇغلۇق، ئۇلار ھەقىقەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئالاھىدىلىكى بايان قىلىنغان مۇشۇنداق ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.

ئىككىنچى: دىققەت قىلىش مۇھىم بولغان ئىشلاردىن، ئازغۇنلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشقاندا، ئۇلارنىڭ شەكلىك پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا ئۇلارغا پەقەت شەرئى ئىلىملەرنى ياخشى بىلگەن، مۇشۇنداق شۈبھىلەرگە رەددىيە بېرىشكە قادىر بولالايدىغان كىشىلەر مۇنازىرە قىلىشى كېرەك. شەرئى ئىلىمدىن تولۇق مەلۇماتى بولمىغان كىشىنىڭ ئازغۇن كىشىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سىلىشى ۋە ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

سەلەپ ئالىملىرىدىن بىئەتچىلەر ۋە ئازغۇن كىشىلەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سىلىشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر بايان قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ يىشىڭىز ۋە ھازىرقى ئەھۋالىڭىز، دىنى بىلىملەرنى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۈگۈنىشكە بۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشقا بەك مۇۋاپىق كىلىدۇ، بىدئەتچى ئازغۇنلاردىن يىراق بولۇڭ، ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە قۇلاق سالماڭ، سىز ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە تولۇق رەددىيە بەرگىدەك ئىلىم-مەرىپەت ھاسىل قىلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشماڭ.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى