شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاندا بىر نەرسە يېگەن كىشىنى كۆرسە ئۇنى چەكلەش كېرەكمۇ؟

سۇئال

بەزى كىشىلەر: رامزاننىڭ كۈندۈزدە سىرتتا بىر بەرسە يېگەن ۋە ئىچكەن كىشىنى كۆرسىڭىز ئۇلارغا خەۋەر بېرىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۇلارغا ئاللاھ تائالا يېمەك-ئىچمەك بەردى دەيدۇ، بۇ سۆز توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   رامزاننىڭ كۈندۈزدە بىر مۇسۇلماننىڭ كوچىدا يەپ-ئېچىپ يۈرگىنىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىنكار قىلىش (يەنى چەكلەش) كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ۋاقىتتا گەرچە ئۇ كىشى ئۈزۈرلۈك بولسىمۇ كوچىدا يەپ ئىچىشى، رامزاننىڭ كۈندۈزدە مۇنكەر ئىشنى ئاشكارا قىلىشىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ياكى ئۈزۈرلۈك دەپ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى ئەيمەنمەستىن قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشتۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېگەن سۆزىدە سەمىمى بولسا، ئۇ كىشىگە ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يېسە ياكى ئېچسە شۇ كۈنلۈك روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا يېمەك ئىچمەك بەردى ». [سەھىھ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

شۇنىڭدەك مۇساپىر كىشىنىڭمۇ  ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى ئاشكارا قىلماسلىقى كېرەك، بەلكى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دېگەن تۆھمەتكە قالماسلىق ۋە باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا جۈرئەت قىلماسلىقى ئۈچۈن ئادەم يوق يەردە ياكى مەخپى قىلىشى كېرەك. شۇنىڭدەك كاپىرلارنىڭمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رامزاننىڭ كۈندۈزدە بىر نەرسە يەپ-ئېچىشىنى چەكلەش كېرەك، بۇنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتا سەل قاراشنىڭ ۋە بىپەرۋالىق قىلىشنىڭ يولىنى ئېتىشتۇر، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل بولغان دىنى شۇئارلىرىنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نامايەندە قىلىشتىن چەكلەنگەن.

   ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ "ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 4-توم 254-بەت.