پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نەپلە ناماز ئوقۇغاندا، دەسلەپتە ناماز ئوقۇغان جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكۈلۈپ ناماز ئوقۇش سۈننەت ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

پىشىننىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇغان ۋاقتىدا، دەسلەپكى ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولۇپ كېيىنكى ئىككى رەكئەتنى ئوقۇغاندا، كۆپلەپ ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن دەسلەپتە ناماز ئوقۇغان جايدىن ئىككىنچى يەنە بىر جايغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئوقۇش، سۈننەت بىلەن پەرىز نامازلارنىڭ ئارىسىدا بولامدۇ ياكى نەپلە نامازلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىز يۇقىرىدا 116064- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، پەرز ناماز بىلەن نەپلە نامازنىڭ ئارىسىنى سۆز بىلەن ياكى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، بەزى ئالىملار بۇ توغرىدىكى ھىكمەتنى بايان قىلىپ : بۇ مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ سەجدە قىلغان ئورىنىنى كۆپەيتىش، قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ئۇ كىشىگە گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈندۇر دەيدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە: پەرز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نەپلە ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان كىشى پەرز ئوقۇغان جايدىن باشقا جايغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما نەپلە ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ يۆتكۈلۈپ باشقا جايدا ئوقۇشى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان، لېكىن مۇسۇلمان كىشى سەجدە قىلغان ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئىككى رەكئەتتىن يۆتكۈلۈپ ئىككى جايدا ئوقۇسا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پىشىننىڭ ئالدىدىكى تۆت رەكئەت ناماز توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە كېچە-كۈندۈزدە ئوقۇيدىغان نەپلە ناماز ئىككى رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن بولىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، بۇ تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئىككى رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش ياخشى بولىدۇ. ئەمما ئالدى-كەينىگە ياكى ئوڭ-سولغا يۆتكۈلۈپ ئوقۇش توغرىسىدا بەزى زەئىپ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئەمما بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. ئوڭ-سول تەرەپكە ياكى ئالدى-كەينىگە يىنىپ ئوقۇش توغرىسىدا پەقەت زەئىپ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان خالاس. بەزى ئالىملار زېمىننىڭ شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىگە گۇۋاھ بولىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن، تۆت رەكئەتلىك نەپلە نامازنى يۆتكۈلۈپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شۇنداق ئوقۇغان بولسا بۇمۇ خاتا بولمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 10-توم 296-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى