جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بەندىلەرنى ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىش بىلەن ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بارمۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالا كىتابىدا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دېدى، لېكىن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا ئايەتلىرىدە بىزنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان دىگەن ئىبارىنىمۇ ئۇچرىتىمىز، بۇ ئىككى سۆز قارمۇ-قارشى ھېسابلانمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ يەردە بەندىلەرنى ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىش بىلەن ئىمتىھان ئۈچۈن يارىتىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوق:

ئىبادەتنىڭ ئۆزى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئىمتىھاندۇر، ئاللاھ تائالا كىمنىڭ ئىشىنىدىغان ۋە كىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، كىمنىڭ ئاسىيلىق قىلىدىغان ۋە كىمنىڭ ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ياخشىلىق قىلغۇچىنى قىلغان ياخشىلىقىغا قارىتا مۇكاپاتلايدۇ، يامان ئىش قىلغۇچىنى قىلغان قىلمىشىغا يارىشا جازالايدۇ.

ئىمتىھاننىڭ ھىكمىتى يەنە: مۇسىبەت يەتكەندە بەندىنىڭ سەبىر قىلىش ياكى ۋايساش ئەھۋالى ئاشكارا بولىدۇ، شۇنىڭدەك نېمەتلەر ۋە مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىغاندا شۈكىر قىلىش ياكى ناشۈكۈرلۈك قىلىش ئەھۋالى ئاشكارا بولىدۇ.

سوئال سورىغۇچىنىڭ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ ئىمتىھاننى پەقەت مۇسىبەتكە قارىتىپ، بۇنىڭغا سەبىر قىلغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ۋايسىغان كىشى كاپىر بولۇپ گۇناھ ۋە جازاغا ئۇچرايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان.

بۇ ئىمتىھان مەناسىنىڭ قىسمەن تەسەۋۋۇرى، توغرىسى: بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى سىناق بولۇپ، ئۇ مۇسىبەتكە قارىغاندا كەڭ دائىرىدە بولىدۇ، ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ بارلىق ئىش-ئەمەللىرى،ھاياتى ۋە ھەممە ئىشلىرى ئىمتىھان دائىرىسىگە كېرىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى، ساقلىقى، كېسەللىكى، بەخت-سائادىتى، مال-دۇنياسى، يەيدىغان رىزقى، پۈتۈن ئەتراپى ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ھەممىسى ئىمتىھاندۇر، مۇشۇنىڭ ھەممىسىدە ئىنساننىڭ يۆنىلىشى توغرا تەرەپكە بولامدۇ ياكى خاتا تەرەپكىمۇ؟، ئاللاھقا بويسۇنامدۇ ياكى شەيتانغىمۇ؟، دەپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىمتىھان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُور تەرجىمىسى: سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. [سۈرە مۇلىك 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا تەرجىمىسى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى)، ھۇد سۈرىسى، 7-ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَكِنْ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُون تەرجىمىسى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. [سۈرە مائىدە 48-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ الْأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى:ئاللاھ سىلەرنى(ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەنئام 165-ئايەت].

بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمتىھاننىڭ ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى مەخپىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىمتىھان بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەر كىشى ئىبادەتنى بارلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلسا ئۇتۇق قازىنىدۇ ۋە پايدىغا ئېرىشىدۇ، تولۇق ئادا قىلمىغان كەم قىلغان مىقداردا زىيان تارتىدۇ.

ئىبنى قەييىم جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئالەمنى، ئۆلۈمنى، ھاياتلىقنى يارىتىشنىڭ، زىمىننى ئۈستىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىزەشنىڭ سىناق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ ياخشى ئەمەل قىلىپ، ئاللاھ تائالا ياخشى دىگەن ئىشلارغا، ئىنساننى، ئالەمنى يارىتىشتىكى مەقسەتكە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى سىناشتۇر، ئۇ مەقسەت ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە بويسۇنۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بەندىچىلىكتۇر، ئۇ بولسىمۇ ئەڭ گۈزەل ئەمەلدۇر، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە رازىلىقىنىڭ ئورۇلىرىدۇرنىدۇر. "روۋزەتۇل مۇھىببىين"61-بەت.

ئەللامە مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ ئىزاھاتىدا : وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ تەرجىمىسى: جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم. [سۈرە زارىيات 56- ئايەت] مەنىسى: ئۇلارنى ئىبادەتلەرنى قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن سىنايمەن، ئاندىن ئۇلاردىن ئەمەللىرىگە قارىتا ھېساپ ئالىمەن، ياخشى بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ، يامان بولسا جازالىنىدۇ.

يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئوچۇق ئايەتلەر شۇنى ئىپادىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەردە ئۇلارنى قايسىسىنىڭ گۈزەل ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناپ، قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا ياكى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلدى.

ئاللاھ تائالا كەھپ سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَّهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا تەرجىمىسى: ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق. [سۈرە كەھپ 7-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئايەتتە ئۇلارنى يارىتىشتىن بولغان ھېكمەت قايسىسىنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى، بۇنى زارىيەت سۈرىسىدىكى ئۇلارنى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتتۇق دېگەن ئايەتئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، قۇرئان ئايىتىنى قۇرئان ئايىتى بىلەن ئىزاھلاش ئەڭ ياخشى ئىزاھلاشتۇر.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئىبادەتتىن قىلغان ئەمەلنىڭ نەتىجىسى مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىنى ياخشىلىقىغا يارىشا مۇكاپاتلاش، يامان ئىش قىلغۇچىنى قىلمىشىغا مۇۋاپىق جازالاش بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ، بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ يۈنۈس سۈرىسىدىكى بۇ ئايىتى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ: إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِّنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. [سۈرە يۈنۈس 4-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّـهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى تەرجىمىسى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ. [سۈرە نەجمى 31-ئايەت].

ئاللاھ بىزنى بىكار ياراتتى، بىر نەرسىگە بۇيرىمىدى ۋە توسمىدى دەپ ئويلىغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئىنكار قىلىپ، ئۇنى بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكەپ پەيدا قىلغانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ قىلغان ئەمىلىگە يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَيَحْسَبُ الْإِنسَانُ أَن يُتْرَكَ سُدًى، أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِّن مَّنِيٍّ يُمْنَىٰ، ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّى، فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَى، أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَن يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ تەرجىمىسى: ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟، ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟، ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى، ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى، (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟. [سۈرە قىيامەت 36-37-38-39-40- ئايەتلەر].

"ئەزۋائۇل بايان فى ئىزاھىل قۇرئانى بىل قۇرئان" ناملىق ئەسەر 7-توم 445-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى