پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر مۇسۇلمان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدىن سىياسى پاناھلىق تىلەپ ۋەتەنداشلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇرتەد بولۇپ خرىستىئان بولۇپ كەتتى، لېكىن ئۇ كىشى ئۆزىنى ھازىرمۇ مۇسۇلمان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ

سۇئال

قېرىندىشىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە سىياسى پاناھلىق تەلىپى سۇندى، ھەقىقى پاناھلىقمۇ ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم خرىستىئان بولىشى كېرەك ئىكەن، بۇ ئىش ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىدا دەتالاشقا سەۋەپ بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلىشتى، ئۇ كىشى دىنىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ نىكاھىنى توغرا بولمايدۇ دەپ قارىدى، ئۇ كىشى ئۆزىنى ھازىرمۇ مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە پاناھلىق تەلەپ قىلىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتىن بىرئاز بولسىمۇ ياردەم بېرىش سەۋەبلىكتۇر. ئۇ كىشنىڭ ئائىلىسىدە ئايالى ۋە بەش ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ياخشلانسا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكېلىۋېلىشنى خالايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئايالى ۋە ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنى خرىستىئان دەپ پاناھلىق تەلەپ قىلغىنىغا ۋە ئەر-ئاياللىق نىكاھىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقىغا قانائەتلەندۈرەلمىدى؟. بۇ كىشىلەرگە قۇرئان-ھەدىس نۇرى بىلەن نەسىھەت قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز؟.

    بۇنىڭ خۇلاسىسى: كىمكى كۇپىرنى تاللاپ كۇپۇر كەلىمىسىنى قەستەن ئاشكارا قىلىدىكەن بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت مەجبۇرلانغۇچى چېقىرىۋىتىلىنىدۇ چۈنكى مەجبۇرلانغۇچى كاپىر بولمايدۇ، مال-دۇنيا ياكى باشقا غەرەز بىلەن كۇپۇر كەلىمىسىنى ئاشكارا سۆزلىگەن كىشى مەجبۇرلانغان بولمايدۇ، مۇرتەد بولغان كىشى ئۆزىنىڭ مۇرتەدلىكىدىن يانسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى ئىددەت ئىچىدىلا بولسا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالسا بولىدۇ، ئەمما ئايالىنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان بولسا ئېھتىياتەن يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ يارىشىۋالسا ياخشى بولىدۇ. توغرىسنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   مَن كَفَرَ بِاللَّهِ مِن بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلَّا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالْإِيمَانِ وَلَكِن مَّن شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْرًا فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللَّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ   تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ. [سۈرە نەھل 106-ئايەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت جەھم ئىبنى سەپۋان ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى ئايەت كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۇپۇر ئەھلىدىن قىلدى پەقەت دىلى ئىمانغا تولغان ھالەتتە مەجبۇرى سۆزلىگەن بولسا كۇپۇر ئەھلى ھېسابلانمايدۇ.

    ئەگەر ئاللاھ تائالا: كۇپۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا دېدىغۇ دېيىلسە، بۇ سۆز ئاۋۋىلىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، چۈنكى كىمكى ئىختىيارى كاپىر بولىدىكەن ھەقىقەتەن كۇپۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولغان بولىدۇ، لېكىن ئاۋۋالقى ئايەتنىڭ بېشى ئاخىرىغا زىت كېلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن كۇپۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولغان كىشى مەقسەت قىلىنسا، بۇ مەجبۇرلاشسىز بولىدۇ، بۇنىڭدىن پەقەت مەجبۇرلانغۇچى چېقىرىلمايدۇ،  بەلكى كۇپۇر بىلەن كۆڭلى ئازادە بولمىسا مەجبۇرلانغۇچى ۋە مەجبۇرلانمىغۇچىمۇ چىقىرىلىدۇ، ئەگەر كۇپۇر كەلىمىسىنى ئىختىيارى سۆزلىسە ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئازادە بولغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى كۇپىردۇر.

    ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ:  يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَّا تَحْذَرُونَ ، وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ، لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ إِن نَّعْفُ عَن طَائِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ  تەرجىمىسى: «مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە پاش قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ،(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دېگىن، سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز.» [سۈرە تەۋبە 64-65-66-ئايەتلەر].

    شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇنۇ سۆزى بىلەن كاپىر بولغانلىقىدىن خەۋەر بەردى: بىز كۇپۇر كەلىمىسىنى ھەقىقى ئېتىقاد قىلماستىن بەلكى ئويۇن-چاقچاق قىلىپ سۆزلىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ كۇپۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ پەقەت بۇ سۆز بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئازادە بولغانلىقىدىن بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ دىلىدا ئىمان بولغان بولسا، ئىمان ئۇلارنى بۇ سۆزنى سۆزلەشتىن توسۇپ قوياتتى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"7-توم 220-بەت. "سۇغۇرۇلغان قىلىچ" 524-بەت].

     كۇپۇر سۆزىنى قەستەن ئىختىيار قىلىپ سۆزلىگەن كىشى ھەقىقەتەن كاپىر بولىدۇ، گەرچە بۇ سۆزنى دۇنيادىن مەلۇم بىر نەرسىگە ئېرىشنى مەقسەت قىلىپ ئېيتقان بولسىمۇ ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئىشلاردا كىشىلەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىرى كۆپ بولۇپ كەتتى، بۇنىڭدىن پەقەت مەجبۇرلىنىشنىڭ شەرتلىرى بىلەن مەجبۇرلانغان كىشى چىقىرىۋىتىلىنىدۇ.

    ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ مەجبۇرى كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىگەن كىشى گەرچە كاپىر بولسىمۇ دىلى ئىمانغا تولغان بولسا گۇناھكار بولمايدۇ. ["جامىئ ئەھكامۇل قۇرئان" 12-توم 435-بەت].

    مەجبۇرلىنىشنىڭ چەك-چىگراسى قانچىلىك بولىدۇ؟.

    مەجبۇرلىنىشنى بېكىتىشتە ئۆلىمالارنىڭ قارىشى تۈرلۈك بولدى، لېكىن بۇنىڭ ئاساسلىقى چوقۇم ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىد قىلىش ياكى ئەزالىرىدىن بىرەرنى يوق قىلىش بىلەن ياكى بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىشقا ياكى بىر ئەر بىلەن لەۋاتە قىلىشقا تەھدىد قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ.

     كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى6-توم 101-102-بەتلىرىدە مەجبۇر قىلىشنىڭ شەرتى توغرىسىدا مۇنداق كەلگەن: "تەھدىد ئۆلتۈرۈش ياكى ئەزالىرىدىن بىرىنى يوق قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئەگەر  كۆزنى قالدۇرۇپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يوق قىلىۋەتسە، قولىنى قويۇپ تۇتۇش قۇۋۋتىنى كەتكۈزىۋەتسە، پۇتىنى قويۇپ قويۇپ مېڭش قۇۋۋتىنى يوق قىلىۋەتسە تەھدىد ھېسابلىنىدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا رازىلىقنى يوق قىلىپ غەم-قايغۇنى كەلتۈرۈش، بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىشقا ۋە بىر ئەر بىلەن لەۋاتە قىلىشقا مەجبۇر قىلىشمۇ تەھدىد ھېسابلىنىدۇ.

     ئەمما ئاچلىق بىلەن تەھدىد قىلىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، پەقەت مەجبۇرلانغۇچىغا ئاچلىق يەتكەندە ۋە ھالاك بولۇشتىن قورققاندا تەھدىد بولىدۇ.

    ئەمما ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۇپۇر سۆزىنى ئاشكارا قىلىدىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ مەجبۇرلىنىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

     شەيخۇل ئىسلام ئبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قاراشلارنى ئويلىنىش بىلەن مەجبۇرلانغۇچىنىڭ ئوخشماسلىقى بىلەن مەجبۇرلاشمۇ ئوخشىمايدۇ، كۇپۇر كەلىمىسىدە ئېتىبارىغا ئېلىنىدىغان مەجبۇرلاش بىلەن بىرەر نەرسىنى ھەدىيە قىلىشتا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەجبۇرلاشقا ئوخشىمايدۇ. ئىمام ئەھمەد بىرقانچە ئورۇندا كۇپىرغا مەجبۇرلاشنى زىكىر قىلىپ، كۇپىرغا مەجبۇرلاش ئۇرۇش ۋە قىيناش بىلەن بولىدۇ، سۆز بىلەن تەھدىد قىلىش مەجبۇر قىلىش بولمايدۇ دېگەن". [پەتىۋالار مەجمۇئەسنىڭ تۈزۈتىلگەن نۇسخىسى"5-توم 8-بەت، "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"1-توم 372-373-بەتكە قارالسۇن].

    مەجبۇرلاشنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەرتلىرىدىن: مەجبۇرلانغۇچى مەجبۇرلىغۇچىنىڭ ئۇنى ئازابلاش ۋە جازالاشلىرىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىشكە قادىر بولالماسلىقى كېرەك، ئەمما قېچىپ كېتىشكە قادىر بولۇپ تۇرۇپ قېچىپ كەتمىسە دىنى تەرەپتىن پىتنىگە چۈشۈپ قالغۇچى شۇ ئورۇندا تۇرۇپ قالسا، ئۇ كىشى مەجبۇرلانغان بولمايدۇ، ئۇنداقتا ئۆز ئىختىيارى بىلەن دىنى تەرەپتىن پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان جايلارغا بارغان كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟.

    ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ:   إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا فَأُولَئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَسَاءَتْ مَصِيرًا * إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا * فَأُولَئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا    تەرجىمىسى: «ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: (دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟ دەپ سورايدۇ. ئۇلار: زېمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!، پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە نىسا 97-99-ئايەتلەر].

    شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ :ئۆزىنىڭ تەپسىرىنىڭ 195-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ھىجرەت قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرگە قىلىنغان قاتتىق تەھدىدتۇر، پەرىشتلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالغاندا ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ چوڭ ئەيىپلەشتۇر، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: قانداق ھالەتتە بولغان ئىدىڭلار؟ قايسى نەرسىلەر بىلەن مۇشرىكلاردىن پەرقلەنگەن ئىدىڭلار؟ بەلكى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ سانىنى ئاشۇردۇڭلار، بەزى ۋاقىتتا مۆمىنلەرگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بەردىڭلار، پەيغەمبەر بىلەن بىللە جىھاد قىلىش، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە بولۇش ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۈشمەنلەرگە قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ ياخشىلىقنى يوقۇتۇپ قويدۇڭلار؟دەيدۇ. ئۇلار: بىز زېمىندا ئاجىز، زۇلۇم قىلىنغان، بويسۇندۇرۇلغان ئىدۇق، بىزنىڭ ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىدۇق دەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلار راست سۆزلىمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كايىپ، ئۇلارغا ئازابنى ۋەدە قىلدى، ئاللاھ ئىنساننى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، ھەقىقى ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.

    شۇنىڭ ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭىر تۇرسا باشقا زېمىنغا ھجرەت قىلساڭلار بولمامدۇ؟دەيدۇ، بۇ بىر شەرھىلىنىدىغان سوئال بولۇپ، ھەر بىر ئىنسانغا ئاللاھنىڭ زېمىنىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى شەرھىلىنىدۇ، ئىنسان قانداق بىر ئورۇندا ياشاپ ئۇ جايدا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا ئىمكانىيەت تاپالمىسا، ئۇ كىشى ئاللاھقا ئىبادەت قىلالايدىغان كەڭرى زېمىنغا ھىجرەت قىلىدۇ.

    ئۇ كىشى بۇ چوڭ جىنايەتتىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە بۇ قىلمىشىدىن قول ئۈزۈشى زۆرۈر بولىدۇ.

     بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئاسىيلىق قىلغان ۋە كۇپۇرلۇق قىلغان كىشىلەرگە يەتمەيدۇ، ھەقىقەتەن تەقۋادار كىشىلەرگىلا يېتىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَن يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا   تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى. [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

    شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق كىشى ئاللاھتىن ھەقىقى قورقىدىكەن، ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى لازىم تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇ كىشىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە كاتتا ساۋاپ بېرىدۇ، ئۇ كىشىگە ئاتا قىلىنغان ساۋابنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقتىن چىقىش يولى بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر كىشى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن چىقىش يولى بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھدىن قورۇقمايدىكەن، ئۇ كىشى قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە ئازغۇنلىققا چۈشۈپ قالىدۇكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلىرىدىن چېقىشقا قادىر بولالمايدۇ. ["تەيسىر كەرىمىل مەننان پى تەپسىر كالامۇل مەننان" 1026-بەت].

     ياخشى تۇرمۇش دېگەن مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ئەمەس بەلكى ھەقىقى تەقۋادارلىق، ئاللاھقا چىرايلىق تەۋەككۇل قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتۈلگەن رىزقىنى مۇكەممەل قىلماستىن ئۆلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

     جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئى ئىنسانلار! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، تەلەپنى چىرايلىق قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئىنسان رىزقىنى تولۇقلىماستىن ئۆلمەيدۇ، گەرچە رىزقى كېچىكىپ بولسىمۇ، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، تەلەپنى چىرايلىق قىلىڭلار، ھالالنى ئىلىڭلار ۋە ھارامغا قول ئۇزاتماڭلار. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى2144-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2-توم 207-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ بىرگە ياشىغان ئايالى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ئەھۋال بولىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت: ئايالنىڭ ئىددىتى توشماستىن بۇرۇن ئەر كىشى تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇلار يېڭىدىن نىكاھ ئوقۇتماستىن ئەسلىدىكى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىغا قايتسا بولىدۇ، بۇ قاراشنى كۆپچىلىك ئالىملار كۇچلاندۇرغان.

    شەيخ ئىبنى باز رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دىننى ھاقارەت قىلىش ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغان مۇرتەدلىكتۇر، شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنى ھاقارەت قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەت قىلىش ۋە ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولۇشمۇ مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق بولۇشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن. لېكىن بۇنىڭ ئۇ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن كىشنىڭ ئايالى تالاق ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تالاق قىلىنماستىن ئۇلارنىڭ ئارىسى ئايرىۋېتىلىنىدۇ، بۇ ئايرىۋېتىش تالاق بولمايدۇ بەلكى ئايال مۇسۇلمان ۋە ئەر كاپىر-مۇرتەد بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇرتەد بولغان ئەر تەۋبە قىلنغانغا قەدەر (تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولغانغا قەدەر)ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىشى چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئەر كىشى ئۇ ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە قايتسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇرۇنقىدەك ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، باشقا نىكاھ قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى بازىنىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"140-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى مۇرتەد بولۇپ كەتسە، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن، ئۇلارنىڭ نىكاھى بوزىلىدۇ، ئەگەر ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئەر كىشى تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى نىكاھى بويىچە قالىدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"19-بولۇم 2-بەت].

    ئىككىنچى ھالەت: ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخرلاشقاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارشى بويىچە ئۇلار يېڭىدىن نىكاھ ئەھدىسى قىلىپ ئەسلىدىكى تۇرمۇشىغا قايتسا بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى مۇرتەد بولۇپ ئايالىنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولمىسا، تۆت ئىمامنىڭ قارىشىدا شۈبھسزكى، ئۇ ئايال ئەردىن ئەردىن ئايرىلغان بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"32-توم 190-بەت].

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولسا، ئايالى بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇشنى خالىسا، ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولۇش كېرەك. لېكىن بەزى ئۆلىمالار: ئايال ئەر بىلەن يارىشىشنى ئۆزى ئىختىيار قىلغان بولسا، ئىددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتىدىن تۇرمۇشلۇق بولمىغان بولسا، بەلكى ئۆزنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدە تۇرغان بولسا يېڭىدىن نىكاھ قىلدۇرمىسىمۇ بۇرۇنقى نىكاھى بويىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئىختلاپىدىن چىقىش ئۈچۈن يېڭىدىن نىكاھ قىلدۈرىۋەتسە ياخشى بولىدۇ. كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ئەر تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئايال ئىددەتنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسا، ئايال ئەردىن ئايرىلغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يات ئايالغا ئۇرىلىدۇ، يېڭىدىن نىكاھ قىلمىغۇچە ئۇلار تۇرمۇش قۇرسا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى يېڭىدىن نىكاھ قىلدۈرۋېتىشى كېرەك دەيدۇ. بۇ ئەر تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلاشقاندا بولىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ ئىددىتى تۈگىمەستە ئەر تەۋبە قىلىپ مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇ ئايال بۇرۇنقىدەك ئايالى بولىۋېرىدۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى ئەسلىدىكىدەك داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللىرى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگرى مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكى نىكاھىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىغا رۇخسەت قلغان. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"140-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى